ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سودا جېڭى: ھەرقانداق تۈردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سودا ئاساسىي پىرىنسىپى

سودا جېڭى: ھەرقانداق تۈردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سودا ئاساسىي پىرىنسىپى

ۋاقتى: 2016-02-25 ئاۋاتلىقى: 1227 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن سودا ساھەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان، سانسىز ئادەملەرنىڭ ئۇتۇق قازانغىنىنى كۆردۈم، يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنىمۇ كۆردۈم؛ نۇرغۇن تۈرلەردىن نۇر چاقنىغىنىنى كۆردۈم، يەنە نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ خۇنۈك تۇرغىنىنى كۆردۈم؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەنمۇ پەقەتلا چەكسىز سودا دېڭىزىدىكى بىر كىچىك قۇشقاچ ئىدىم، كۆرۈپ چۈشىنەلمەيتتىم، كۆرۈپ تېگىگە يېتەلمەيتتىم، ھەمىشە ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش تەلەي ياكى پۇرسەت ئامىلىدىن بولغان دەپ قارايتتىم. لېكىن مەن مەغلۇبىيەتنى شەخسەن ئۆزۈم باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىكى بەزى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىدىغان تەرەپلەرنى بايقىدىم، ئۆزۈم يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىگە تايىنىپ تۈرنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن تۈرنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇئەييەن قانۇنىيىتى بارلىقىنى بايقىدىم. مەن ئۆزۈممۇ بەزىلىرىنى يەكۈنلىدىم، ھەمدە كونكرېت خىزمەتتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قەدەممۇ قەدەم ئىسپاتلىدىم ۋە يېڭىلىدىم، ھۆكۈمۈمنىڭ توغرا بولغانلىقى بارغانچە ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى. بىز تۈرنى يۈرۈشتىكى ئاساسىي قانۇنىيەتلەرنى ئاددىي قىلىپ يەكۈنلىدۇق ھەمدە بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئىشلىتىپ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى چوڭ كىچىك كارخانىلارنى دەڭسەپ كۆردۇق، نەتىجىدە 90 نەچچە پىرسەنت كارخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىدۇق. يەنە كېلىپ كۆپىنچە كارخانىلار مەن يەكۈنلىگەن بۇ پىرىنسىپقا رىئايە قىلمىغاچقا، بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا كۆپ مەسىلە چىقىپ، تەكرار توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن.
بەلكىم بەزىلەر، «يەنە نۇرغۇن ئادەملەر پۇل تاپتىغۇ؟ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان فوربېسنىڭ شەرەپ تىزىملىكىگە چىققان شۇنچە كۆپ بايلاردىن، سىز دېگەن ئاللىقانداق پىرىنسىپقا رىئايە قىلغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمىزغۇ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مىليونلاپ بايلىققا ئىگە بولمىدىمۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. مەن «پەرەز: بىر يېڭى سودا دەۋرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى» ناملىق ئەسىرىمدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشى بېشىغا تەقسىملىنىدىغان پايدا سىياسەتلىرىگە بازارنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر قوشۇلۇپ، زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا سەۋەب بولدى، پۈتكۈل سودا قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ پەقەت پۇرسەتكە تايانغانلىقتىن، توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن بولغان خالاس. خۇددى ئۆيىڭىزنىڭ يېنىدا يول ياسالسا، ئۆي ئورنۇڭلارنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ، سىز پۇل تېپىۋالغاندەكلا ئىش. لېكىن بۇنداق سودىنىڭ سودا ئاساسى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بازار سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ شىددەتلىك ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلگەندە، بۇنداق كارخانىلار ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋالغا قالىدۇ ھەتتا تاقىلىپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، بۇنداق كارخانىلار ئۇدا تەرەققىيات قىيىنچىلىقىغا پېتىپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، ھاياتلىق كۈچى ۋە ماسلىشىشچانلىقى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانى كەمچىل بولىدۇ. ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرغا قەدەر، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن شۇنچە كۆپ پۇل كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلەر بارلىققا كەلگەن، شۇ سەۋەبتىن باش-ئايىقىنى بىلەلمەي جاۋابقا قارايدىغان، ئۇ يەردىن ئازراق، بۇ يەردىن ئازراق كۆچۈرۈدىغان پاقىلار بارلىققا كەلگەن.
#p#
ئادەتتە، ھەرقانداق تۈر جەزمەن APDIA پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇ پىرىنسىپقا رىئايە قىلغاندىلا، ئاندىن تۈر يېتەرلىك سودا ئاساسىغا ۋە ئىچكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، تۈر مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ئاساسقا ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان كۈچلۈك شارائىتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر بۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلمىسا، مىكروبلوگ ئوينىغانلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، سودا قىلىدىغانلار، كارخانىچىلار تەرەققىي قىلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ، تىجارىتى كۈچسىز بولۇپ زورىيىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئادىمىگەرچىلىكتە بولسۇن ياكى كەسىپتە بولسۇن ئوخشاشلا باش قېتىنچىلىقى ۋە زىددىيەت كۆپ بولىدۇ. APDIA قانۇنىيىتىدە، بىرىنچى ھەرپ A تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش analysys نىڭ قىسقارتىلمىسى، analysys نىڭ دېمەكچى بولغىنى ئالدىنقى مەزگىلدىكى كەسىپنى ئانالىز قىلىپ بازارنى تەكشۈرۈپ سودا پۇرسىتى تېپىش؛ ئىككىنچى ھەرپ P، يەنى positioning نىڭ باش ھەرپى بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى ئورۇن بەلگىلەش، يۆنىلىشنى ۋە بوشلۇقنى توغرا بېكىتىش؛ ئۈچىنچى ھەرپ D، يەنى differentiation نىڭ باش ھەرپى بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى رىقابەتچىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش؛ تۆتىنچى ھەرپ I، يەنى Infiltration نىڭ باش ھەرپى بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى خېرىدار چاقىرىش، سېتىشتىن ئىلگىرى يېتەكلەش ياكى ئورۇن بەلگىلەپ ئالدىن قىزىتىش؛ بەشىنچى ھەرپ A، يەنى advertising نىڭ باش ھەرپى بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى دەل جايىدا خېرىدارلارنى ئويغىتىپ، ئورۇن بەلگىلەشنى كۈچەيتىش.
 
بىرىنچى، Analysys، ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىڭ!
مەن ئەسەرلىرىمدە نۇرغۇن قېتىم تۈر ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدە بازار ئانالىزى، بازار تەكشۈرۈش، كەسىپ ئانالىزى، رىقابەتچىلەر ئانالىزى قاتارلىقلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى، يەنى analysys دىن ئىبارەت بۇ باسقۇچنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بازار چوڭ مۇھىتى ۋە كىچىك مۇھىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كەسىپ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشىنىش كېرەك، يوشۇرۇن خېرىدارلار توپىنى، بازار بوشلۇقىنى، بازار سىغىمىنى، كەسىپنىڭ جايلىشىشىنى ۋە كەسىپ ھالىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۆزى ئىشلەيدىغان تۈردە بۇ ئىچكى ۋە سىرتقى شارائىتلاردىن قانداق پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. كەسىپ ئانالىزى قىلىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ پىكىرىدىكى كەسىپنىڭ جايلىشىش ۋە ئورۇن ئېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن قولايلىق ھالدا تۈرنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسىنى باھالىغىلى بولىدۇ. رىقابەتچىلەر ئانالىزى قىلىش ئارقىلىق، رىقابەتچىلىرىنىڭ سودا ئىلتىماسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سودا دەۋا تەلىپىنىڭ پۈركەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ھەمدە ئۆزىنىڭ سودا دەۋا تەلىپىنى كېڭەيتسە بولىدىغان دائىرىنى بايقاپ، مۇشۇنى ئاساس قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىستراتېگىيە تۈزۈشىگە ياردەم قىلىش كېرەك.
#p#
چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ ئىستىلىدا مۇنداق دېيىلگەن: ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىش، نەزەرىيە، يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، قوللىنىشچان ئىستراتېگىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تەجرىبە توپلاشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بىرىنچى قەدەمدە قىلىدىغىنىمىز دەل ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتۇر. تۈرنىڭ يۈرۈشۈشىدە تايىنىشقا بولىدىغان ئىچكى ۋە سىرتقى كۈچلەرنى تېپىپ چىقساق، تۈرنىڭ يۈرۈشۈشىدە مېڭىشقا بولىدىغان يېقىن يولنى تېپىپ چىقساق، رىقابەتچىمىزنىڭ سودا ئىلتىماسىدىكى بوشلۇقىنى، رىقابەتچىلىرىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەسىدىكى خاتالىقلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى تېپىپ چىقساق، بۇلارنى ئاساس قىلىپ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تۈر ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
مەن ئىلگىرى بىر دوستۇمغا ياردەملىشىپ كوللىگىن ئاقسىلىدىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى تەكشۈرگەن ئىدىم. مەن چوڭ كىچىك نەچچە يۈز تاللا بازىرىنى، نەچچە يۈز ئولتۇراق رايون ۋە مەكتەپنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ھەرقايسى قاتلامدىكى خېرىدارلار بىلەن چوڭقۇرلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ كوللىگىن ئاقسىلدىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خېرىدارلارنىڭ قاتلىمىغا ئەگىشىپ، تۆۋەنگە قاراپ ماڭغانچە بىلىدىغان خېرىدارلارنىڭ شۇنچە ئاز ئىكەنلىكىنى  بايقىدىم. بۇ خېرىدار قاتلىمىدىكى ئەھۋال. يەنە بىلىش قاتلىمىدا، كوللىگىن ئاقسىل مەھسۇلاتىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەخمىنەن بىلىدىغان كىشىلەر توپىدا، نۇرغۇن كىشىلەر كوللىگىن ئاقسىل مەھسۇلاتىنىڭ كونكرېت نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئاددىي قىلىپ يىغىنچاقلاپ بېرەلمەيدىكەن، بۇ بۇ بازاردىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتقا بولغان تەلەپنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردى. گەرچە بۇ بازاردا قارىماققا  مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى شۇنچە كۆپتەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قەدەم ئىگىرىلىگەن ھالدا بۇ بازارغا كىرىشنىڭ، بۇ بازارغا ئېرىشىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە كېلىپ مۇكەممەل ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ بار.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى: بازار قانۇنىيىتىنى بىلمىسە، ھەر قانچە ئېسىل كارخانا ياكى مەھسۇلاتمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ!
 
ئىككىنچى، Positioning يولنى بىلىڭ!
Positioning دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئىستراتېگىيە، كېيىن ئۇ ئاممىبابلاشتۇرۇلۇپ «ئورۇن بەلگىلەش» دەپ ئاتالغان. ئورۇن بەلگىلەش «يولنى بىلىش» نىڭ جەريانى. بىلىش ئىگىلەش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، چۈشىنىشتىن ئىبارەت، «يول»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى سودىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى، كىشىلىك خۇسۇسىيەتنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى، كىشىلىك خۇسۇسىيەتنىڭ ئاجىزلىقلىرى قاتارلىقلار، يولنى بىلىش دەل ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ پىكىر سىستېمىسىدىكى ئورنىنى، خېرىدارلارنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
#p#
ئورۇن بەلگىلەش بىر تۈرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئۇ تۈرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئورۇن بەلگىلىگەندىن كېيىن تەرەققىيات يولى ئايدىڭلىشىدۇ، يەنى كېيىن قىلىدىغان سېتىش يولى، سېتىشنى تېزلىتىش ، تېز سېتىلىدىغان مەھسۇلات دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، ئەگەر ئورۇن بەلگىلەش بولمىسا، بۇ پەقەتلا مەستنىڭ مۇشت ئېتىشى، قارىسىغا سۆزلىشى بولىدۇ. شۇڭا، كۈندە سودىسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئاغرىنىۋاتقان كىشىلەر مەلۇم داڭلىق شەخسنىڭ دانا تەدبىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تۈرى ۋە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىغا ئېنىق، ئاددىي ۋە توغرا بولغان ئورۇن بەلگىلەش قىلغان قىلمىغانلىقىغا قاراپ بېقىشى، قىلمىغان بولسا قىلىشى كېرەك.
 
يۇقىرىدا دېگەن كوللىگىن ئاقسىل تۈرىنى لايىھەلەش جەريانىدا، مەن بازار تەكشۈرۈش ۋە كەسىپ ئانالىزىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، نۆۋەتتە مەھسۇلاتقا بولغان تەلەپنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ئاددىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، يەنە كېلىپ خېرىدارلار پىكرىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالالمىغان ئىكەن، شۇڭا، تارقاتقاندىن كېيىن خېرىدارلار دەماللىققا ئېسىدە تۇتۇۋالالمىغان، چۈشىنىش ۋە پەرقلەندۈرۈشمۇ قىيىن، شۇڭا خېرىدارنىڭ قايتا سېتىۋېلىشى ۋە قايتىدىن تونۇشىمۇ قىيىن ئىكەن. نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ تەلىپى خېرىدارلارنىڭ پىكىرىگە يېتەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ نۆۋەتتە پەقەت بىر تەلەپ ئورۇن بەلگىلىشى ئاددىي بولغان مەھسۇلات بولسىلا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازارنى ئىگىلەپ خېرىدارلارنىڭ تونۇشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەن مۇشۇ نۇقتىنى ھەمدە نۆۋەتتىكى پۈتكۈل كەسىپ دۇچ كېلىۋاتقان يۈزلىنىشنى كۆرۈپ يەتكەچكە، كەسكىن ھالدا مەھسۇلاتقا ئورۇن بەلگىلەشنى بىرنەچچە خەتلىكلا قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولۇش، قورۇق يوقىتىش دېگەن سۆزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىش، خېرىدار بىر قېتىم ئاڭلاپلا تولۇق چۈشىنەلەيدىغان ھەمدە ئېسىدە ساقلىيالايدىغان بولۇش، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە قورقۇش ۋە ھېسداشلىق ھېس قىلدۇرالايدىغان قىلىش تەكلىپىنى بەردىم. پەقەت مۇشۇ ئاددىيغىنا ئورۇن بەلگىلەش تەسۋىرى ئۈچۈنلا، مەن بىر خېرىدارلار تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردىم، بىرنەچچە تاللا بازىرىدا، بىر توپ سېتىشنى تېزلىتىش خادىملىرىنىڭ ئالدىدا دېگەندىن كېيىن، كىشىلەر نېمىشقا بۇ يەرگە ئەكېلىپ ساتمايسىلەر دەپ سورىدى، خېرىدارلار بىردەمدىلا ماركىنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپلا قالماي، يەنە ھەدەپ مەندىن قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراشتى.
مەن بۇرۇن ئورۇن بەلگىلەشنىڭ كونكرېت ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، ماركا ئىلتىماسى قالايمىقان، تونۇش قىيىن، ئېنىق بولمىغان، بىرخىللىشىش رىقابىتى كۈچلۈك بولغان شارائىت ياكى ئورۇن ياكى كەسىپلەردە، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر ئىش دەل توغرا بولغان ئورۇن بەلگىلەش بولۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە خېرىدارلارنىڭ چۈشىنىپ ئېسىدە تۇتۇۋېلىشىنى ۋە پەرقلەندۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش، خېرىدارلارنىڭ پىكىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش، شۇ ئارقىلىق سېتىش نەتىجىسىنى ۋە خېرىدارلار سادىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىغا يېتىش.
#p#
سانسىز ئەمەلىي مىساللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: ئورۇن بەلگىلەش سودا تۈر تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق ئىش. ئورۇن بەلگىلەش كەمچىل بولسا ياكى ئورۇن بەلگىلەش تەدرىجىي خىرەلىشىپ كەتسە، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پۈتۈن شىركەتنىڭ تەرەققىياتى نامەلۇم بولۇپ قېلىپ ھەتتا بازار ئېچىش بۆلۈمىدىكىلەرمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيدۇ، سېتىش قىيىنلىشىدۇ. 
 
ئۈچىنچى، Differentiation، باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇڭ!
كۆپچىلىك بىر ھادىسىگە دىققەت قىلدىمۇ يوق بىلمىدىم، ئۇ بولسىمۇ كۆپىنچە كىشىلەر كىيىم سېتىۋالغاندا ئوخشىمايدىغاننى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوخشىمايدىغان رەڭلىكنى، پاسوننى، نومۇرنى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان خېرىدارمۇ، باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغاننى بىرقەدەر ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن يەيدىغان تاماق، ئولتۇرىدىغان ھالەت، كىيىغان كىيىمنىڭ شەكلى، ھەتتا چاچ پاسونى، ئايىقىنىڭ پاسونى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىدە باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى چۈشىنىش ئاسان، پىسخىكاشۇناسلىق ۋە ھەرىكەتشۇناسلىقتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم خاسلىقنى بىرقەدەر ياخشى كۆرىدىكەن، ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن پەرقلىق بولۇشىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۆزىنىڭ دۇنيادا بىر بولۇشىنى ياقتۇرىدىكەن... كىشىلەر مۇشۇنداق يوشۇرۇن ئاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقىلا، قالتىس ھاياتنى ياراتقان.
ھەممىگە ئايانكى، سودا تۈرىنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، يەنى ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كېلىشى كېرەك، بۇ «يول» غا ئۇيغۇن كەلگەنلىك. بۇ سودا تۈرى تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن پەرقلىق بولۇشىنى بەلگىلىگەن، بولمىسا سودىنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا سېتىش ئاساسىنى يوقىتىپ قويىدۇ، تەرەققىيات مەركىزىي نۇقتىدىن يىراقلىشىدۇ-دە، تەبىئىيكى، كەينىدىن قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى بىكار ئاۋارە بولغانلىق بولىدۇ.
پەرقلىقلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەن كۆپ سۆزلىدىم، ئۇ مەھسۇلات، مۇلازىمەت، سېتىش، ۋاقىت قاتارلىق ھەرخىل پەرقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرقلىقلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە مەقسىتى، تۈرىڭىزنى تېز سۈرئەتتە دۈشمىنىڭىزنىڭكىدىن پەرقلەندۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پەرق ئېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. سودا جەريانىدا، ئېنىق پەرقلىقلەندۈرۈش خېرىدارلارنىڭ قارار چىقىرىشىدا بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىسال ھېلى ئۇنداق ھېلى مۇنداق دېگەن تەمسىل. مايمۇنغا ئورمان ياڭىقى يېگۈزمەكچى بولۇپ، «ئەتىگەندە ئۈچنى، چۈشتىن كېيىن تۆتنى بەرسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىسا، مايمۇن قاتتىق خاپا بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن گەپنى ئۆزگەرتىپ «ئەمىسە مۇنداق بولسۇن، بىز ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلدۇق، ساڭا ئەتىگەندە تۆتنى، چۈشتىن كېيىن ئۈچنى بېرەيلى، سېنىڭچە قانداق؟» دەپتۇ. مايمۇن خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىپتۇ. كۆپچىلىك چۈشەندىڭلارمۇ يوق؟ مانا بۇ تىپىك پەرقلىقلەشتۈرۈش. بۇ ئىلتىماستىكى پەرق.
مەسىلەن تاۋباۋدىكى يۈنىفاڭ (御泥坊) مالنى ئەۋەتكەندە، بىر تال ئۇرۇقنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ، بۇمۇ بىر خىل پەرق، مۇلازىمەتتىكى پەرققە تەۋە، بۇرۇن تولۇق سومما تاپشۇرۇلاتتى، ھازىر رەنىلىك قەرز قىلسا بولىدۇ، بۇ سېتىشتىكى پەرققە تەۋە. مەسىلەن بىر نەرسە ساتقاندىمۇ مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەشنى يولغا قويسا بولىدۇ، بۇمۇ سېتىشتىكى پەرققە تەۋە.
#p#
تەلەيگە تايىنىپ تاماق يەيدىغان، كاللا ئىشلىتىپ مەسىلىنى ئويلىنىشنى خالىمايدىغانلاردىنمۇ ئەخمەق ئادەم بولمىسا كېرەك، كۈندە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھەرقانچە ياخشى پىكىرنى بەرسىڭىزمۇ ئاڭلاپ تېگىگە يېتەلمەيدۇ، قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش باشقىلارنى دوراش، كۆچۈرۈش ۋە يەنە كۆچۈرۈش، بۇنداق ئادەملەر ۋە بۇنداق كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىشى ئىنتايىن نورمال ئىش.
تەكەللۇپسىزلا ئېيتىمەنكى، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ %90 تىن كۆپرەكى پەرقلىقلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۈشەنمەيدۇ، بۇ كارخانىلارنىڭ يامان خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ قاينىمىغا چۈشۈپ قېلىپ ئامالسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن: تەخمىنەن %99 ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئەمەلىي كەسىپ، گومېي لىنىيەدە، سۇنىڭ لىنىيەدە، يىشۈن. LED قىلىدىغانلار، كىيىم-كېچەك ئىشلەپ چىقىرىدىغانلار، ئاياغ ئىشلەپچىقىرىدىغانلار، ئائىلە سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغانلار، تاللا بازىرى ئاچىدىغانلار، ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغانلار، ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
 
تۆتىنچى، Infiltration، ئاستا-ئاستا مېنى ياقتۇرۇپ قالىسىز!
ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى بىر قىسىم ئەخمەق سودىگەرلەر، ئۇلار ئۆزىنى پۇلدار چاغلاپ، كارخانا قۇرۇپ مەھسۇلاتنى ئىشەپچىقىرىپ قويۇپلا، پۇل خەجلەپ ئېلان چىقىرىدۇ، ھېلىقى مەدەنىيلەشمىگەن دەۋردىكىدەك چاغلاپ، بىر ئېلان بېرىپ قويسىلا بىر ماركىنى ياراتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇلنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ مەسىلىسى، ئىستراتېگىيەنىڭ مەسىلىسى. ئىككى ئادەم ئۇرۇشسىمۇ ئالدى بىلەن تەييارلىق ھەرىكىتى قىلىپ بەدەن قىززىتىدىغۇ، تۈر ئىشلەشتەك بۇنداق چوڭ ئىشقا تېخىمۇ تەييارلىق قىلىش كېرەكتە!
يەنە كېلىپ، بۇ بىر ئۇچۇر دېڭىز دولقۇنلىرىدىنمۇ كۆپ بولغان جەمئىيەت. كىشىلەر بۇنچە كۆپ ئۇچۇرغا قارىتا قانداق تاللاشنى بىلەلمەيلا قالىدۇ، شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ داغدۇغىلىق ئېلانلارنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ھەتتا خېرىدارلارنىڭ شىددەت بىلەن چەتكە قېقىشىغا دۇچ كېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، قانداق قىلىپ خېرىدارلارغا ئۆزىمىزنىڭ ماركىمىزنى قوبۇل قىلدۇرىمىز؟ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىدىغان سېتىش ئۇسۇلى بىلەن! خېرىدارلار قىزىقىدىغان تېمىلار ياكى مەسلىھەت سوراش ياكى پائالىيەت قاتارلىق خېرىدارلارنى «ئاكتىپ» قاتنىشىشقا جەلپ قىلىمىز، خېرىدارلار «ئاكتىپ قاتناشقان» ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مەھسۇلات ياكى ماركىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.
پۈتكۈل جەريان مۇنداق: كۆپچىلىكنىڭ مەجبۇرىي ئېلانلارغا بولغان قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، قەلبى تاقالغان بولىدۇ؛ كۆرۈنۈشتىن پايدىلىنىپ ھېسسىياتنى سىڭدۈرگەندە، قەلبى ئېچىلىدۇ، كۆرۈنۈش بىلەن قوشۇلۇپ ماركىمۇ ئېسىدە قالىدۇ، ماركىنى ئۆز ھېسسىياتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ، ماركىمۇ شۇنىڭلىق بىلەن بىر ئورۇنلىشىشنى تاماملايدۇ، مۇۋاپىق ۋاقىت ياكى كۆرۈنۈشكە يولۇققاندا، بۇ خىل خاتىرە ئويغىنىدۇ، ماركىمۇ كاللىسىدا پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ سىڭىپ كىرىش شەكلىدىكى سېتىش ئارقىلىق ماركا تىكلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانى.
#p#
تەننەرخ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىڭىپ كىرىش شەكلىدە ماركا تىكلەشنىڭ باھاسى تۆۋەن قاپلاش دائىرىسى چوڭ؛ ئۆزگىرىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل بىۋاسىتە سېتىش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئېلانغا ئوخشاش پەقەت خېرىدارقا بىر تەسىر بېرىپلا بولدى قىلمايدۇ. مەسىلەن ناۋبەيجىن. ناۋبەيجىن سېتىلىشتىن ئىلگىرى شى يۈجۇ گۇروپپىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ھەرقايسى جايلاردىكى گېزىتلەردە ۋە باشقا ۋاسىتىلەردە كۈتۈنۈشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلدۇردى، بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەپەككۇرىنى قوزغىدى، ئاندىن شى يۈجۇ داۋاملىق مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياشلىقىنى ساقلاشنىڭ كىشىلەرگە بولغان مۇھىمىقىنى سۆزلەپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئىنتىزارلىقىنى قوزغىدى. مۇشۇ جەريانلار ئالدىنقى مەزگىللىك سىڭىپ كىرىشكە تەۋە، سىڭىپ كىرىشنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئېچىش ھەمدە ماركا ئىلتىماسىنى ئۇستىلىق بىلەن خېرىدارلارنىڭ پىكرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش. ئاندىن شى يۈجۇ ئېلان شەكلىدە كىشىلەرنىڭ پىكىر سىستېمىسىدا ساقلانغان ماركا ئىلتىماسىنى ئويغىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىگە بولۇش ئىستىكىنى قوزغىدى، نەتىجە كۈتكەندىكىدەك بولدى، ناۋبەيجىن ئۇدا نەچچە يىل سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى، ناۋبەيجىندىن ئىبارەت بۇ ماركىمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى: سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلىدا ماركا تىكلەپ تىجارەت قىلىش، ھازىرغا قەدەر بولغان ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ياخشى قىلالىسا، ئەڭ تۆۋەن تەننەرختە پۈتۈنلەي يېڭى ماركا تىكلەپ غايەت زور كىرىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىلمىسە، قەپەستىكى قۇشتەك، ھەرقانچە ياخشى نەرسىمۇ پاتقاققا چىلىنىپ يېتىپ كۈن كۆرەلمەيدۇ. مەسىلەن يىگۇەن تورى، پەيدەي تورى، يەنە مەسىلەن كوللىگىنلىق ئاقسىل، بىر قىسىم ئاق ھاراق تۈرلىرى، بىر قىسىم ئۆي جاھازلىرى، بىر قىسىم ئېلېكتىر سايمانلىرى، بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلەر، سىز ناچار ئەمەس، بەلكى سىز قىلچىمۇ چۈشەنمەيسىز، مانا مۇشۇنداق.
 
بەشىنچى، Advertising، جانلاندۇرۇڭ!
بايا بىز ماركا تىكلەش جەريانىدا سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خېرىدارلارنىڭ پىكرىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، خېرىدارلارنىڭ پىكىر ئەندىزىسىدىكى مۇشۇ تۈر، مۇشۇ ماركىغا بولغان دەسلەپكى تونۇشقا  ئېرىشىش، بىز ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان مەھسۇلات ئىلتىماسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خېرىدارلارنى بىز بەرپا قىلغان كەيپىياتتىن تەسىرلەندۈرۈش، مۇۋاپىق بولغان ۋاقىتتا، ئېلان ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئويغىتىپ، تەكرارلانغان ھالەتنى قايتا تونۇش جەريانىدا خېرىدارلارنىڭ كەيپىياتىدا كۈچلۈك بىردەكلىكنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىچقويۇن-تاشقويۇنلۇق دەرىجىسىگە يېتىش  توغرىسىدا سۆزلىگەن ئىدۇق. بۇ جەرياندا خېرىدار تەبىئىيلا ماركىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، بىزنىڭ ئورۇن بەلگىلىشىمىزنى ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ساداقەتمەنلىكمۇ بارلىققا كېلىدۇ.
ھەممىمىزگە ئايان، ھەرقانداق مۇزىكىنىڭ بىر يۇقىرى پەللىسى بولۇشى كېرەك، ئەگەر باشتىن ئاخىر تۈزلا بايان قىلسا، كىم ئېيتىۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەر بۇ ناخشا نېمانداق يېقىمسىز دەپ قالىدۇ؛ ئەگەر بىر ناخشا باشتىن  ئاخىر يۇقىرى پەللىدە بولسىمۇ (خۇددى ئېلاندەك) بولمايدۇ، خېرىدارلار ناھايىتى بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىشنىڭ پىرىنسىپىمۇ مانا مۇشۇنداق. ئىش قىلىش جەريانىدا، ئالدى-كەينىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازنى قوزغىتىپ، بارلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ناھايىتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقىرى پەللە بولۇشى كېرەك.
#p#
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىز يەنە ناۋبەيجىننىڭ مىسالىنى سۆزلەيمىز. ناۋبەيجىن سېتىلىشتىن ئىلگىرى، شى يۈجۇ گۇروپپىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ھەرقايسى جايلاردىكى گېزىتلەردە ۋە باشقا ۋاسىتىلەردە كۈتۈنۈشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلدۇردى، بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەپەككۇرىنى قوزغىدى، ئاندىن شى يۈجۇ داۋاملىق مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ قېرىشتىن ساقلىنىپ ياشلىقىنى ساقلاشنىڭ كىشىلەرگە بولغان مۇھىمىقىنى سۆزلەپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئىنتىزارلىقىنى قوزغىدى. مۇشۇ جەريانلار ئالدىنقى مەزگىللىك سىڭىپ كىرىشكە تەۋە، سىڭىپ كىرىشنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئېچىش ھەمدە ماركا ئىلتىماسىنى ئۇستىلىق بىلەن خېرىدارلارنىڭ پىكرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ كەيپىياتنى ئاشۇرۇش قىسمىغا تەۋە. ئاندىن شى يۈجۇ ئېلان شەكلىدە كىشىلەرنىڭ پىكىر سىستېمىسىدا ساقلانغان ماركا ئىلتىماسىنى ئويغىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىگە بولۇش ئىستىكىنى قوزغىدى، بۇ پۈتكۈل ئويۇننىڭ يۇقىرى پەللىسى.
 
نەتىجە كۈتكەندىكىدەك بولدى، ناۋبەيجىن ئۇدا نەچچە يىل سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ قەلبىدىكى ساقلىقنى ساقلاشتىكى بىرىنچى ماركىغا ئايلاندى. بۇ جانلاندۇرۇشنىڭ قالتىس تەرىپى، دەل جايىدا قىلالىسا، ھەيران قالغىدەك نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، جەزمەن ئېلاندىن ئىبارەت بۇ نامايان قىلىش شەكلىنى قوللىنىش زۆرۈر ئەمەس، قوللىنىشقا بولىدىغان باشقا شەكىللەرمۇ بار.
تۈر ئىشلەپ ماركا يارىتىش، خۇددى بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدۇ، بىز ھەر بىر ھالقىغا رېژىسسورلۇق قىلىپ، ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتا ۋە ھەر بىر قىستۇرما مۇزىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىز، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشنى ۋە ھېكايىنى بايان قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، كىنو ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ خېرىدار توپىمىزنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېىشىمىز كېرەك.
 
يەكۈن:
ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سېتىش غايەت زور سېتىش تورى قۇرۇش ئەمەس، بەلكى ماركا بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆرۈنمەيدىغان سېتىش تورىنى جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ قەلبىگە قۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىگە يوللاش. ئىستېمالچىلار ئىستېمال قىلغاندا بۇ مەھسۇلاتنى تاللايدىغان، مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر مەبلەغ سالغاندا بۇ كارخانىنى تاللايدىغان قىلىش. مانا بۇ داڭلىق ماركا بازارشۇناسىقى.
يۇقىرى دەرىجىلىك داڭلىق ماركا بازارشۇناسلىقى قانداق قىلىپ بىر ئەمەلىي مىسال تېپىپ كۆچۈرۈش ئەمەس، بەلكى ADPA قانۇنىغا ئاساسەن بىر ئېگىز-پەس قاينام تاشقىنلىق كىنوغا رېژىسسورلۇق قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ھوزۇرلىنىپ كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش، يەنە نەچچە قېتىم سېتىۋېلىپ ئېسىل مەھسۇلاتتىن قايتا ھوزۇرلىنىشنى خالايدىغان قىلىش.
 
قانچىلىغان ئىنتېرنېت تورى كارخانىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئەمەلىي گەۋدىلىك كارخانىلار قالايمىقان كارخانا باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ؟ قانچىسى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ تەدبىر بەلگىلەۋاتىدۇ؟ قانچىسى ھاماقەتلىك قىلىپ كارخانىنىڭ زىيان تارتىشىنى ھەتتا تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ؟؟؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت مۇشۇنچىلىكلا.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى