ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭدا 2014-يىلىدىن باشلاپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ

شىنجاڭدا 2014-يىلىدىن باشلاپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ

ۋاقتى: 2016-01-03 ئاۋاتلىقى: 371 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭدا 2014-يىلىدىن باشلاپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن سودا-سانائەت تىزىملاش تۈزۈمىدىكى ئىسلاھات پىلانىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى (ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى. ت) يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى. بۇ قېتىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش، دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك روھىنى ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشىدۇ.
ھازىر دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق دوكلات چارىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر يىللىق تەكشۈرۈتۈشى يىللىق دوكلات قىلىش تۈزمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشتا، پۈتكۈل سودا-سانائەت سىستېمىسىنىڭ دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىنى، چاكارلىق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى  مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قىستۇرۇۋېلىپ ھەق ئېلىش، ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش ۋە باشقا قىلمىشلارنى قەتئى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆپ خىل شەكىلدە ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، سۈپەتلىك مۇلازىمەت ۋە ياخشى بولغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئۈمىدى ۋە تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھەر يىلى 1-ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق تەكشۈرۈتۈش خىزمىتىنى قوبول قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىزمەت 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. 
بۇ جەرياندا، يەككە سودا-سانائەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ سودا-سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش كۆزنەكلىرىدە يىللىق تەكشۈرۈتۈشنى بېجىرىپ، ئالدىنقى يىللىق تىزىملاش ئىشلىرى ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت قەرەلىدە يىللىق تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بارمىسا، چەكلىك ۋاقىت قەرەلىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلۇپ، ئەگەر تۈزەتمىسە، تىجارەت كېنىشكىسى بىكار قىلىۋېتىلىدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2012-يىلىغىچە، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سانى 584 مىڭ 320 بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 990 مىڭ ئادەمگە، مەبلەغ سوممىسى 21 مىليارد 175 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. 

ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىن خەۋەرچى تەرجىمىسى
ئەسلى خەنزۇچە مەنبە: http://news.ts.cn/content/2013-12/27/content_9122494.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى