ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيەسى، بوغالتىرلىقى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيەسى، بوغالتىرلىقى

ۋاقتى: 2016-09-01 ئاۋاتلىقى: 514 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىركەت قەرز چېكى» بۇ يەردە!

 

8. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيەسى، بوغالتىرلىقى

 

1. مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مالىيە، بوغالتىرلىق دوكلاتى تۈزۈش 

 

شىركەتلەر قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيەگە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆز شىركىتىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

 

شىركەتلەر ھەر يىللىق بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە، بوغالتىرلىق دوكلاتى تۈزۈش ھەمدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. مالىيە، بوغالتىرلىق دوكلاتى: مالىيە-مۈلۈك قەرز سېلىقى جەدۋىلى؛ پايدا-زىيان جەدۋىلى؛ مالىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش جەدۋىلى؛ مالىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات؛ پايدا تەقسىمات جەدۋىلى قاتارلىق مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋەللىرى ۋە قوشۇمچە تەپسىلىي جەدۋەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە، مالىيە، بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ھەرقايسى پايچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

 

2. باجدىن كېيىنكى پايدىنى تەقسىم قىلىش

 

شىركەتلەر شۇ يىللىق باجنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى پايدىنى تەقسىم قىلغاندا، بۇ پايدىنىڭ 10%ىنى ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ قانۇنلۇق جامائەت جۇغلانمىسى فوندىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە بۇ پايدىنى 5%تىن 10%كىچە بولغان قىسمىنى ئاجرىتىپ، ئۇنى شىركەتنىڭ قانۇنلۇق جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا كىرگۈزۈش كېرەك. شىركەتنىڭ قانۇنلۇق جامائەت جۇغلانمىسى فوندىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ 50%ىدىن ئارتۇق بولسا، جامائەت جۇغلانىمىسى فوندىغا ئاجراتسىمۇ بولىدۇ.

شىركەتنىڭ قانۇنلۇق جامائەت جۇغلانمىسى فوندى شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمىسە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇنلۇق جامائەت جۇغلانمىسى فوندى ۋە قانۇنلۇق جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى ئايرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن شۇ يىللىق پايدىدىن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش كېرەك.


شىركەت باجدىن كېيىنكى پايدىدىن قانۇنلۇق جامائەت جۇغلانمىسى فوندى ئايرىپ قالغاندىن كېيىن، پايچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنىدا قارار قىلىش ئارقىلىق ئىختىيارەن جامائەت جۇغلانمىسى فوندىنى ئايرىپ قالسا بولىدۇ.

 

شىركەتنىڭ زىيىنى تولۇقلانغان ۋە جامائەت جۇغلانمىسى فوندى، قانۇنلۇق جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئايرىپ ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئاشقان پايدىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى پايچىلار چىقارغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.

 

3. جامائەت جۇغلانمىسى فوندى ۋە قانۇنلۇق جامائەت پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشى 

 

شىركەتنىڭ جامائەت جۇغلانمىسى فوندى شىركەتنىڭ زىينىنى تولۇقلاشقا، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ياكى شىركەتنىڭ كاپىتالىنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

 

شىركەت قالدۇرغان قانۇنلۇق جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئۆز شىركىتىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كوللېكتىپ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى