ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ئادەمنىڭ پىشپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ 6 خىل روشەن ئالامىتى

بىر ئادەمنىڭ پىشپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ 6 خىل روشەن ئالامىتى

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 3446 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ئادەمنىڭ پىشپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ 6 خىل روشەن ئالامىتى

جاڭ رۈيمىن


بىر ئادەمنىڭ پىشپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ 6 خىل روشەن ئالامىتى: نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالداراش؛ ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك، ھەردائىم ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئارىسالدا بولۇش، ئۆگىنىشكە قىززىقماسلىق، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋېلىش، ئۆز ئەسلىنى تاپالماسلىق؛ ئىش قىلغاندا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق؛ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزالماي، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى تۇتقا قىلىۋېلىش قاتارلىقلار. پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىڭىزنى بېسىپ چۈشۈپ مۇۋەپپەقىيەتكە قەدەم باسالايدىغىنىڭىزغا ئىشەنسىڭىزلا، سىز ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىسىز، بارغانچە پىشىپ يېتىلىسىز، شۇندىلا سىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز، ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان ۋاقىت ئەركىنلىكى، ئىقتىساد ئەركىنلىكى، روھىي ئەركىنلىككە قەدەم قويالايسىز!

 ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ياكى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ئۇنىڭ ياش قۇرامى بىلەن  مۇناسىۋەتسىز، پىشىپ يېتىلىش ياكى يېتىلمەسلىك پەقەت سىزنىڭ شەيئىلەرگە باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغىنىڭىزدا، قىسقىسى، باشقىلارنىڭ دۇنياسىنى ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىغا ئايلاندۇرالايدىغان ياكى ئايلاندۇرالمايدىغىنىڭىزغا باغلىق. بۇ جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر مەۋجۇت، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر كەمچىل بولىۋاتقان تەرەپلىرىنى تۈزەتمەيلا كىچىككىنە ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ كۈنلىرىنى شۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش بىلەنلا ئۆتكۈزۈپ يۈرىدۇ.


1. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ بىرىنچى خىل ئالامىتى: نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراش
ئۇ باھاردا ئۇرۇق تېرىپ، كۈز پەسلىدە ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغان ۋاقتىدا، دەسلىپىدە ئازراقلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قويۇپ ياكى كىچىككىنە بەدەل تۆلەپلا، ھالاۋىتىنى كۆرۈشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. (پىئانىنو، ئېنگلىزتىلى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەندە باشلىنىشىدا تەسرەك بىلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ بولالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇئان ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ.)
بىزنىڭ بۇ كەسپىمىز بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ھەم شۇنداق، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ سودىنى قىلىشقا كىرىشىدۇ، دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نەتىجىسىز بولۇپ قالسا، دەرھاللا ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ. ھەتتا بەزىلەر بىر ئايغا بارمايلا ۋاز كېچىدۇ، يەنە بەزىلەر 3 ئايلا بەرداشلىق بېرىدۇ، يەنە بىر تۈردىكىلەر بولسا يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇپلا ۋاز كېچىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىر قىسىم كىشىلەر شۇ كەسىپ بىلەن بىر يىل شۇغۇللىنىپ، ئىشنىڭ ئوڭ-سولىنى ئەمدىلا پەرق ئېتىشكە باشلىغاندا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىدۇ. مەن كىشىلەرنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق يېنىكلىك بىلەنلا ۋاز كېچىشنى تاللايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. ئەمما شۇنىسى ماڭا ئايان، ۋاز كېچىش بىر خىل ئادەت، بىر خىل ئەنئەنىۋى مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ ئادىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۆتكۈر نەزەرلىك بولۇشىڭىز كېرەك، يىراقلارغا نەزەر تاشلىشىڭىز زۆرۈر، يىراققا نەزەر تاشلاش بولسا كەلگۈسىگە نەزەر سالغانلىق بولىدۇ!
ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا ۋاز كېچىشنى تاللايدىغان كىشىلىرىمىزگە مېنىڭ پەقەت بىر جۈملە نەسىھىتىم بار: «مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەر مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، ۋاز كەچكۈچىلەر مەڭگۈ مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.» ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىش قىلغاندا ئاسانلا ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلىق تەھلىلچىسى ناپىلۇن شۇنداق دېگەن:
نامرات كىشىلەرنىڭ ئىككى خىل ئۈلگىلىك پىسخىك ھالىتى بار:
1) پۇرسەتكە نىسبەتەن مەڭگۈ «ياق» دەيدۇ.
2) ھەمىشە «بىر كېچىدىلا باي بولۇش»نى ئويلايدۇ.
بۈگۈن سىز ئۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەرسىڭىز، ئۇ مۇقىم ھالدا «ياق» دەيدۇ. سىز ئۇنىڭغا بۇ خىل سودا سانائەتنى باشقۇرۇش كەسپى بەك ياخشى دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇپ كەتسىڭىزمۇ، ئۇلار ئىككىلەنمەستىن سىزنى رەت قىلىدۇ. بۈگۈن سىز بىر ئاشخانا ئېچىپ مۇۋاپپەقىيەت قازاندىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ئاشخانىنى ئېچىپ ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈشكىچە بولغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىڭىزنى ئىچ-ئىچڭىزدىن  قايناپ تۇرۇپ دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارغا ئاشخانا ئېچىڭلار دېسىڭىز، سىز ئۇلارنىڭ ھەر-بىرلىرىنىڭ چوقۇم شۇ ئىشنى قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كېپىل بولالامسىز؟ سىز دېگەندەك قىلىدىغان ئادەم چىقامدۇ چىقمامدۇ؟ شۇڭلاشقا بۇ نامراتلارنىڭ ئىنتايىن ئۈلگىلىك بىرخىل پىسخىكىلىق ھالىتى، ئۇ پەقەت سىزگە: «سىز قىلالايسىز، ئەكسچە مەن قىلالمايمەن!» دەيدۇ.
بىر كېچىدىلا بېيىش شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، سىز ئۇنىڭغا ھەرقانداق بىر سودىنى تونۇشتۇرۇڭ، ئۇ بىرىنچى قىلىپ «پۇل تاپقىلى بولامدۇ يوق؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. سىز «بولىدۇ» دېسىڭىز، ئۇ دەرھاللا ئىككىنچى سوئالىنى، يەنى «ئاسانمۇ ياكى قىيىنمۇ؟» دەپ سورايدۇ. سىز «ئاسان» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى سوئالىنى سورايدۇ «تېزمۇ ئاستىمۇ؟» سىز «تېز!» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇ: «بولىدۇ، مەن قىلاي!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قاراڭ، ئۇ مانا شۇنچىلىك دەرىجىدە ساددا.
كۆپچىللىك ئويلاپ بېقىڭلار، بىز ياشاۋاتقان بۇ رېئال دۇنيادا ئەنە شۇنداق ھەم تېز، ھەم ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش جەريانىدا، بىز چوقۇم بەدەل تۆلەشنى بىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن سىز بەدەل تۆلەيسىز؟ چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك، ئادەم پەقەت ئۈمىد ۋە ئارزۇ ئۈچۈن ياشايدۇ، ناۋادا ئادەمدە ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتلىقىنىڭ ھېچقانداق مەناسى بولمايدۇ.
خۇددى پال ئېچىپ نەتىجىسىنى شۇنداق توغرا چىقىرىدىغان پالچىلارغا ئوخشاش، سىزنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىڭىزنى سىزگە ئېيتىپ بەرسە، سىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىڭىزنى، قايسى ۋاقىتتا خىزمەتكە چىققانلىقىڭىز، قايسى ۋاقىتتا توي قىلغىنىڭىز، قانداق ۋاقىتتا بالىلىق بولغىنىڭىز، 40 يېشىڭىزدا قانداق بولىدىغانلىقىڭىز، 50 يېشىڭىزدا قانداق بولىدىغانلىقىڭىز، كېيىن بالىلىرىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا ئالەمدىن ئۆتىدىغانلىقىڭىز... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە كۆرسىتىپ بەرسە، سىز يەنە بىر قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولىدۇ؟ ئازراقمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كىشىلەر پەقەت ئۈمۈت ۋە ئارزۇ ئۈچۈنلا ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز نېمىگە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك. سىز ۋاقىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ۋاقتىڭىزنى شۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلىشىڭىز كېرەك. پۇل تېپىش ئۈچۈن چوقۇمكى پۇل چىقىرىشىڭىز، يەنى مەبلەغ چىقىرىشىڭىز كېرەك. سىز يەنە قىززىقىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇمكى قىززىقىشىڭىزنى قۇربان قىلىشىڭىز كېرەك. سىز ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ئاۋۋال ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتىڭىزنى كېمەيتىشىڭىز كېرەك. لېكىن، شۇ بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق، سىزنىڭ نىشانىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە سىزنى چوقۇم نەچچە ھەسسىلەپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. بىر تال ئۇرۇقنى مىسال ئالساق، سىز ئۇنى تېرىغاندىن كېيىن، ياخشى پەرۋىش قىلسىڭىز (سۇغۇرۇپ، ئوغۇتلاپ، ئوتاپ، زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقۇتىپ) ھوسۇل بېرىدىغان ۋاقىتتا سىز يەنە بىرتاللا ئۇرۇققا ئەمەس نەچچە ئون تال ئۇرۇققا ئېرىشىسىز، ھەتتاكى شۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ھوسۇلغا ئېرىشىىشىڭىز مۇمكىن. بىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمىزمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەيلى سودا قىلىش جەريانىدا بولسۇن ۋەياكى تۇرمۇش ئۈستىدە بولسۇن، سىز چوقۇم بەدەل تۆلەشنى بىلىشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەسلىكىڭىز لازىم. دەرھاللا مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ دۇنيادا بىكارلىق تاماق ئالدىڭىزغا تەييار بولمايدۇ. ئاشۇنداق يېنىكلىكلىرىڭىز ۋە بىغەملىكىڭىز بىلەن سىز مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
چوقۇمكى ئاۋۋال بەدەل تۆلەشنى بىلىش زۆرۈر!


2. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ ئىككىنچى خىل ئالامىتى: ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك
ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، شۇ كىشى ئۆزىنى ئۆگەرتىشنى خالىمايدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى ھەم تەپەككۇر ھەرىكىتىڭىزنىڭ ھالىتىنى ئۆگەرتىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزدىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈزىتىشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرق ئۇنچىلا چوڭ ئەمەس، ساقلىنىۋاتقان پەرق پەقەتلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا. بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە نىسبەتەن، سىز مۇۋاپپەقىيەت قازانغانلاردىن ھەمدە مەغلۇب بولغانلاردىن سوراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ جاۋابى ھەرگىز ئوخشاش چىقمايدۇ. ھەتتاكى قارىمۇ-قارشى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ مەغلۇبىيىتىمىز بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنىڭ ناتوغرا بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەغلۇبىيەت. ئەڭ ياخشى بىر قېلىپ: «دەل سىز تەپەككۇر ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىزدە ھەرىكەت شەكلىدىكى ھوسۇلغا ئېرىشىش بولىدۇ، سىز ئۇرۇقنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىزدە ئادەت شەكلىدىكى ھوسۇل ئېلىش بولىدۇ، سىز مۇشۇ تۈردە ئۇرۇقلارنى داۋاملاشتۇرۇپ تېرىغاندىن كېيىن، سىزگە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئۆزگىچە بىرخىل مول ھوسۇل نېسىپ بولىدۇ. شۇ ئاساستا داۋام قىلىش جەريانىدا، سىزنىڭ تەقدىرىڭىز ئايدىڭلىشىپ بولغان بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تېرىغىنىڭىز بىرتال مەغلۇبىيەت ئۇرۇقى بولسا، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىزمۇ چوقۇمكى مەغلۇبىيەت بولىدۇ. ئەگەر سىز تېرىغان شۇ ئۇرۇق، مۇۋاپپەقىيەت ئۇرۇقى بولسا، سىز مۇتلەقكى چوقۇم مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشىسىز.
سىز باشقىلار مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەن شۇ ساھەدە سىزنىڭمۇ چوقۇم مۇۋاپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. پەقەت توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا ئاندىن ياخشى بولغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ چىقالايسىز. ئادىتىڭىز 21 كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن، سىز ئۆزىڭىزدە قەتئىلىك بىلەن  ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتەك خاسلىقنى يارىتىسىز.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن يامان ئادەتلىرى بار. مەسىلەن: تېلېۋىزور كۆرۈش، شاخمات ئويناش، ھاراق ئىچىش... ئۇلار بۇ خىل ئادەتنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن تۈزىتىشنى خالىمايدۇ؟ چۈنكى كۆپ سانلىق كىشىلەر شۇ خىل ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بەرداشلىق بېرىشكە رازىكى، يامان ئادەتلىرىنى تۈزىتىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئازاب-ئۇقۇبەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشنى قىلچە خالىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تېپىشقا رازى بولىدۇ. ناۋادا تۇرمۇش جەريانىدا سىز باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تېپىشقا ئامراق بولسىڭىز، ھامان بىر كۈنى شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىسىز، جۇڭگۇچە ئاتالغۇ بىلەن ئېيتساق، ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا!
پاسسىپلىق بىلەن ئىنكار قىلىش، ئاغرىنىش
سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا قايسى ئادەملەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز؟ ئاشۇ پۈتۈن كۈن چىرايىنى ئاچماي يۈرىدىغان، ھەر دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرمۇ ياكى ھەركۈنى خوشال-خورام يۈرىدىغان، كەڭ قورساق ئادەملەرنىمۇ؟ ئەگەر سىز يوقىرىدا دەپ ئۆتكەنگە ئوخشاش ھەردائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان، سوغۇق چىراي ئادەم بولسىڭىز، سىز چوقۇم خارەكتېرىڭىزدىكى شۇ كەمچىللىكنى تۈزىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۆزگەرتمىسىڭىز، سىز بۇ جەمئىيەتكە ماسلىشالماي قېلىشىڭىز، باشقىلار بىلەنمۇ تەسلىكتە ھەمكارلىشىشىڭىز مۇمكىن.
تۇرمۇشتا، شۇنداق بىر نەرسىلەرنى بىلىشىڭىز لازىم، سىز تۇرمۇشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتسىڭىز، تۇرمۇشمۇ سىزگە شۇخىل پوزىتسىيەدە بولىدۇ، سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولسىڭىز باشقىلارمۇ سىزگە شۇخىل مۇئامىلىدە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز سوغۇق چىراي بولماڭ، باشقىلاردىن ئاغرىنىپمۇ يۈرمەڭ. سىز چوقۇم ئاكتىپ بولۇشىڭىز كېرەك. مەڭگۈ شۇخىل ئاكتىپلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىڭىز كېرەك. كونىلارنىڭ شۇنداق بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى بار: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ ئاغرىنمايدۇ، ئاغرىنغۇچىلار مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
3. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ ئۈچىنچى خىل ئالامىتى: ھەردائىم ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئارىسالدا بولۇش
بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقى تۆۋەندىكىدەك 5 خىل ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
1) كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش؛
2) ساغلام بولغان تەن؛
3) ياخشى بولغان كىشىلىك ئالاقە؛
4) ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛
5) ئىقتىسادنى ياخشى كونترول قىلىش؛
ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇمكى بۇ 5 خىل ئامىلنى ياخشى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن كەيپىياتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز؟ تەن سالامەتلىكىنى بولسا ئىككىنچى ئورۇنغا قويىمىز؟ چۈنكى سىزدە ساغلام بولغان تەن بولغىنى بىلەن، ئەگەر كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىسا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ %20 تى ئەقىل بۆلۈنمىسىگە (ئەقلىي ئىدراكىغا)، قالغان %80 تى كەيپىيات ياكى پىسخىكا جەھەتتىكى ماسلىشىش ئىقتىدارىغا باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلىشىڭىز كېرەك. كەيپىياتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا، كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبلىك تېرىكىش ياخشى ئىش ئەمەس. خۇددى ماھارەت چولپىنى شىتەيلوڭ دەپ ئۆتكىنىدەك: ئۆتمۈش بۈگۈنگە تەڭ بولالمايدۇ، پەقەت مۇۋەپپەقىيەتنى ۋاقىتلىق توختىتىش بولىدۇ خالاس. ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدە چوقۇم سەۋەب بار بولىدۇ، چوقۇم بىزگە ياردىمى بولىدۇ، سىز چوقۇم ھەردائىم ئۆزىڭىزگە مۇنداق دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ: بۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ۋە خارەكتېرىمنى چېنىقتۇرىدىغان بىرىنچى كۈنۈم!
شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش جەريانىدا، سىز قانداق بىر پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىڭىز كېرەك؟ سىز «3 ياق»: تەنقىتلىمەسلىك، ئاغرىنماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىق؛ «3 كۆپ»: كۆپرەك مەدەت بېرىش، كۆپرەك تەقدىرلەش، كۆپرەك مەدھىيەلەشنى يېتىلدۈرىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا سىز جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئاممىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن ئادەم بولالايسىز.
قېنى ئويلاپ بېقىڭ، سىز بىركۈندە قانچە ئادەمنى مەدھىيەلىدىڭىز؟ بەزى كىشىلەر مەدھىيەلەشنى «كۆككە كۆتۈرۈش»، «خوشامەتچىلىك» دەپ قارىشى مۇمكىن، مەدھىيەلەش ۋە كۆككە كۆتۈرۈشنىڭ پەرقى بار، مەدھىيەلەش 4 خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1) راستچىل، سەمىمي بولىدۇ؛
2) كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققا بولىدۇ؛
3) ئامما تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ؛
4) شەخسىيەتسىز بولىدۇ؛
ئەگەر سىز مەقسەتلىك ھالدا باشقىلارنى مەدھىيەلىسىىڭىز، بۇ دەل خوشامەتچىلىك بولىدۇ. سىز باشقىلارنى تەنقىتلەشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا، چوقۇمكى تىلىڭىزنى مىدىرلاتماسلىقىڭىز كېرەك!
4. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ تۆتىنچى خىل ئالامىتى: ئۆگىنىشكە قىززىقماسلىق، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋېلىش، ئۆز ئەسلىنى تاپالماسلىق
ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلار ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ماسلىشىپ ياشايدىغان ئورتاقلىقلار بولغاندىن سىرت، ھايۋاناتلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ئادەملەرنىڭكىدىن كۈچلۈك. ئەمما، ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئىنسانلار تەپەككۇرقىلالايدۇ، ئويلىنالايدۇ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ. سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى تەبىئىي تالانتىڭىزنى كۆمۈپ قويماڭ، چوقۇم ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، چوقۇمكى ئەركىن ئازادە بولغان پىسخىك بوشلۇقىڭىز بولسۇن. بىز كىمدىن ئۆگىنىمىز؟ دەل شۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلارنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ شۇلاردىن ئۆگىنىمىز!
سىز چوقۇم ئاكتىپ بولغان، قوللىنىشچانلىقى يوقىرى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق مۇنداق سەلبىي، يۈزەكى نەرسىلەرنى نەزەرگە ئېلىپمۇ يۈرمەڭ. ئەگەر سىز ئاشۇ زەھەرلىك ئىدىيەنى قۇبۇل قىلىپلا قالسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ زېھنىڭىزنى ھەم ھاياتلىقىڭىزنى  چىرىتىپ تاشلايدۇ. ھازىرقى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، ئۆگىنىش سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە يول ئاچىدىغان پاسپورتىڭىز ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىرخىل سۈرئەتتە، ئۆزگىرىش داۋامىدا، كىرزىس بىلەن تولۇپ تاشقان دەۋردە سىز توختاۋسىز ئۆگەنسىڭىزلا ھەرگىزمۇ دەۋر تەرىپىدىن ئىرغىتىپ تاشلانمايسىز، چوقۇم ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆ ئەسلىڭىزنىمۇ ئۇنتىماڭ. ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سېلىڭ. «ئۈچ ئادەم سەپەرگە چىقسا، چوقۇم بىر باشچى بولۇشى كېرەك!»


5. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ بەشىنچى خىل ئالامىتى: ئىش قىلغاندا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق
كۆپ سانلىق كىشىلەر بىرەر ئىشقا قول سېلىپ كۆرمەستىنلا بۇ كەسىپنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەكلا يوقىرى ئىكەن، قىلغىلى بولمىغۇدەك دېيىشىدۇ. بەزىلەر قىلىپ كۆرىدۇ، بەزىلىرى سەۋەبنى ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجدىمائىي مۇھىتتىن كۆرىدۇ، ھەتتاكى «بىزنىڭ بۇ يەر بەكلا نامرات رايون، بۇنداق كەسىپلەرنى بۇلار قۇبۇل قىلالمايدۇ، توردىكى مەۋھۇم نەرسىلەرنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلمايدۇ.» دېيىشىدۇ. بۇ پەقەت شۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقارغان ئادەمنىڭ يۈزەكى قارشى، ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتنى ئازراقمۇ چىقىش نوقتىسى قىلىپ ئويلىنىپ كۆرۈپ باقمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ بېرىشىنى خالىمايدۇ. ئەمەلىي مىسال ئالساق، شاڭخەي خەنرۈيگە 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، ئۆزىنىڭ كارخانىلىق مەۋجۇدىيىتىنى ھەقىقى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۈلگىلىك كارخانىلار ھېلىھەم يوقاپ كەتكىنى يوق. لېكىن ھېلىقىدەك پاسسىپ ئىدىيەدىكى كىشىلەر بۇ خىل ئەمەلىيەتكە يەنىلا نەزەر سالمايدۇ. ئىقتىساد ئاللىبۇرۇن شاڭخەينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ بولدى. ئۇلار يەنىلا بۇ خىل ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ. ھازىر تور جەمئىيىتى ئالغا قاراپ يۈكسىلىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەتتا ھەربىر ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەمەلىيەتنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. ئەكسىچە تور سودىسى بولسا بازىرى كېڭىيىۋاتقان كەسىپ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىلىپ يېتەلمەيدۇ. 2008-يىلى، تورنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2.5 تۈمەندىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلار يەنىلا بۇنى كۆرەلمەيدۇ.


6. پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ ئالتىنچى خىل ئالامىتى: بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزالماي، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى تۇتقا قىلىۋېلىش
بىز ئۆزىگە ئىشىنىشنى باشلىنىش نۇقتىسى، بەرداشلىق بېرىشنى بولسا ئاخىرلىشىش نۇقتىسى دەيمىز. يەنە شۇنداق بىرقىسىم كىشىلىرىمىز باركى، ئىش قىلغاندا ئەسلا ئىخلاسلىق بىلەن قىلمايدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئىش قىلىدۇ. ئۆزى قىلىۋاتقان شۇ ئىشقا نىسبەتەنمۇ %100 ئىشەنچىسى يوق بىخۇت ھالەتتە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىشىنىش ۋە ئىخلاس بىلەن بېرىلىش ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇم. ئىشىنىشنى بولسا كۆرگىلى بولىدۇ، ئىخلاسمەنلىكنى بولسا كۆرگىلى بولمايدۇ. خۇددى سوتسىيالىزىمغا ئوخشاش، قېنى كىم ھازىر سوتسىيالىزىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىدى؟ ئەمما سوتسىيالىزىمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ، شۇنىڭدىن باش كۆتۈرمەي خىزمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى تەقدىم قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز مەۋجۇت. چۈنكى ئۇلار سوتسىيالىزىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا يۈكسەك ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ سوتسىيالىزىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىنى يوق، ئەمما ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ خالاس. ئۇلار تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان نەرسىنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، مانا بۇ ئەقىدە قىلىش، مانا بۇ ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئەقىدە باغلاش!

ئەقىدەــئىنسانلارنىڭ بىرخىل پىسخىك ھالىتى. ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشىغا ئەقىدە قىلالمايدۇ، ھەدەپ باشقىلارنىڭ دېگىنى بىلەنلا ئىش كۆرىدۇ. سىز تاغ چوققىسىغا چىقماقچى بولسىڭىز، شۇ چوققىغا چىقىپ باققان كىشىلەردىن سورىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ چىقىپ باقمىغان ئادەمدىن سورىمايسىز. كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ «بوۋاي بىلەن نەۋرىنىڭ ئىشەك سېتىشى» دېگەن ھېكايىنى ئاڭلاپ باققانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇلار ئىككىسى باشقىلارنىڭ سۆزىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ئىش كۆرگەنلىكتىن، ئاخىرىدا ھەتتا ئىشىكىنىمۇ ساتالمايدۇ. بىز بۇ يەردە باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماڭ دېمەكچى ئەمەس، سىز باشقىلارنىڭ پىكىرىدىن پايدىلانسىڭىز، قۇبۇل قىلغۇدەك جايلىرىنى قۇبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شۇ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ شۇ ئىشنى قىلىشىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، كۆزلگەن نىشانىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىشىلىك ئوبرازىڭىزنى يارىتىش  ئۈچۈن. باشقىلارنىڭ سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك، پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان ياكى قازىنالمايدىغانلىقىڭىزغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدىلا ئاندىن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلەيسىز. سىزنىڭ تاللىغىنىڭىز توغرا بولسا، باشقىلارنىڭ سىزنى نېمە دېيىشىگە مەڭگۈ پىسەنت قىلماڭ.
بىر ئادەمنىڭ پىشپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ يۇقىرىدىكى 6 خىل ئالامىتىنى ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاپ كۆرۈڭ. قېنى قايسى بىرى سىزگە ماس كېلىدىكەن، ئەگەر سىزدە شۇخىل ئالامەتلەر ساقلىنىۋاتقان بولسا چوقۇمكى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىڭىزنى چوقۇم يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىزلا ئاستا-ئاستا تۈزىتىپ كېتەلەيسىز، بارغانچە پىشىپ يېتىلىسىز. شۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىز ئارزۇلىغان تۇرمۇشقا ئېرىشىسىز، شۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقىت، ئىقتىساد، روھىي ئەركىنلىكىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايقايسىز!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى