ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---ھەممە ئىشنىڭ بېشىنى باشلاش قىيىن، توختام تالىشىپ تاماق پۇلى تېپىش(09)

ئىگىلىك تىكلەش---ھەممە ئىشنىڭ بېشىنى باشلاش قىيىن، توختام تالىشىپ تاماق پۇلى تېپىش(09)

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 803 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى: «ئىگىلىك تىكلەش---ياخشى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش(08)» بۇ يەردە!

ئىگىلىك تىكلەش---ھەممە ئىشنىڭ بېشىنى باشلاش قىيىن، توختام تالىشىپ تاماق پۇلى تېپىش(09)
شىركەت ئىشقا كىرىشىپ، مالىيە تۈزۈمىمۇ ئورنىتىلىپ بولدى. ئەمدى كۆڭۈل قويۇپ تۈر قوبۇل قىلساق بولىدۇ. بىر يېڭى شىركەت بىر يىلدا بىر پۇڭ پۇل كىرىم قىلمىسىمۇ ئوخشاشلا تەننەرخ كېتىدۇ، مەن ئۆزۈم ھېسابلاپ باقسام، ئۈرۈمچىدە ئاز بولغاندىمۇ 6000 يۈەن كېتىدىكەن. مۇنداق مۆلچەرلىسەك، تاكسىغا ئولتۇرماي ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئىشلىتىپ، ئۆي ئىجارىگە ئالمىغاندا، توك سۇ پۇلىنى ئۆيدىكىلەر تاپشۇرۇپ تۇرسا ئاندىن بولىدۇ.
ئاۋۋال شىركەت رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئاز بولغانلاردىمۇ 1200 يۈەن كېتىدۇ. ئاندىن بوغالتىر تەكلىپ قىلسا ھەر ئايدا 200 يۈەن، يىلدا 2400 يۈەن كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى 3600 يۈەن بولدى دېگەن گەپ، بانكا ھەر ئايدىكى ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى ئۈچۈن 120 يۈەن، يىلدا 1440 يۈەن ئالىدۇ. يەنە مەخپىي نومۇر ماشىنىسى 580 يۈەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىلا 5600 يۈەن بولدى. شىركەت يەنە تالون سېتىۋالىدۇ، يەنە ماركا بېجى تاپشۇرىدۇ، بۇ تەخمىنەن 200 يۈەن، قاتناشقا كەتكەن چىقىمنى قوشساق 6000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇ يەردە ۋاقىت ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچ تەننەرخى تېخى ھېسابلاشمىدى.
ئەگەر ئەرزان بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغاندا، بىر يىللىق تور سۇ ھەققى، خوجىلىق ھەققى 12000 يۈەن بولىدۇ، سىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىڭىز 1000 يۈەن بولسا، ئۆزىڭىز بىر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن تەخمىنەن 12000 يۈەن كېتىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ يەرگە كەلگەندە، چىقارغان ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات بولسا ئەگەر بىر يىلىدا 36000 يۈەنلىك توختام (چوقۇم تولۇق نەق بولۇشى كېرەك) بولمىغاندا، سىز چوقۇم زىيان تارتىسىز، نېمە ئۈچۈن 36000 يۈەنلىك بولىدۇ. چۈنكى توختام بىر قىسىم سودا چىقىمىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنى 1500 دېسەك يۇقىرى بولمايدۇ، يەن %6 لىك باج تاپشۇرۇلىدۇ، بۇنى 1000 يۈەن دېسەك، كېيىنكى ۋاقىتتىكى ھېساباتتا مېھمان قىلىش ئۈچۈن يەنە 1100 يۈەن كېتىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ يۇقىرى ئەمەس.
سىزدىن سورىسام 36000 يۈەنلىك تۈردىن ياكى ساپ پايدىسى 36000 يۈەن بولغان تۈرنى ئىشلەش ئاسانمۇ؟
بۇ تېخى قۇرۇق قول ئەترەت تۇرسا؟
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى قىيىن، ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش ئەمەس بەلكى يەككە تىجارەت قىلىش، خالاس. ئۇلارنىڭ چوڭ تۈرنى قولغا كەلتۈرۈشى ناھايىتى تەس.
ئۈرۈمچىدە يۇمشاق دېتال ئۆگەنگەنلەرنىڭ ئەڭ ئاسان كىرىشىدىغىنى تور بېكەت. ئەڭ ئەرزان بولغىنىمۇ تور بېكەت، باھاسى 800 يۈەن بىلەن رىقابەت قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلغاندا ئۇنچە ياخشى تور بېكەت ياساپ چىققىلى بولمايدۇ. 36000 يۈەن پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ 3000 يۈەن بىلەن بىر تور بېكىتىنى قوبۇل قىلىپ، كارخانا ئاساسى بېكىتىدىن 12 نى قۇرسا بولىدۇ، ئايدا بىر توختامنى ئېلىش ئاسانمۇ؟
ئامال قىلىپ توختامنى قولغا كەلتۈرۈش، شىركەت ھايات ماماتلىق ئويۇنىنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشىدۇر!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى