ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن ھېسابات تالونى

پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن ھېسابات تالونى

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېھراندىن كەلگەن بىر ھېساب تالونى پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن. سېلىنغىنىغا يېرىم ئەسىردەك بولغان بىر كونا ئۆي، زاۋۇتتىن چىققىنىغا 30 يىلدەك بولغان بىر كونا ماشىنا، ئىككى تال تېلېفون، نۆل ئامانەتلىك قەرەلسىز ئامانەت كېنىشكىسى... مانا بۇلار ئېراننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى (ئەلباشى) نىجاد ئەھمەدنىڭ بارلىق بايلىقى بولۇپ، بۇ ئېراننىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك بىر پۇخراسىنىڭ بايلىقى بىلەن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. نىجاد ئەھمەدنىڭ بايلىق دوكلاتى ئاشكارىلىنىش بىلەنلا، كېشىلەرنىڭ كوچىمۇ-كوچا پۇل ھەققىدە سۆزلىشىش تېمىسى بولۇپ قالدى. 




مەندىكى بايلىقنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ
ئاۋامچە تۇرق، ئاددى-ساددا تۇرمۇش ئىزچىل ھالدا ئېراننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى (ئەلباشى) نىجاد ئەھمەدنىڭ «تامغىسى»دۇر. 
بۇ خىل ئاددى-ساددىلىقتىن نىجاد ئەھمەد ئەزەلدىن پەخرلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. شۇڭا، ئەلباش بولغاندىن كېيىن، نىجاد ئەھمەد ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەدلىيە باش نازارەتچىسىگە خۇسۇسىي مۈلۈك ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكىنى ئاشكارىلىغان تۇنجى ئېران يۇقىرى تەبىقە ئەمەلدارى بولۇپ قالغان. 
نىجاد كىچىكىدىن باشلاپ بىر باياشات بولمىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان، بەزىدە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۆيىدە قورساق تويغۇزۇشمۇ مۇمكىن بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. بۇ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاددىي پۇقرالار بىلەن پەرقسىز ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر. 
ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك تالونىدا، 40 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆي 175 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان كونا ئۆيدۇر. بۇ ئۆي تېھران شەھرىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكىلەر رايونىدىكى بىر كىچىك خالتا كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى بىر مەكتەپتۇر. 
بۇ ئۈچ ياتاقلىق ئۆيدە نىجاد ئائىلىسىدىكى بەش جان تۇرىدىغان بولۇپ، ئاساسەن ھېچقانداق ئائىلە جاھازلىرى يوق، ھەتتا كىرىسلو (سافا)مۇ يوق، گىلەممۇ ماشىنىدا توقۇلغان زاۋۇت گېلىمى بولۇپ، پۇلدارلارنىڭ ئۆيىدىكىدەك قولدا توقۇلغان گىلەم ئەمەس. نىجادنىڭ خۇسۇسىي ماشىنىسى 1977-يىلى زاۋۇتتىن چىققان رەڭسىز «مەردانە 504» تىپلىق ماشىنىدۇر. بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە ھەتتا ھاۋا تەڭشىگۈچمۇ يوق، خۇلۇم-خوشنىلىرى ئۇنىڭ ماشىنىنى دائىم يول ياقىسىدىلا توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. 
نىجادنىڭ مۈلۈك تالونىدا يەنە ئىككى قەرەلسىز ئامانەت كېنىشكىسى بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇ تېھران سانائەت پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور بولغاندىكى مائاش ھېساباتى بولۇپ، يەنە بىرى ئۇ ئېراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەردەبىل ئۆلكىسىگە ئۆلكە باشلىقى بولغاندىكى مائاش ھېساباتىدۇر. 
ھازىر بۇ ئىككى ھېساباتتىكى ئامانەت سوممىسى نۆل بولۇپ، ھېچقانداق پۇل سوممىسى يوق. 
نىجاد ئىلگىرى: «مەن مۇئەللىم بولۇش مائاشىغا ئاساسەن تۇرمۇش كەچۈرىمەن. ياراتقۇچىغا كۆپ رەھمەت، مەن ناھايىتى رازى... مەندىكى بايلىقنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ--مېنىڭ بايلىقىم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى قىزغىنلىقتۇر. بۇنىڭغا ھېچنېمىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.» دېگەن. 
خەلقئارا سەھنىدىكى كۈچلۈك ھۇجۇمچانلىق خاراكتېرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نىجادنىڭ خەلققە قالدۇرغىنى ئىجىل، خەلقپەرۋەر ئوبرازدۇر. 
ئۇ ئىزچىل ھالدا ئاۋام بىلەن كۈچلۈك بىردەكلىكنى ساقلىغان. تېھراننىڭ شەھەر باشلىقى بولغاندا، ئۇ تازىلىق ئىشچىسى كىيىمىنى كىيىپ شەھەر باشلىقى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. گالاستۇك تاقىماي، چوڭ-كىچىك كوچىلارغا كىرىپ پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. 
ئىگىلىنىشىچە، نىجادنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان كىچىك خالتا كوچىدا بىر بىخەتەرلىك بوتكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماشىنىسى ئۆيىدىن چىققاندا، ھەمىشە بىخەتەرلىك خادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنىڭغا قېلىن بىر توقام ياردەم سوراش خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. نىجادنىڭ خوشنىسىمۇ ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر ئىستىلىنى ماختاپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. 
ئۇنىڭ بىلەن 15 يىل خوشنا بولۇپ ئولتۇرغان بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قېتىملىق ئېران يېڭى يىلى كۈنى، نىجاد ھەمىشە خوشنىلىرىنى چاقىرىپ بىرلىكتە يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىكەن. يەنە بىر خوشنىسى مۇنداق بىر ئىشنى ئاشكارىلىغان: نىجاد شەھەر باشلىقى بولغاندا، بىر قاسساپقا پۇل بېرىپ، نامرات-يوقسۇللار كېلىپ گۆش ئالسا، ئۇلارغا ئېتىۋار قىلىشىنى ئېيتقان. نىجادنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ شەھەر باشلىقى بولغانلىقى سەۋەبلىك كىبىرلىك بولۇپ كەتمىگەن. 
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ دادىسى يەنىلا ئىنقىلابچى ئەترەت قارمىقىدىكى بىر ماگېزىندا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر قىزىمۇ مەكتەپتە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشمىگەن. نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاددى-ساددا، خەلقپەرۋەرلىك نىجادنى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۈردى، تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى نامرات دۇكان خوجايىنىدىن ئوتتۇرا ھال مۈلۈكلۈك شىركەت خىزمەتچىسىگە قەدەر ھەممىسى ئۇنى بىردەك قوللايدۇ ھەم: «ئۇ بىزنىڭ بىر ئەزايىمىز» دەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى