ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان كارخانىلار

دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان كارخانىلار

ۋاقتى: 2016-09-27 ئاۋاتلىقى: 1701 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان كارخانىلار

ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورگانلىرى يېقىندا ئۇدا ساپ پايدا ئېلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، 2015-يىللىق ئەڭ پۇل تاپقان 10 چوڭ كارخانىنىڭ رەت-تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7-ۋە 8-ئورۇنغا تىزىلدى. 2014-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يەنىلا جۇڭگو كارخانىلىرىدا بولغان. بۇلتۇرقى «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى» دە، دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان ئون كارخانىنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى تۆت بانكا بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇلار : جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋە جۇڭگو بانكىسى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئالما شىركىتىنى بېسىپ چۈشۈپ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان شىركەت بولۇپ قالغان ئىدى.


تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ يىلقى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان ئون كارخانا بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
بىرىنچى، ئالما شىركىتى


ئالما شىركىتىنىڭ ئۇدا ئالغان ساپ پايدىسى 39 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمى 182 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇلتۇر، ئالما شىركىتىنىڭ جەمئىي ئالغان ساپ پايدىسى 44 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پەرق بىلەن «ئالەمدىكى بىرىنچى بانكا» دەپ ئاتالغان جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ئاساسلىقى iPhone، iPad، Mac قاتارلىقلارنى سېتىشتىن كىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما يەنە قاتتىق دېتال قوللاش مۇلازىمىتى بولغان iTunes، App Store ھەمدە بىرقىسىم يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىقمۇ خېلى كۆپ كىرىم قىلىدۇ. بازار تەتقىقاتى شىركىتى IHS نىڭ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىشىچە، بىر دانە iPhone6 نىڭ زاپچاسلىرى ۋە ئەمگەك تەننەرخى 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن 247 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن. iPhone6 نى قۇراشتۇرۇشقا مەسئۇل فۇشىكاڭ شىركىتى ھەر بىر تال يانفوندىن پەقەت 4 ئامېرىكا دوللىرى پايدىغا ئېرىشىدىكەن.
ئىككىنچى، ئېكسون موبىل شىركىتى


مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇدا ئالغان ساپ پايدىسى 33 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جەمئىي ئالغان پايدىسى 369 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئېكسون موبىل شىركىتى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت ئىلىكىدە بولمىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت، باش ئىشتابى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدا. پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئورۇنلىرى بار، ئالتە قىتئەدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئېنېرگىيە ۋە نېفىت ساھەسىدىكى نۇرغۇن كەسىپلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ شىركەت ئۇدا 85 يىل A3 دەرىجىلىك ئىناۋەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيادىكى مۇشۇ خىل رېكورتنى ساقلاپ كەلگەن ساناقلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكسون موبىل شىركىتى يەر شارىدىكى بىردىنبىر بازار قىممىتى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان شىركەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، سامسۇڭ شىركىتى


سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئۇدا ئالغان ساپ پايدىسى 21 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، جەمئىي كىرىمى 188 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. سامسۇڭ كورىيەنىڭ مىللىي ئىگىلىكىدىكى داڭلىق ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كورىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداقلا، تىجارەت كىرىمى كورېيە GDP سىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. سامسۇڭنىڭ يانفون، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى پۈتكۈل يەر شارىنى قاپلىغان، لېكىن ئاساسلىق كىرىمى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تاختا ساھەسىدىن كېلىدۇ.
تۆتىنچى، Berkshire Hathaway شىركىتى


مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇدا ئالغان ساپ پايدىسى 20 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جەمئىي كىرىمى 189 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. پاي چېكى ئىلاھى باففېت 1956-يىلى Berkshire Hathaway نى قۇردى. Berkshire Hathaway بولسا ئاساسلىقى سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىمۇ سودا قىلىدىغان شىركەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق كەسپى بىۋاسىتە سۇغۇرتا پۇلى بىلەن قايتا سۇغۇرتا قىلىش پۇلى سوممىسىنى ئاساسلىق دەسمايە قىلىش ۋە بالايىئاپەت سۇغۇرتىسى.
مەنبە: تور دۇنياسى


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى