ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە، ئۈچىنچى قېتىمدا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە بولامدۇ؟

كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە، ئۈچىنچى قېتىمدا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە، ئۈچىنچى قېتىمدا مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە بولامدۇ؟

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن، كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، يەنە كېلىپ ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولسا، يەنە داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك:


(1) سىناق قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛
(2) ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(3) خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىغان، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا؛
(4) ئەمگەكچى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇشۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەسكەرتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان بولسا؛
(5) ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولغان بولسا؛
(6) قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان بولسا؛
(7) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتتىن باشقا سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان باشقا خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمىسا؛
(8) ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيەلەش ياكى خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشتىن كېيىن يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى