ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش --- كۈچ توپلاپ، ئۆز سېپىنى كېڭەيتىش(13)

ئىگىلىك تىكلەش --- كۈچ توپلاپ، ئۆز سېپىنى كېڭەيتىش(13)

ۋاقتى: 2016-10-06 ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، بىر ئەزىمەتنىڭ ئۈچ ئەگەشكۈچىسى بولۇر.
شىركەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئادەم بولۇشى، بىر ئادەم كەسىپ ۋە سىرتقى ئالاقە (بىر قىسىم مەمۇمىي ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن باج) ئىشلىرىغا مەسئۇل؛ يەنە بىرسى بولسا كەسىپ ئالاقە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، تۈردىن مەسىلە چىقماسلىققا مەسئۇل بولىدۇ. گەرچە مەھسۇلات سېتىش بولسىمۇ، يەنىلا بىر ئادەم مال كىرگۈزۈش يولىغا، يەنە بىرسى سېتىشقا، يەنە بىر ئادەم ئورتاق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولمىسا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن قىيىن.
ئۇنداقتا مۇشۇنداق شېرىك ھەمراھ قەيەردە؟
بىرىنچىسى بولسا شىركەت ئاچقان چاغدىكى شېرىك، شېرىكنىڭ پايدىسىمۇ مەسىلىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ئەگەر باشتىلا يالغۇز ئىش باشلىغان بولۇپ شېرىك يوق بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىڭ. بىز جەمەت خاراكتېردىكى كارخانىدىن ئاغرىنالمايمىز، ئەگەر بىر ئائىلە ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمىسا، ئائىلىدىلەرمۇ قوللىمىسا، بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىيات قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئويلاپ يېتەلەيمىز.
ئەگەر مەن بازار باش نازارەتچىسى بولسام، ئايالىم مەمۇرىي باش نازارەتچى، قىيىن ئاتام بولسا ئارقا سەپ تەمىنات باش نازارەتچىسى، تاغام بولسا يېڭىلىق يارىتىش باش نازارەتچىسى، تاغامنىڭ ئايالى بولسا مالىيە باش نازارەتچىسى، ئەڭ يامان بولغىنى مېنىڭ قىزىم بىراقلا باش مۇدىر بولۇشنى تەلەپ قىلىۋېلىشى مۇمكىن.
ئائىلە شىركىتى بولسا ئار بولغاندىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئىچكى سەرپىيات بولمايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئائىلىگە باغلىق. ئىشقىلىپ مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئائىلىدە ئىچكى سەرپىيات بولمىغان، ئىش بېجىرىش ۋە ئالاقە قىلشتا ناھايىتى خاتىرجەم، ئەگەر شىركەتنى كېڭەيتكەندە، ئۆلچەملىك بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
ئەگەر ئۆزىڭىز سىرتتا بولسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەر ياردەم قىلمىسا، قانداق قىلىسىز؟ ئۇنداقتا باشقا ئادەم تېپىش كېرەك.
#p#
ئادەم تېپىشتا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، شېرىك بولمىغان ئادەمنى تاپماڭ، ئىمكانقەدەر ناتونۇش ئادەمنى تاپماڭ، بىۋاسىتە ئىختىساسلىقلار بازىرىغا بېرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىز، ئورنى سەل يۇقىرى بولغاندا ھەر خىل خىزمەت ئىزدەش تورىغا ئېلان بەرسىڭىز، قىسقىچە تەرجىمىھال ھەرگىزمۇ ئاز بولمايدۇ، 500 يۈەنلىك ئېلان بەرسىڭىز، ئۇنى 50 پارچە قىسقىچە تەرجىمھالغا ئالماشتۇرۇشتا گەپ يوق.
بىراق ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى بىر مەسىلە، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن.
مېنىڭ بىر دوستۇم بىر خىزمەت ئورنىغا ئادەم قوبۇل قىلماقچى بولۇپ، ئېلانغا 1000 يۈەن مەبلەغ سالغان ئىدى، نەتىجىدە 300 پارچە قىسقىچە تەرجىمىھال كەلدى، ئۇ 50 ئادەمگە كېلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان، بىراق ئاخىرىدا ئۇنىڭغا بىرسىمۇ يارىمىدى.
بۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھنىنى كۈچمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.
بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا بىر خىل ئوخشاش خوجايىنلىق كېسىلى بار، يەنى يۇقىرى مائاش بەرمەيدۇ، ئەمما قابىل كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەتچىنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەگەر سىلەر شېرىك بولمىغان ھالدا كىممۇ سىزگە ئىشلەپ بېرىشنى خالايدۇ، پەقەت سىزدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆگىنىپ ئۆزى قاچماقچى بولسا ماقۇل بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئىشتا مەن قويغان ئۆلچەم ناھايىتى ئاددى، سەمىمىي گەپ ئاڭلايدىغان، كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىدىغان، خىزمەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغاندا، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش دەپ قارايدىغان، ھالقىلىق مەنبەنى ئۆزىدە ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولسىلا بولىدۇ.
ئىشقىلىپ بىر مۇۋاپىق خىزمەتچى تېپىش يەنىلا ئاشۇ بىر ئېغىز گەپ: تەقدىر!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى