ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (1)

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (1)

ۋاقتى: 2016-01-06 ئاۋاتلىقى: 887 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. شىركەت (كارخانا) ۋە خىزمەتچىنىڭ مۇناسىۋىتى
1) شىركەت (كارخانا) خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتچى ھېسابلانغان بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى شىركەتتە ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.
2) شىركەت (كارخانا)خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان سۇپىسى. خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ.

كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغاندا، پەقەت شىركەت (كارخانا) يۈكسەلگەندىلا ئاندىن شۇ شىركەتتە ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ ھەمدە بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپ، ياخشىلاپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچراش-ئۇچرىماسلىقى شۇ شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەممە خىزمەتچىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىشى دەل ئۆزىنىڭلا مەنپەئىتى ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل شىركەتتىكى باشقا خىزمەتداشىلىرى، ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى شىركەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولىدۇ. پەقەت شىركەتنىڭ مەنپەئىتى ھەقىقىي تۈردە قوغدالغاندىلا، ئاندىن ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، شىركەتتە ئىشلىگۈچى ھەر بىر خىزمەتچى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى جان تىكىپ قوغدىشى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. 
3) شىركەت (كارخانا) ۋە ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئارا-نومۇسى ئورتاق بولىدۇ.
شىركەت (كارخانا) يۈكسەلگەندىلا خىزمەتچى باياشات بولالايدۇ ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ.
شىركەت (كارخانا) ھالاك بولسا خىزمەتچىلەر تارقايدۇ، بۇ ۋاقىتتا خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان يېيىش، كىيىنىش مەسىلىسى ھەل بولماي، تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدە شىركەت (كارخانا)نىڭ يۈكسىلىش ياكى ھالاك بولۇشى بىۋاسىتە ھالدا شۇ شىركەت (كارخانا)دا خىزمەت قىلغۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى بىر خىزمەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ياخشى خىزمەتنىڭ ئۆزى دەل ياخشى بىر شىركەتتە بولىدۇ.
4) يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى خىزمەتچىلەرگە بېقىنىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا، شىركەت (كارخانا) تېز سۈرئەتتە يۈكسىلىدۇ. شۇڭا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار:  ھازىرقى دەۋردىكى بازار رىقابىتى، ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەل ئىقتىساسلىقلار رىقابىتىدىن ئىبارەت. ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ساپالىق، ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدا ساپالىق، ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىسىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر شىركەتتە بىر ئادەمنىڭ بولماسلىقى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرى شۇ ھالەتتە توختاپ قالمايدۇ، ئەمما شۇ بىر ئادەمنىڭ شىركەتتە بولغان ۋاقىتىدىكى ئەھۋال بىلەن شۇ بىر ئادەمنىڭ شىركەتتە بولمىغان ۋاقتىدىكى خىزمەت ئۈنۈمى، شىركەتنىڭ يۈكسىلىش سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن بەزىدە مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىر شىركەت ئۈچۈن ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇپتۇق، يېقىندا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە لېدىرى سىتېۋ جوبس ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرى تارقىۋىدى، بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى خىزمەتلىرىدە زور داۋالغۇش يۈز بەردى. شۇنداقلا بىر شىركەتمۇ شۇ شىركەتتە خىزمەت قىلغۇچى خادىملار ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا شاپائەتچى ھېسابلانمايدۇ. يەنى ساپالىق، ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىسى مەيلى نەگىلا بارمىسۇن ھامان ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ. بەلكىم بىر مەزگىل ئىشلىرى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ ناھايىتى تېزلا يېڭى خىزمەت ئورنىغا ماسلىشىپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىگەللەپ، تېزلا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ. شۇڭا مەيلى شىركەت بولسۇن ياكى شۇ شىركەتتە خىزمەت قىلغۇچى خىزمەتچى بولسۇن تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن ئۆز-ئارا بېقىنىدۇ. شۇڭا مەيلى شىركەت بولسۇن ياكى خىزمەتچى بولسۇن بۇ  نوقتىنى ياخشى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.


2. بىر لاياقەتلىك خىزمەتچى ئۆزىدە قانداق ساپالارنى ھازىرلىشى كېرەك؟
بىر لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن، ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا ناھايىتى كۆپ. ئەمما يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ساپانى ھەر بىر خىزمەتچى چوقۇم تىرىشىپ ھازىرلىشى كېرەك:
1) مەسئولىيەتچان بولۇش (كەسپىي ئەخلاق)
خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش، مەسئولىيەتچان بولۇش، كەسپىي روھ ۋە مەسئولىيەت تۇيغۇسى بولۇش كېرەك. بۇ ھەر بىر لاياقەتلىك خىزمەتچىلەر چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئالدىنقى شەرت. ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى قىلىش، پۈتۈن ۋۇجۇدىكى شۇ خىزمەتكە قارىتىش، ھەرگىزمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلماسلىق كېرەك. خىزمەت پوزىتسىيەسى ئىقتىدارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ياشىلىرىدا ئەڭ ئېغىر ساقلانغان مەسىلە دەل خىزمەتتە مەسئولىيەتچانلىقنىڭ كەمچىلىكى. بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۆز خىزمىتىگە كۆيۈنمەيدۇ. ھە دېسە شىركەتتىن قاقشاشنىلا بىلىدىيۇ، ئەمما مەن شىركەت ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالىدىم؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە قويۇپ باقمايدۇ. ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىپ، خىزمەت ئۆنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىشنى ئويلىماي، ھە دېسە خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ، بېرىلىپ ئىشلىمەي، قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئول بولماي، كۆپىنچە قىلىۋاتقان ئىشنى ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا قىلىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەر بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ھە دېسىلا خىزمەت تاپالمىدىم دەيدۇيۇ لېكىن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالمىغانلىقى ھەققىدە ئويلانمايدۇ، ئىزدەنمەيدۇ.
ھازىر رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز بولىۋاتىدۇ. تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ دەۋرنىڭ ئىقتىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ.
رايونىمىزدا ئادەم ئەڭ ھەيران قالارلىق مەسىلە كارخانىچى ئىقتىدارلىق خىزمەتچى تاپالماسلىق، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار خىزمەت تاپالماسلىقتەك ھالەت شەكىللىنىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىش تاپالماسلىق مەسىلىسى قانچە گەۋدىلەنگەنچە كارخانىچىلارنىڭ خىزمەتچى تاپالماسلىق مەسىلىسىمۇ شۇنچە باش ئاغرىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ مەسىلە ھەر ئىككى تەرەپتە ساقلانغان. كارخانىچى ئىقتىساس ئىگىسىنى قەدىرلەپ ئىشلىتىشنى بىلمەي، ئىقتىساسلىقلارنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن شىركەتتە ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسا، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتىۋاتقان ياشلاردا شىركەتلەردە ئىشلەش ئېڭى يېتىلمىگەن، شىركەتتە ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغان. دەل مۇشۇ ئىككى خىل سەۋەبتىن بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز ئادەم تاپالماسلىق شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار خىزمەت تاپالماسلىقتەك ئېغىر مەسىلە كۈنسېرى ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
2) جامائەت ئەخلاق
ئەگەر تۇرۇبا جۆمىكى ئۇچۇق قالسا سىز ئېتىۋېتىشنى خالامسىز؟
ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۇ چۈشۈرەمسىز؟
….
بۇلار ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق، شۇنداقلا سىزنىڭ مەسئولىيەتچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى ئامىل.
ھازىر خەيئېر گۇرۇھى دۆلىتىمىزدە شۇنداقلا خەلقئارادا ياخشى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، خەيئېر ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇشىدىنلا شۇنداق ئۇتۇقلۇق شىركەت بولمىغان. بەلكى ئەينى ۋاقىتتا خەيئېرنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ھەقىقەتەن قالايمىقان ئىدى. خەيئېرنىڭ ياخشى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى دەل جاڭ رۈيمىن خەيئېرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن باشلانغان. پەقەت جاڭ رۈيمىننىڭ ياخشى رەھبەرلىكى ئاستىدا خەيئېر كۈنسېرى يۈكسىلىپ بۈگۈنكىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ دەل يازمىنىڭ بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەزىدە شىركەتتە مەلۇم بىر ئادەمنىڭ رولىنى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆتەپ كېتەلىشى ناتايىن. خەيئېردە جاڭ رۈيمىن بولغاچقا خەيئېر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئالما شىركىتىدە سىتېۋ جوبس بولغاچقا ئالما شىركىتى دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىگەن. شۇڭا بەزىدە شىركەتتە يادرولۇق ئادەملەرنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
جاڭ رۈيمىن خەيئېرنى قولغا ئالغاندا، خەيئېرنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى بەكمۇ قالايمىقان، تەرتىپسىز بولۇپ، جاڭ رۈيمىن خەيئېردە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقارغان تۈزۈم: «خالىغان يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا خەيئېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەرتىپسىزلىك ھەتتا خالىغان يەرگەن چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدەك بىر تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا سەۋەبچى بولغان.

بىر تۈكۈرۈك سەۋەبىدىن چەتئەل كارخانلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن مەھرۇم قېلىش ئەنزىسى:
دۆلىتىمىزدە بىر دورا زاۋۇتى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنى ئاشۇرماقچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، خەلقئاراغا داڭلىق بەيئېر شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى زاۋۇتقا كېلىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بەيئېر شىركىتى خادىم ئەۋەتىپ، بۇ دورا زاۋۇتىنى تەكشۈرگەن. قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئىشخانا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، زاۋۇت باشلىقى مەزكۇر خادىم بىلەن زاۋۇتنى ئىكىسكورسىيە قىلىشقا بارغان. دەل ئاشۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئىكىسكورسىيە قىلىش جەريانىدا، بەيئېر شىركىتى خادىمى زاۋۇت باشلىقىنىڭ يەرگە بىرلا تۈكۈرۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال داۋاملىق ئىكىسكورسىيە قىلىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ زاۋۇت مىڭبىر جاپادا قولغا كەلتۈرگەن، ھېساباتقا كىرەي دەپ قالغان چەتئەل مەبلىغىنى قۇرۇق قالغان.

داۋامى بار…

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى