ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىككىنچى

ئىككىنچى

ۋاقتى: 2015-03-13 ئاۋاتلىقى: 538 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كاپىتال يۈرۈشتۈرۈشتىكى يەتتە تىپىك مىسال» بۇ يەردە!

 

[ئىككىنچى]

 

ئون نەچچە يىل بۇرۇن، بىر 17 ياشلىق يىگىت بېيجىڭغا كېلىپ، نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق بىر ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تىجارىتى قىلىدىغان دۇكان ئېچىۋالدى، كېيىن يەنە بىرقانچە زەنجىرسىمان دۇكانغا ئۆزگەرتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئازراق ئۆي مۈلۈك سودىسىمۇ قىلدى. گەرچە ئۇ ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، داڭ چىقارماي جىمجىت يۈردى. يېقىندا كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بايلىقى تۇيۇقسىز ئون مىليارقا يېتىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلاندى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي.

 

ئۇسۇلى: ئۇ ئاۋۋال ئۆي-مۈلۈككە باھا قويۇپ بىر شياڭگاڭدا پايچېكىنى بازارغا سالغان شىركەت(شياڭگاڭدا ھەر پېيى 1 شياڭگاڭ دوللىرىدىن تۆۋەن بولغان پايچېكىنى ئەۋلىيا پاي دەپ ئاتايدۇ) بىلەن مۈلۈك پاي ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاسانلا پايچېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ پايچېكىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ زەنجىرسىمان دۇكىنىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ، نەچچە دۇكاندىن نەچچە ئون دۇكانغا يەتكۈزدى، شەكىلسىز مۈلكى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مۈلۈك پاي ھوقۇقىنى ئالماشتۇردى، پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت بىردىنلا بازار قىممىتى ئون مىلياردتىن ئاشىدىغان نەچچە ئون زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ پايچېكىنى كونترول قىلىدىغان شىركەتكە ئايلاندى. يىگىتمۇ كۆرۈنمەيدىغان، تېز سۈرئەتتە ئاشىدىغان، ۋاقتىنچە نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان، ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان شەكىلسىز مۈلۈك ئىگىسىدىن، بىر كېچىدىلا قىممىتى ئون مىلياردلىق خالىغان ۋاقىتتا نەق پۇلغا ئالماشتۇرسا بولىدىغان پاېچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پايچېكىگە ئىگە ئادەمگە ئايلاندى.

 

باھا: ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى پارچە سېتىش ساھەسىدە تىجارەت قىلغاندا، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پايدا ناھايىتى ئاز ئىكەن. نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تىجارىتىدە قىيىنچىلىق بار ئىكەن. لېكىن نېمىشقا بۇ يىگىت ئۇتۇق قازىنالايدۇ؟ مۇھىم بولغىنى، بىرىنچىدىن،  ئۇ زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈپ يەتتى، يەنى بىر دۇكاننىڭ غەلىبىلىك بولغان ئەنزىدىسىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلي سالغان مەبلەغ ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن شەكىلسىز مۈلۈك بولسا گىئومېتىرىيەلىك دەرىجە سان بويىچە ئاشىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش ماھارىتىنى غەلىبىلىك ئىگەللىگەن بولغاچقا، بەك كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلمايلا بازار قىممىتى ئون مىلياردتىن ئاشىدىغان پايچېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ پايچېكىنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى