ئايال خىزمەتچى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئايال خىزمەتچى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەگەر ئەمگەكچىدە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدىغان ئەھۋاللار بار بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 39-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن دەرھال ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغان ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولسا، ئۇنداق ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋابى بولىدۇ. چۈنكى، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدىغان ئەھۋاللار، پەقەت مۇشۇ قانۇننىڭ 40-، 41-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدىغانلىقى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ. ئايال خىزمەتچى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.