ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟

ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟

ۋاقتى: 2015-04-08 ئاۋاتلىقى: 1121 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ئىشسىزلىق دېگەن ئاتالغۇ بىر سوتسولوگىيە پەنلىرى ئاتالغۇسى سۈپىتىدە قاچان بارلىققا كەلدى نامەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەڭ تېزلەشكەن بىر دەۋردە بىزگە يۈزلەنگىنى پاكىت. شۇنداقلا ئىشقا ئېرىشىش، ئىش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭمۇ بىر بەخت ئىكەنلىكىنىڭ دەۋرىمىزدە تەجرىبىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلانغىنى ھەم پاكىت. ئادەم ئىشتىن باش كۆتۈرەلمىگەندە ئىشتىن بىزار بولغاندەك قىلغان بىلەن ئىش تاپالمىغاندا جاندىن، ھاياتتىن بىزار بولىدۇ، ئىش قىلىشنىڭ جاپالىق ئەمما ئادەمنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. توختىماي ئىشلەپ، قىلغان ئىشى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىسە ياكى ساپاسىز باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن سانسىز قېتىم تەكرارلىنىشقا مەجبۇر قىلىنسا ۋە ياكى ئىشلىگەنگە چۈشلۈق ھەق ۋە باھاغا ئېرىشەلمىسە بۇ مۇقەددەس ھوقۇق خارلىنىش يولىغا قەدەم قويىدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر بىر ئىشسىزلىق كىرزىسىنىڭ بوسۇغىسدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ كىرزىسنىڭ مۇقەددىمىسى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭ باشلانغان، ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى دىڭ شىياۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ «ئاق مۆشۈك، قارا مۆشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۆشۈك›› دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلىپ جۇڭگو پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە قەدەم قويغاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سەرخىللىرى بۇ خىل يۈزلىنىشنى تونۇپ يەتكەن، ئەندىشە ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ يېتىپ كېلىشىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە ئەزاسىنىڭ بۇ كىرزىس ئىچىدە پىشىپ يېتىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى بىر قەدەم باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق قەدەم قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئەمىلىيەتتىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا بەكمۇ چوڭ داغدۇغا قىلىنماي، خەلقنىڭ نېمىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي باشلانغان بۇ ئىشنىڭ يېڭى بىر تارىخى تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، بۇ تارىخى تەرەققىياتنىڭ خەلقىمىزگە ئاتا قىلىدىغان پۇرسىتى بىلەن خەتىرىنىڭ تەڭمۇ تەڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ناۋادا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا مىللىتىمىزنىڭ ئۆز ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىر ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. 
چۈنكى بازار ئىگىلىكى  ھەممە نەرسىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە قويۇپ بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، بىزدىكى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى بەزى ئىشلارنىڭ كەلمەسكە كېىتىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى. شۇنداقلا ۋۇجۇدىدا تۇغما سودىگەرلىك ئامىللىرىنى ھازىرلىغان، مەدەنىيەت تىندۇرمىسىمۇ سودىگەرلىك ۋە بازار ئىگىلىكىگە بەكمۇ ماس كېلىدىغان بىزدەك مىللەت ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر زور تارىخ پۇرسەت ئىدى. مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىنىڭ يېڭى بىر تارىخى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ھەممە ئادەم ئىشسىز قالمايدىغان پاراۋانلىق ئىش تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ئاز كۈن ئۆتمەي بىزدىمۇ ئىشسىزلىق دەيدىغان سوتسىيال پەنلەر ئاتالغۇسىنىڭ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىدەك رىياللىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ بېسىلغانلىقى ئىدى. 
لېكىن كۆپىنچە ئۇيغۇر بۇنى تونۇشنى خالىمىدى، تونۇشنى خالىمىغانلىق تەبىئىي ھالدا مائارىپتىكى بازار ئىگىلىكىگە خاس ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىيەتنىڭ بازار ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولۇشىنى كېچىكتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىمۇ ئۇيغۇر خەلقى تاكى 2000-يىللارغىچە بالىسى ئالى مەكتەپكە ئۆتسە شىتاتى بارمىكەن دەپ سوراشنى داۋاملاشتۇردى، بۇ  ھۆكۈمەت بىۋاسىتە خىزمەت بېرەمدىكەن ياكى ئۆزى خىزمەت تاپامدىكەن دېگەنلىك ئىدى. بۇنداق كىشىلەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى تەبىئىي ھالدا دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ئارزۇ قىلدى. دىققىتىنى دادىللىق بىلەن ئاجايىپ پۇرسەتلەر بىلەن تولغان بازار ئىگىلىكى مۇھىتىدىن پۇرسەت ئىزدەشكە يىغماي، داشقازاننىڭ ئادەمنى يا تۈزۈك تويغۇزمايدىغان، ئەمما ئاچمۇ قويمايدىغان تامىقى ھەققىدە خام تامالاردا بوڭلدى. بالام بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا قانداق كەسپلەرنى ئىگەللەپ، قانداق ئىقتىدارغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك خىزمەت ئورنىنى قانداق ئىزدەپ تاپىدۇ ياكى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ ئۆزىنى قانداق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشى كېرەك دەپ ئويلىمىدى. پۈتۈنلەي ئويلىمىدى دېسەك خاتالاشقان بولىمىز، ئەمما كۆپىنچە ئادەم بۇ ھەقتە ئويلاشنى خالىمىدى. ھەتتە مۇشۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرىۋاتقان شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىقتىساس ئىگىللىرى ئەڭ كەمچىل يەردە ئادەمگە شۇنداق ئالاھىدە ۋە غەيرى تۇيىلىدىغان، قارا يۇمۇرغا ئوخشايدىغان ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىز قېلىش ھادىسىسى پەيدا بولدى.
#p#
بازار ئىگىلىكى مۇھىتىدا شەكىللەنگەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ كېڭىيىشى ئالى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن كاللىسى زاماننىڭ كەينىدە قالغان، كۆزى مەنپەئەت بۇلۇتلىرى بىلەن خىرەلەشكەن بىر تۈركۈم ئادەم بۇنداق نورماللىق ئىچىدىكى نورماللىقنى توغرا چۈشىنەلمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنى جەمئىيەتنىڭ پىلانلىق ئىگىلىك تەپەككۇرى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيالىشىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خارلىنىشىنى توغرا ھىسابلايدىغان بىنورمال كۆز قاراش ئىدى. شۇنداق قىلىپ پىلانلىق ئىگىلىك تەرتىپىدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى پىلانلىق ئىگىلىك قېلىپى بۇزۇۋېتىلگەن بازار ئىگىلىكى ئاستا-ئاستا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىشسىز قالدى. ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىنى بازار ئىگىلىكى مۇھىتىغا ماسلاشتۇرمىغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىنورمال كەسپ قۇرۇلمىسى بىلەن بۇيرۇققا بويسۇنۇشقىلا ئادەتلىنىپ، ئىجادىي تەپەككۈر قىلىشقا ئىنتىلمەي تەپەككۇرى يىگىلەپ كەتكەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەت، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسدا بازار ئىگىلىكىگە خاس كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنەلمەسلىكى ۋە بۇنىڭدىن باشقا بەزى سۈنئىي ۋە تەبىئىي سەۋەبلەر بۇ خىل ھادىسىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىلىرى ئىدى. 
مەن 2002–يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلانغاندا تېلېۋۇزۇردىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىشسىزلار ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، شۇ چاغدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپىنچە ناھىيەلەردە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى دىپلومى بار، جەمئىيەتنىڭ ئىستېمالىدىن ئېشىپ قالغان ياكى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ياتقان ئىقتىساس ئىگىللىرىنىڭ سانى 2000 مىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا ھەر يىلى ھەر بىر ناھىيەگە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئىككى-ئۈچ يۈز ئوقۇغۇچى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ قوپماس تەس يۈكىگە ئايلانغان ئىدى. چۈنكى ئەشۇ ناھىيەلەردە يارىتىلىۋاتقان ئىش ئورنى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ مۇشۇ يىللاردا كۆپىنچە ناھىيەلەردە تۈركۈملەپ ئىقتىساس ئىگىللىرىنى ھەزىم قىلىدىغان كارخانىلار ئاساسەن قۇرۇلمىغان ياكى قۇرۇلسىمۇ پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر نەچچە ناھىيەسىدىكى زىيان تارتىپ توختاپ قالغان يىپەك زاۋۇتلىرىدەك بىر نەچچە يىل ئۆز فونكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋەيران بولغان ئىدى. ھەر بىر ناھىيەدىكى ئىقتىساس ئىگىللىرىنى سىڭدۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئاشقازان مائارىپ سىستېمىسىمۇ تويۇنۇشقا باشلىغان ئىدى. 
ئىشسىزلىق  دائىرىلەرلا كۆڭۈل بۆلىدىغان جىددىي مەسىلىلا ئەمەس ھەر بىر ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى كېلىپ چىققان بۇ ئىشسىزلىق بازار ئىگىلىكى بىلەن پىلانلىق ئىگىلىك ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئىشسىز قېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئىقتىدارسىزلىق مەسىلىسى ئىدى.
مائارىپنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ئادەمگە بىلىم ئىگىلىتىپ، ھۈنەر كەسىپ ئىگەللىتىپ تېخىمۇ زور ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى كۈچى ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ  تۇرمۇشىنى باياشاتلىققا ياكى بەختكە باشلاشتۇر. لېكىن بىزدىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ كۈچلىنىش ئورنىغا ئىش تاپالماسلىقى، يېڭى ئىشسىزلار قوشۇنىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلىنىشى ئادەمنى بەكمۇ ئويغا سالىدۇ، ئۇنداقتا سەۋەب زادى نەدە؟ ئۇلارنى تەربىيەلەۋەتقان مائارىپتىمۇ ياكى يېڭى ئىش ئورنى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ نىسبەت پەرقىنى پەيدا قىلىپ قويغان دائىرىلەردىمۇ؟ ۋە ياكى ئاشۇ ئالى مەكتەپلەر تەرىپىدىن تەربىيەنلىگەن بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىمۇ؟
#p#
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى جۇڭگودەك ئادىمى چوڭ دۆلەتتە ئىشسىزلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارىتىدىغان مەسىلە. بۇ دۆلەتتە يەنە ئادەم كۆپ بولغاچقا ئىشسىزلىقتىن ساقلانماق تەس دەيدىغان كېسەل قاراشنىڭ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كاللىسدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى سۈنئىي كىرزىسكە، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس. نېمىشقا بىز بۇ يەردە كېسەل كۆز قاراش دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويىمىز؟ گەرچە جۇڭگو دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت سانالسىمۇ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئەمەس، دۇنيادا نوپۇس زىچلىقى جۇڭگودىن كۆپ دۆلەتلەر ناھايىتى نۇرغۇن، مەسىلەن دۆلەت زېمىنى شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان ياپۇنىيەنىڭ ئاھالىسى 120 مىليۇندىن كۆپ، مۇشۇ نىسبەت بويىچە قارىغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ نوپۇس بايلىقىدىن كېلىپ چىققان ئەقلى بايلىقى تولۇق ئېچىلسا ياپۇنىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر شىنجاڭ زىمىنى تەخمىنەن 600 مىليۇندەك ئاھالىنى ياپۇنىيەنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە باقالىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنداق سېلىشتۇرۇشقا ھەر خىل گەپلەر بىلەن قارشى تۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۈمكىن، لېكىن قىلدەك پاكىت پىلندىمۇ چوڭ قۇرۇق گەپتىن ئۈستىن تۇرىدۇ .
ئۆز–ئۆزىنى تەمىنلەش ئاساسىدىكى ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا نەچچە مىڭ يىل ياشىغان، ئادەملىرى ناتۇرال ئىشلەپچىرىش ئەندىزىسىدىن تېخىچە تولۇق قۇتۇلالمىغان، ئەزەلدىن جىددىي ئىجتىمائىي رىقابەتكە يۈزلىنىپ باقمىغان، بىر مەزگىللىك پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا بۇ تېخىمۇ چوڭ مەسىلە. چۈنكى ناتۇرال ئىگىلىك پەيدا قىلغان ھورۇنلۇق، يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشقا ئىنتىلمەسلىك، ئاەتتىكى ئىشلارنى ياراتماي، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئېرىشەلمەسلىكتىن ئىبارەت مىجەز-خاراكتېر زاماننىڭ تېز تەرەققىياتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق بىلەن ئۇچراشسا تىراگىدىيە تېخىمۇ ئېغىرلىشاتتى.
ئەمىلىيەتتىمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قېلىشى دەل مانا مۇشۇنداق تىراگىدىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزغا رەھىمسزلىك بىلەن باستۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى .
ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىش ئورنى يارىتىش كىرەك. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئورنى كىرەك. ئۇنداقتا بۇنداق ئىش ئورنىنى زادى كىم يارىتىدۇ؟ ھۆكۈمەتمۇ؟ ياكى بىل.گايتىسقا ئوخشاش تالانتلىق كارخانىچىلارمۇ؟ پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى تەپەككۇرىمىز بويىچە قارىغاندا بۇنداق ئىش ئورۇنلىرىنى ھۆكۈمەت يارىتىشى كىرەك. چۈنكى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ھەممە ئىشىمىزغا ھۆكۈمەت ئىگە بولۇپ، ھەتتا بىزگە خىزمەت بېرىپ كاللىمىزدا ئېغىز دەرىجىدە ھۆكۈمەتكە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلغان، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەتتىكى خىزمەت ئورنى قانداق پەيدا بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەردە قىلچە باش قاتۇرماس بولغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدىغان ياكى زادى يۈز بەرمەس بولۇپ قالغان .لېكىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش فونكىسىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ ۋەزىپىنى بازارغا تاپشۇرىدۇ. ھەممە ئىش بازارنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە تەشكىللىنىدۇ.
ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئىشسىزلىقىمىزنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ ئۇ ھەقىقىي ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىدىيەنىڭ ئازات بولالماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشالمايدىغان ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟ قانداق قىلغاندا بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ پۇرسەتلەر بىلەن توشۇپ ياتقان قوينىدا يېڭى ئىش ئورنى مۆجىزىللىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ؟ ھەتتا نۇرغۇن كىشىگە ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ؟
#p#
مەن بەزىدە مۇشۇ ئويلار بىلەن دەرس بېرىۋاتقان، ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغىچىلار بىلەن مۇڭدىشىپ قالىمەن.
-ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىش ئويىدا يۈرىۋاتسىلەر؟ -دەپ سورىدىم بىر كۈنى.
-مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىمىز، -دەپ جاۋاپ بەردى بالىلار.
-ئۇنداقتا ھەممىڭلار دۆلەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاما قىلىدىكەنسىلەردە؟-دېدىم مەن.
 بالىلار تۇشمۇ-تۇشتىن سۆزلەپ كەتتى، ھەتتا بەزىلىرى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ قويۇپ خىزمەتتە كارى بولمايۋاتقان ھۆكۈمەتتىن ئاغرىندى، ئۇلار گەرچە ھەر خىل خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھامىغا قاتنىشىمىز دېيىشكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمىدى دەپ دۆلەتتىن ئاغرىنىش كويىدا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ تېخىچە پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى داشقازاننىڭ تامىقىنى يېيىش تەپەككۇرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى خىزمەت مۇھىتىغا نىسبەتەن بەكمۇ كۆپ تەييارلىقى يوق ئىدى. ئۇلار زور كۆپچىلىكى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قىلچە شەخسىي پىلانسىز، مەكتەپنىڭ پىلانىغا ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش بويسۇنۇپ كېتىپ باراتتى. ھەتتا نۇرغۇن بالىلارنىڭ كاللىسىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت رىقابىتىگە قانداق تەييارلىق قىلىمەن؟ كەلگۈسىدە مېنى قانداق تەقدىر كۈتۈپ تۇرىدۇ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق تەييارلىق يوق ئىدى. بۇ نۇقتىدا ئۇلار مەكتەپداشلىرى بولغان خەنزۇ سىتۇدىنىتلاردىنمۇ زور دەرىجىدە پەرق قىلاتتى. ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش تۇتىۋاتىدۇ دەپ سۈپەتلەشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تۇرغاندا 2002-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھرىدە تۇرۇپ قالغان يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە يولۇققان بەزى ئىشلار ئېسىمگە چۈشتى.  مەن شۇ يەردە بىر نەچچە سورۇنغا قاتناشتىم، مەن شۇ سورۇنغا يېڭى بولغاچقا ھەمىشە سورۇندىكىلەر بىر قاتار تونۇشتۇرۇلۇپ چىقىلاتتى ياكى ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى.
ھەر قېتىم مەن ئۆزۈمنى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئىشلەيمەن دەپ تونۇشتۇراتتىم، لېكىن خېنەنلىكلەر بولسا مەن پۇستانى يەردە داگۇڭ (مەدىكارلىق قىلىش دېسە سەل مۇۋاپىق) دەپ جاۋاب بېرەتتى. لېكىن ئەنە شۇنداق مەدىكارلىق قىلىمەن دىگۈچىلەرنىڭ كىيىمى شۇنداق رەتلىك، ئوقۇش تارىخى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ چىقاتتى. بىر كۈنى بىر سورۇندا جېڭجۇدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان بىرسى ئۆزىنى مەن پۇستانى ئالى مەكتەپتە داگۇڭ (مەدىكارلىق) قىلىمەن دەپ تونۇشتۇردى. مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىدە مەلۇم سەۋەبلەر بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە مۇشۇ سەۋەبنى بىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتتىم، بىر كۈنى يەنە بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدىم، ئەتراپىمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەن تونۇيدىغان، ئالى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان زىيالىلار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى پۇستانى ئالى مەكتەپتە مەدىكارلىق قىلىمەن دەپ تونۇشتۇردى، لېكىن مەن دائىم مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر گېزىت بوتكىسدا كۆرۈپ قالىدىغان بىر يىگىتنى ئۇلار ئالاھىدە ھالدا خوجايىن دەپ تونۇشتۇردى. مەن بىر گېزىت بوتكىسى ئاچىدىغان ئادەمگە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەتتىن ھەيران قالدىم. نېمىشقا دېگەن سوئالىمغا خېنەندىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان خېلى نامى بار زىيالى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.
-بىز بۇ يەردە سېنى باشقىلار خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق بولسا، ھەتتا سەن ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلەيدىغان ئادەم بولساڭمۇ كىشىلەر سېنى مەدىكار دەپ ئاتايدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنى پالانى ئالى مەكتەپتە مەدىكارلىق قىلىمەن دەپ تونۇشتۇرىمەن. ئويلاپ باق سېنى مەدىكار دېمەي نىمە دەيدۇ. چۈنكى سېنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتتىن بوشۇتۇش، قانداق مائاش بېرىش، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ قولىدا تۇرسا ئۆزۈڭنى مەدىكار دېمەي نېمە دەيسەن؟
#p#
شۇڭا بىز بۇ يەردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ياراتقان ئەقىل ئىگىللىرىنى—ھەتتا ئۇ ئاياغ مايلىغۇچى بولسىمۇ—ھۆرمەتلەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ، ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن، بىزگە ئوخشاش بىزنى ياللىغۇچىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ. 
بۇ گەپلەر ھەقىقەتەن ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى، خېنەنلىكلەرنىڭ خىزمەت ئېڭى ھەقىقەتەن بىزدىن نەچچە ھەسسە ئىلگىرىلەپ كەتكەن، بىز تېخى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى خىزمەت ئېڭىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدۇق. مەدىكار بولۇشنى شان-شەرەپ دەپ بىلەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش كەيپىياتىدا ئالەمشۇمۇل پەرقلەر پەيدا بولغان ئىدى. مىسالى خېنەندىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئالى مەكتەپنى جەمئىيەتتىن قانداق ئورۇن ئېلىشنى بىۋاسىتە بېكىتىدىغان بوسۇغا دەپ قارايتتى، ئالى مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت غايىسى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئەمەس مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. شۇڭا بەزى يىللىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى جەلپ قىلالماي بەزى جەلپ قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى، نوپۇسى يۈز مىليۇنغا يېتىدىغان خېنەن ئۆلكىسى ئادەمگە ئىشسىزلار ھەممە يەردە لاغايلاپ يۈرگەن تۇيغۇ بەرمەيتتى. كىشىلەرنىڭ مەدىكار بولامسەن ياكى خوجايىن بولامسەن تاللاش ئۆزۈڭگە باغلىق دېگەن پەلسەپىسى خېنەننى بىر ناھايىتى پۇختا ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. ئادەم كۆپ بولسىمۇ ئىشلەيمەن دەيدىغان ئىرادە بولسىلا ئىش تېپىلىش خېنەندەك ئادەم كۆپ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان ئىدى. بىزدە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى يۈككە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغاندا خېنەندە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس ئەڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكۇملارنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىغۇ جەمئىيەتنىڭ خېلى زور ئېھتىياجى بار ئىدى.
جەمئىيىمىزدىمۇ مەدىكار بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا ئۆز تەقدىرىنى تاپشۇرۇپ قويۇپ بىر مەلۇم ساندىكى مائاشنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاشتىن نومۇس قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى، ئۇلار ھەممە كىشى تۆمۈر تاۋاقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي يۈرگەندە تۆمۈر تاۋاقتىن ئاكتىپلىق بىلەن ۋاز كەچتى ۋە مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش يولىغا قەدەم قويدى. مەن بىر كۈنى 30 نەچچە ئادىمى بار بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن ئوقۇغىچىلارغا دەرس بېرىۋېتىپ ئۇلاردىن «ھازىرلا خىزمەت ئورنىڭلاردىن ئايرىلىپ قالساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟ ھەر ئايدا ھازىر ئېلىۋاتقان مائاشىڭلارنى جەمئىيەت قوينىدىن تېپىپ خەجلەپ، كۈنۈڭلارنى ئېلىشقا كۆزۈڭلار يېتەمدۇ؟» دەپ سورىدىم، سىنىپ ئىچى جىمىپ كەتتى. تېخى ئىككى ئۈچ بالا ئۇنداق بولۇشتىن خۇدايىم ساقلار دەپمۇ ئۈلگۈردى. مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بىر خىل قورقۇمسىراش ۋە بىچارىلىقنى ھېس قىلدىم، پەقەت 30 نەچچە ئادەمدىن بىر نەچچىسىلا بىز جېنىمىزنى بېقىپ كېتەلەيدىغاندەك قىلىمىز دەپ جاۋاب بەردى.
قىسقىسى 30 نەچچە ئادەم خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالىمىز دېگەن ئويدا بولۇپ باقمىغان، ھەتتا بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلاپ بولغاندەك قىلاتتى، قىسقىسى كەلگۈسىدىكى ھەر خىل يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئېھتىماللىقلارغا نىسبەتەن كاللىسىدا ھىچقانداق تەييارلىق يوق ئىدى.
-مىليونېر بولۇپ باققۇڭلار يوقمۇ؟
-چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپ باقققۇڭلار يوقمۇ؟
-داچا سېتىۋالغۇڭلار يوقمۇ؟- دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى ئارقا–ئارقىدىن سورىدىم. ئۇلار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن قىلچە باغلىنىشى يوقتەك ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇشتى. مۇشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرقىدىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ سىماسى كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى. ئىچىم ئاچچىق بولدى، چۈنكى ئۇستازنىڭ ھازىرقى تۇرقىدىن شاگىرتنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنى كۆرىۋالماق بەك تەس ئەمەس ئىدى. مانا مۇشۇنداق چاغدا ئادەمنىڭ ئېسىگە بۈيۈك ئېمپىراتۇر ناپالىيۇننىڭ گېنىرال بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئەسكەر، ياخشى ئەسكەر ئەمەس دىگەن گېپى كېلەتتى.
#p#
1991-يىلى ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بىر ياش كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك جايغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، لېكىن بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ بېقىپ بازار ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يوشۇرۇپ ياتقانلىقىنى، ھازىرقى خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا  دەرىجىدە ئىمكان بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ 1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالدى. ناھايىتى ئاز مەبلەغ ۋە شارائىت ئىنتايىن ناچار ھالەتتە بەش ئادەم بىلەن ئىش باشلىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە بۇ ياشنىڭ شۇ چاغدىكى قارارىنىڭ بەكمۇ توغرا بولغانلىقى ئىسپاتلاندى. مانا بۈگۈن ئۇ 10 يىل بۇرۇن تىككەن مايسا ئۈنۈپ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇلاردا تارماق دوختۇرخانىسى بار، قۇرۇلۇش كۆلىمى 11785 كۇۋادىرات مېتىر، 220 كېسەل كارۋىتى بار، 300 ئىشچى خىزمەتچىسى بار بىر كارخانىنىڭ –بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. مۇھىمى كىشىلەر تۆمۈر تاۋاقتىن ۋاز كىچەلمەي ھەتتا ۋاز كىچىشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەي يۈرگەندە ھۆكۈمەت بەرگەن بىر خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كېچىپ جەمئىيەتتە 300 كىشىلىك خىزمەت ئورنى ياراتتى. 300 ئادەم ئۇنىڭ قۇرغان ئىگىلىكىدىن نەپ ئېلىپ ئائىلىسىنى بېقىشقا باشلىدى. كەم دېگەندە ئۈچ يۈز ئائىلە ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە، بۇ دوختۇرخانا ياراتقان ئىجتىمائىي قىممەتلەرنى ساناپ كەلسەك گەپ تولا. ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن دەل 300 خىزمەت ئورنى ياراتتى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ قالماي نۇرغۇن خىزمەت كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
شاڭخەيدىكى بىر نوقتىلىق ئالى مەكتەپنىڭ ئەتىۋارلىق بىر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ياش 1995-يىلى ئۆزىنى مىڭ بىر جاپادا يىققان ئېشىنچىسى بىلەن بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا بىر ئۇرۇق تىكتى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە بۇ ئۇرۇق كۆكلەپ چىقىپ بىر مۇنتىزىم كارخانىغا ئايلاندى. 600 كىشىلىك خىزمەت ئورنى ياراتتى، ئۇنىڭ ماركىسى ئارمان شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تونۇش داڭلىق ماركىغا ئايلاندى. مانا بۇ ئۇرۇقنى تىككۈچى داڭلىق كارخانىچى رادىل ئابلا ئىدى.
ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ياش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپلا ھۆكۈمەت بەرگەن خىزمەتكە قانائەت قىلماي خوتەن تۇپرىقىغا بىر ئۇرۇق تىكتى، بۇ ئۇرۇق ناھايىتى تېزلا كۆكلەپ چىقىپ، ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بۇ يىگىت 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، مەسھۇلاتلىرى ناھايىتى چاپ-چاپ كىروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى ۋە شۇ ناملىق شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 
 مەن مۇشۇ ئۈچ مىسال يېتەرلىك دەپ قارايمەن، بۇ ئۈچ كارخانىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا فونكىسىيەلىرىنى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى سانىساق گەپ ئاۋۇپ كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىم تۆھپە ئۇلار بىر يولنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار بارلىققا كەلتۈرگەن يول نۇرغۇن كىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كاللىسى ھېلىمۇ پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆلگە ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ كارخانىلار نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، قۇرۇق قول دېگۈدەك ئىش باشلىغاچقا نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى. لېكىن ئۇلار بۇ تۇسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈپلا قالماي شانلىق نەتىجە ياراتتى.
#p#
ئەلۋەتتە، بىزنىڭ خەلقىمىز ئىش قىلماي گەپ تېپىش بىلەن خېلى مەشھۇر، بىز ئۇلار ھەققىدە ھەرخىل گەپلەرنى توقۇيمىز. ھەتتا سېسىتماقچى بولىمىز، كاللىمىزغا ئۇ بىزنىڭ كارخانىمىز، ئۇ بىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا، قوللىشىمىز، ئەپۇ قىلىشىمىز ۋە يول كۆرستىشىمىزگە مۇھتاج دەپ قارىمايمىز. ھەتتا ئۇلارنى جەمئىيەتكە تېگىشلىك تۆھپە قوشمىدى دەيدىغانلارمۇ بار. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇلار ياراتقان ئىش ئورنى جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە ئىدى. چۈنكى بىر ئادەمگە ئازراق ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ قۇتقۇزغانغا قارىغاندا ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەنە شۇنداق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىپ تۇرىدىغان بىر مەنبەنى ھازىرلاپ بېرىش ھەقىقىي مەنىدىكى ياردەم ئىدى.  بەزىدە كوچىلاردا بىكار يۈرىۋاتقان ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراپ، ماتېرىياللاردىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش تاپالمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇپ ئۇلار ھەقىقەتەن ئىشسىزمۇ ياكى ئىقتىدارسىزمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئەلۋەتتە مەن جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش فونكسىيەسىنىڭ ئىش ئورنى يارىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ئىنكار قىلمايمەن. لېكىن جەمئىيەتتە ئەنە شۇنداق ئىشسىزلار بىلەن بازار ئىگىلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن پۇرسەتلەر ھەققىدە خىيالغا پېتىپ بىزنىڭ ئىشسىزلىقىمىزنىڭ تۈپ مەنبەسى نېمە؟ بىز ئىشسىزمۇ ياكى ئىقتىدارسىزمۇ دەپ خىيالغا پاتىمەن.
كوچىلاردىكى سانجاق-سانجاق ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ماھىيەتتە بىر كارخانىنىڭ ھۇلى ئىدى. لېكىن نۇرغۇن كىشى مەن كارخانا قۇردۇم دەپ ئەمەس ئاشخانا ئاچتىم دەپ تەپەككۇر قىلغاچقا بۇ ئاشخانىلار ئالغا باسماي ئاشخانا پېتى قېلىۋەردى. ئاشپەزلەر مەن ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ مۇشۇ ئورۇندا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەپ كەسپىمنىڭ قەنتىنى چاقىمەن دەپ ئويلىمىغاچقا ئاشپەز پېتى قېلىۋەردى ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىللىرىنىڭ ئاشپەز ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ كارخانىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر رايۇنىدا ئون يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىرەر رېستۇران، ئاشخانىنىڭ نامىنى تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. ئۈرۈمچىدە رېستۇرانلارنىڭ نامىنى ئالماشتۇرۇش ۋە پات-پات يېڭى رېستۇرانلار بارلىققا كېلىش بىر مودا.
يول بويىدىكى بىر ساتراچخانا ئۆزىنى بىر ساتراچخانا دەپلا قارىغاچقا ۋە تېخنىكا يېڭىلاش تېخنىكا ئۈگۈتۈشكە سەل قارىغاچقا تەرەققىي قىلىپ ھۆسىن تۈزەش مەركىزى ۋە مەكتىپىگە ئايلىنالمىدى. مۇزدۇزلار ئاياق تىكىشتىن ئاياق ياماش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ بىرەرسى مۇزدوزلۇقتىن ئاياق زاۋۇتى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يۈزلەنمىدى. ھەتتا بەزى نورمال ئېقىۋاتقان كارخانىلار كارخانا باشقۇرۇشنى بىر ئىلىم دەپ قارىماي، زامانىۋىي كارخانا تۈزۈمىنى سىناپ باقماي، كارخانىنىڭ خوجايىنى ئۆلۈپ كەتسە كارخانا تەڭ تاقىلىپ قالىدىغان، كارخانا باشقۇرۇش ئىلمىگە ماھىر بىر ئادەمنى يۇقىرى مائاش بېرىپ تەكلىپ قىلىشقا رازى بولماي رىقابەتچىلىرىدىن تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدىغان، ئىلىم بىلەن پۇل ئورگانىك ھالدا بىرلەشمەي، ئىلىم ئىگىسى نامرات، پۇل ئىگىسى بىلىمسىز قالىدىغان تەقدىر ئۇيغۇر كارخانىللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە.
 
    2006-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتتى.
                                     «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» دىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى