ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---بانكىغا بېرىپ ئاساسى ئىسچوت ھەل قىلىش(06)

ئىگىلىك تىكلەش---بانكىغا بېرىپ ئاساسى ئىسچوت ھەل قىلىش(06)

ۋاقتى: 2016-09-18 ئاۋاتلىقى: 557 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت ئاچقاندىن كېيىن چوقۇم بانكىغا بېرىپ ئاساسى ئىسچوت (ھېسابات) ۋە ئادەتتىكى ئىسچوت ئېچىش كېرەك. بۇ يەردىكى ئىشلارنى ھەل قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، مۇنداقچە بولغاندا ئاساسى ئىسچوتنى بىر بانكىدىن ئاچسا، يەنە بىر ئادەتتىكى ئىسچوتىنى باشقا بانكىغا بېرىپ بېجىرسىمۇ بولىدۇ، ھېساباتنى ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئىسچوت بىلەن ئېلىپ بارسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ.
بۇ تەرەپنى مالىيە ئىش بېجىرگۈچىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمىگەچكە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ، ئىش قىلىپ ئاخىرىدا پۇل تاپشۇرىدىغان ئىش، ئاساسى ئىسچوت باشقۇرۇش ھەققى ھەر ئايدا 120 يۈەن. ئاندىن توردا مەخپىي نومۇر ماشىنىسى سېتىۋالسا تەخمىنەن 580 يۈەن.
ئەگەر بانكا ئۆي بىلەن ياكى شىركەت بىلەن يېقىن بولسا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خېلى كۆپ ۋاقىت تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ شىركەت ئاچقاندا چوقۇم ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
ناھايىتى ئەپسۇس، يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئوي-پىكىر ئانچە ئېنىق بولماي قالدى، قانداقلا بولمىسۇن ھەممە ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، ھەر ھالدا خەۋپ-خەتەرنى ئېنىق تونۇش كېرەك، بىراق بۇ يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگودا شىركەت ئېچىشقا سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى