ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زەخمىلىنىش ۋە تۆلەم تۆلىتىش ھەققىدە

زەخمىلىنىش ۋە تۆلەم تۆلىتىش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-06-17 ئاۋاتلىقى: 524 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


باشقىلار تەرىپىدىن زەخىملەنگۈچى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشىدىن قايسى ھەقلەرنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؟

باشقىلار تەرىپىدىن زەخىملەنگۈچى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشىدىن تۆۋەندىكى ھەقلەرنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
1. داۋالىنىش خىراجىتى. بۇ خىراجەت داۋالاش ئورۇنلىرىدا قىلىنغان دورا خىراجىتى، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش جەريانىدىكى كېسەل تارىخى، دىياگنوز ئىسپاتى ۋە چىقىم قىلىنغان دوكومېنتىغا ئاساسەن تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. ئىشتىن قېلىش ھەققى. بۇ ھەق زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ داۋالىنىش جەريانىدىكى ئىشتىن قالغان ۋاقتى ۋە كىرىم ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ قېلىپ ئىشتىن داۋاملىق قالغان بولسا، ئىشتىن قالغان ۋاقتى مېيىپ، دەپ بېكىتىلگەن كۈننىڭ ئالدىنقى بىر كۈنىگىچە ھېسابلانسا بولىدۇ.
3. قاراش ھەققى. بۇ ھەق داۋالاش ئاپپاراتى ياكى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتى ھەم قارىغۇچىلارنىڭ سانى، ۋاقتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. قاراش ۋاقتى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولغۇچە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 20 يىلدىن ئاشمايدۇ.
4. قاتناش ھەققى. بۇ ھەق زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن قارىغۇچىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئورنى، ۋاقتى، ئادەم سانى، قېتىم سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.        
5. تاماق ۋە ياتاق خىراجىتى. بۇ خىراجەت شۇ جايدىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ كاماندىروپكا، تاماق ۋە ياتاق ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
6. ئوزۇقلۇق خىراجىتى. بۇ خىراجەت زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مېيىپ بولۇش ئەھۋالىغا قاراپ، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ پىكرىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.      
7. مېيىپلىك تۆلەم پۇلى. بۇ پۇل زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىگە ياكى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ، دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاساس قىلىنىپ، مېيىپ دەپ بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 20 يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن 06 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمەيتىلىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 
8. مېيىپلىك قوشۇمچە سايمان خىراجىتى. بۇ خىراجەت ئادەتتىكى سايماننىڭ مۇۋاپىق خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. سايماننى ئالماشتۇرۇش مۇددىتى ۋە تۆلەم ۋاقتى باھالاپ بېكىتكەن ئاپپاراتنىڭ پىكرىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.  
9. دەپىنە خىراجىتى. بۇ خىراجەت (زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا) دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ ئالتە ئايلىق مائاش ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.#p#分页标题#e#
10. بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى. بۇ خىراجەت (زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ 18 ياشقا كىرگىچە بېقىلىش خىراجىتى، دەپ بېكىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە باشقا تۇرمۇش مەنبەسى بولمىسا 20 يىل قىلىپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمەيتىلىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچى شەھەر نوپۇسى بولسا دەۋانى قوبۇل قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى بويىچە، يېزا نوپۇسى بولسا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئىستېىمال چىقىمى ئۆلچەم قىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.   
11. ئۆلۈم تۆلەم خىراجىتى. بۇ خىراجەت سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاساس قىلىنىپ، 20 يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن 06 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل كېمەيتىلىدۇ؛ 75 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 
12. روھىي زىيان تۆلىمى. زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى روھىي زىيانغا ئۇچرىغاندا، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىيان تەسەللى پۇلى تۆلىتىپ بېرىش تەلىپىنى قويسا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا چېقىلىشتىن بولغان روھىي زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» تەتبىقلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى