ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈننىڭ ئورنىغا كىم ۋارىسلىق قىلار؟

ما يۈننىڭ ئورنىغا كىم ۋارىسلىق قىلار؟

ۋاقتى: 2016-06-20 ئاۋاتلىقى: 842 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

15-يانۋار، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە ئىجرائىيە مەسئۇلى مايۈن خىزمەتچىلىرىگە ئېلخەت يوللاپ، ئۆزىنىڭ 10-مايدىن باشلاپ ئىجرائىيە مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى، ھەم شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن زېھنى كۈچىنى شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسلىك خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (تەپسىلاتىنى ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدىن كۆرۈڭ)

بەلكىم، مايۈن ئۆزىگە «فېڭچىڭياڭ (风清扬)» دېگەن تەخەللۇسنى قويغان ۋاقىتتىلا، مۇۋاپىق پەيتتە جىددىي ئېقىندىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىپ چىقىپ تەركىدۇنيا بولۇشنى ئويلاپ يەتكەن بولسا كېرەك.
لېكىن ئالى بابانىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە مەسئۇلى نامزاتى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ما يۈن مۇنداق دەيدۇ:«تەلىيىمىزگە ئالى بابا گۇرۇھىمىزدا نۇرغۇنلىغان شۇنداق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاز ئۇچرايدىغان رەھبەرلىك سېھرى كۈچى ۋە ئۇسلۇبىغا ئىگە»، «مېنىڭ 10-ماي كۈنى يېڭى ئىجرائىيە مەسئۇلىنى جاكارلاشقا ئىشەنچىم كامىل.» شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ ئىچىدىكى كىشىلەرمۇ دادىللىق بىلەن ما يۈننىڭ ئىز باسارىنى پەرەز قىلىشقا ۋە ئۇلار ئۈچۈن دو تىكىشكە باشلىدى. نامزاتلارنىڭ ئىچىدە، گۇرۇھنىڭ باش ئادەم كۈچى بايلىقى ئەمەلدارى پېڭ لېي بىلەن باش سانلىق مەلۇمات ئەمەلدارى لۇ جاۋشى ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى. شاۋ شىياۋفېڭ ۋە ۋۇ يوڭمىڭمۇ نامزاتلار تىزىملىكىگە كىردى.

ئاشۇ ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزاتلار زادى قانداق كىشىلەر؟ ئالى بابا گۇرۇھىدا قانداق سەرگۈزەشتىلىرى بولغان؟ قايسى مۇھىم كەسىپلەرگە مەسئۇل بولغان؟ ئەگەر قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
#p#

باش ئادەم كۈچى بايلىقى ئەمەلدارى ۋە جىفۇباۋ (支付宝) نىڭ ئىجرائىيە مەسئۇلى پېڭ لېي


پېڭ لېي گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ 1999-يىلى ئالى باباغا كىرگەن بولۇپ، يىللاردىن بېرى بازار بۆلۈمى ۋە مۇلازىمەت بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بۆلۈملەرگە رەھبەرلىك قىلغان، ھەم خېرىدارلارنى رازى قىلىش ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە.
ما يۈنگە ئوخشاشلا، 1994-يىلى جېجىياڭ سودا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خاڭجۇ سانائەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن پېڭ لېي بەش يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش ئىختىساسلىقلار ئەمەلدارى ۋە باش ئادەم كۈچى بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېڭ لېي كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئىختىساسلىقلار سەنئەتكارى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەينى ۋاقىتتا ما يۈن دائىم قىسقىچە تەرجىمىھال كۆرۈشكە بۇيرۇيدىغان بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئون يىللىق تاۋلىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە گۇرۇھنىڭ خوجىلىق بۆلۈمى، مەمۇرىيەت بۆلۈم، بازار بۆلۈمى ۋە ئادەم كۈچى بۆلۈمىگە مەسئۇل بولماقتا. ئالى بابادا تېز سۈرئەتتە پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا، پېڭ لېي گۇرۇھ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۇرۇھنىڭ قىممەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى.

#p#

باش سانلىق مەلۇمات ئەمەلدارى لۇ جاۋشى


1997-يىلى، لۇ جاۋشى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تور ئالاقە شىركىتىنى قۇرىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن لۇ جاۋشىنىڭ ئالى بابادا ئىشلەيدىغان بىر دوستى ئۇنىڭغا  ئالى باباغا كېلىپ ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. 2000-يىلى لۇ جاۋشى ئالى بابا جەنۇبى جۇڭگو ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
2004-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋە جىفۇباۋنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالى بابانىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىنىش بىلەن بىللە تاۋباۋ تورىنىڭ باش CEO لۇق ۋە دىرېكتورلۇق  ۋەزىپىسى ھەمدە ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەيدۇ. 2011-يىلى 6-ئايدا تاۋباۋ تورىنىڭ CEO لۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
2012-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە، ئالى بابا گۇرۇھى باشقۇرۇش قاتلىمىدا ئالى بابانى ئومۇميۈزلۈك سانلىق مەلۇمات ئورتاقلىشىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل سانلىق مەلۇمات ئەمەلدارلىق ئورنىنى تەسسىس قىلىشنى جاكارلاپ، لۇ جاۋشى بۇ ئورۇننىڭ بىردىنبىر نامزاتىغا ئايلىنىپ بىۋاسىتە CEO ما يۈنگە  مەلۇم قىلىندى.
ئۇنىڭ ئالدىدىكى كەچۈرمىشلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لۇ جاۋشى ما يۈننىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن جىددىي ئەھۋاللاردىمۇ بۇيرۇقنى قوبۇل قىلىپ نۇرغۇن مۇھىم بۆلۈم ۋە خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان.
ئىلگىرى خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا تارماق ئەترىتى 1-چوڭ ئەترەتنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان شاۋ شىياۋفېڭ 2005-يىلى 3-ئايدا ئالى بابا گۇرۇھىغا كىرگەن بولۇپ، ئالى بابا گۇرۇھى تور بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان.
2007-يىلى 2-ئايدا شاۋ شىياۋفېڭ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقىغا ۋە تاۋباۋ تورىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە ئاساسلىقى گۇرۇھنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانى، ئومۇمى بازار تىجارىتى ۋە سودا سخېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات ۋە ئىجرائىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان.
#p#
2008-يىلى 1-ئايدا جىفۇباۋنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 2009-يىلى 1- ئايدا ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ نوپۇزلۇق مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقىغا ۋە جىفۇباۋنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ھازىر ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش كاتىپلىق ۋە نوپۇزلۇق مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2010-يىلى 8-ئايدا ئالى بابا B2B جۇڭگو كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى شاۋ شىياۋفېڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.
شاۋ شىياۋفېڭ گۇرۇھنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنىڭ بازارلىشىشى، سۈزۈكلىشىشى، ئادىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بازار مېخانىزمىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ سودا سخېمىسىنى تەدرىجى ھالدا مۇكەممەللەشتۈردى ۋە چىرىكلىشىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى.
بۇلتۇر 7-ئايدا شاۋ شىياۋفېڭ باش خەۋپ-خەتەر ئەمەلدارى (Chief Risk Officer) لىقىغا تەيىنلەندى ۋە گۇرۇھنىڭ خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش، پىلانلاش، خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇشنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە تۈزۈلمىسىنى قۇرۇش، گۇرۇھ تەرەققىياتى يۈزلىنىۋاتقان سىرتقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ۋە كارخانا يۈرۈشلەشتۈرۈشتىكى رىقابەتنى باھالاش؛ خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش ۋە ئىچكى مىخانزم قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى.
ۋۇ يوڭمىڭ ھازىر ئالى ماما تور تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. جېجىياڭ سانائات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كېيىن جۇڭگو ئالتۇن بېتىگە قاتناشقان. ما يۈننىڭ ساداقەتمەن «ئەگەشكۈچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇ يوڭمىڭ 1997-يىلى ما يۈن بىلەن بېيجىڭغا كەلگەن ۋە ئەينى چاغدىكى تاشقى سودا بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى قۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز تور تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.
1999-يىلى ما يۈنگە ئەگىشىپ خاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ ئالى بابانى قۇرۇپ، «ئالى دۆلىتى»نىڭ تۆھپىكار مەنسەپدارىغا ئايلانغان ۋە ئالى بابا مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن، تاۋباۋ تورى باش دىرېكتورى سۈن توڭيۈ، ئالى بابا نوپۇزلۇق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جىن جىيەنخاڭ، ئالى بابا مالىيە باش ئەمەلدارى سەي چوڭشىن بىلەن بىرلىكتە «ئالى بابادىكى ئون سەككىز ئارخات» دەپ ئاتالغان. 2003-يىلى تاۋباۋ قوزغىتىلغاندا، ۋۇ يوڭمىڭ ما يۈن كۆرسەتكەن يەتتە باش سانغۇننىڭ بىرى ئىدى.
ۋۇ يوڭمىڭ ئالى بابادا نۇرغۇن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ما يۈن بىلەن بىرلىكتە «ئالى دۆلىتى»ى قۇرغان، جىفۇباۋ قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېخنىكا باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2007-يىلى ئالى مامانىڭ دۇنياغا كېلىشىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى