ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش- يېڭىلىقنى بايقاشتىن باشلىنىدۇ

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش- يېڭىلىقنى بايقاشتىن باشلىنىدۇ

ۋاقتى: 2015-06-11 ئاۋاتلىقى: 750 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىشنى يەنىلا ئۆگىنىشتىن باشلىدىم
ئىمىنجان داۋۇت
قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش- يېڭىلىقنى بايقاشتىن باشلىنىدۇ
_ ئۆمەرجان جامالنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى


نەنجىڭ خېخەي (دېڭىز- ئوكيان) ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا رايونىدىكى سۇ قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. 2001- يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان ئۆمەرجان جامال بۇ مەكتەپتىكى ساناقلىقلا مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلسە، تەرەققىيات ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى. مەيلى قايسى نۇقتىدىن بولسۇن، ئۆمەرجانغا نىسبەتەن بۇ تولىمۇ كەم تېپىلىدىغان، ھەر كىم خالاپ ئېرىشەلمەيدىغان ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىدى. شۇڭا، ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئوقۇدى.
2006- يىلى، يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. ئۇ چۈشتە دەرستىن چۈشۈپ، تاماققا كېتىۋاتقاندا، مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دۇكاننىڭ تېمىغا چاپلانغان ئۇيغۇر بوۋاينىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى. بۇ ئاپپاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن بوۋاي ئوبراز ۋەكىلى قىلىنغان لوپنۇر كەندىرى چېيىنىڭ ئېلانى بولۇپ، ئۆمەرجان زور قىزىقىش ئىچىدە دۇكانغا كىردى. ئۇ دوكان خوجاينى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ دۇكاننىڭ مەخسۇس لوپنۇر كەندىرى چېيى ساتىدىغانلىقىنى ھەم بۇ چاينىڭ خېلى كۆپ مۇقىم خېرىدارى بارلىقىنى بىلدى. دوكان خوجايىنى ئۆمەرجانغا يەنە بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىدىغان، ئسىتىمال قىلىش ئارزۇسى بار كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. مۇشۇ قېتىملىق پاراڭ نەتىجىسىدە ئۆمەرجان بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى ھەم بۇ دوكانغا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېلىپ، سىناپ بېقىشقا پۈتۈشتى. ئۆمەرجان ئاۋۋال «ئارمان»غا ئوخشاش قۇۋۋەت تالقانلىرى، ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ۋە ئەتكەنچاي قاتارلىقلارنى، كېيىنچە، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلاپ، يەنە شىنجاڭنىڭ شاكىلات، پېچىنە تۈرىدىكى ئەرزان، سۈپەتلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىنى كىرگۈزدى. يەنە ئۆزى بۇ مەھسۇلاتلىرىنى نەنجىڭ شەھىرىدىكى مىللىيلار بىر قەدەر كۆپ بازارلارغا ۋە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ساتتى. شىنجاڭنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسى ئىچكى ئۆلكىدىكى ئىستىمالچىلارغا ناتونۇش بولغاچقا، دەسلەپكى مەزگىللەردە بازار ئېچىش خېلىلا تەسكە چۈشتى. ئەمما، كىشىلەرگە زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇش، مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بىر يىلچە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆمەرجان بۇ مەھسۇلاتلار ئارقىلىق خېلى كۆپ كونا خېرىدار توپلىدى، ئىستىمالچىلارمۇ بارا- بارا شىنجاڭنىڭ يەرلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ سېتىۋالىدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۆمەرجان تارتقان جاپاسىغا لايىق ئەجرىگە ئېرىشىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقتىدا ھەم ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى، ھەم جەمئىيەتتە چېنىقتى. ئۇ ئوقۇشىنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا قايتقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان دوكان خوجايىنى بولسا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر نەچچە چوڭ مىللىي كارخانىنىڭ نەنجىڭدىكى ۋەكالەتچىسى بولۇپ قالدى...

توقسۇ ناھىيەسىدە كادىر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئۆمەرجان جامالغا نىسبەتەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەمۇرىي ياكى كەسپىي ئورۇندا مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىش- ئۇنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى، ئوغلىنى ياخشى شارائىتتا، زور ئۈمىدلەر بىلەن ئىچكى ئۆلكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئارزۇلاپ ئوقۇتقان ئاتا- ئانىنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىسا «نېنى پۈتۈن» بولمايتتى. 2007- يىلى، ئۆمەرجان ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە ھەر خىل كەسپى  ئورۇنلارنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، خىزمەت ئىزدەش سەپىرىنى باشلىدى. ئەمما، بىر نەچچە ئاي نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. ئۇ ھەر قېتىم بىر ئىمتىھانغا قاتناشقاندا، تۈرلۈك سەۋەب ياكى «كاج تەلەي» تۈپەيلىدىن، بىرەر ئورۇننىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاش پۇرسىتىگە نائىل بولالمىدى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ غېمىنى يەپ، باشقىلارنىڭ ئالدىغا بېرىشىنى، ئارتۇقچە جاپالارنى تارتىشىنى تېخىمۇ خالىمىدى. ئىشلار ئوڭغا تارتمىغانسىرى، ئۆمەرجان ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ «نېنى پۈتۈن بولىدىغانلىقى» ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. ئەجىبا، ناننى پۈتۈن قىلىشنىڭ باشقا يولى يوقمۇ؟! ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە سودا- تىجارەت قىلىپ، ئازدۇر- كۆپتۇر «نان تېپىپ» يىگەن چاغلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، كىچىكرەك بولىسمۇ بىرەر ئىگىلىك تىكلەپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى.
گەپنى قىلىش ئاسان، ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس، ئىگىلىك تىكلەشمۇ ھەم شۇنداق. كوچا- كويلاردا ئانچە- مۇنچە «چاربازارچى»لىق قىلىپ باققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆمەرجان ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە بىرەر سائەتمۇ دەرس ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبە ۋە ساۋاتقا ئىگە ئەمەس. شۇڭا، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىشى، ئۆگىنىشى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ، بازارنىڭ قانۇنىيىتىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنىشى زۆرۈر ئىدى. ئەمما، ئۇ بىر قانچە ئاي جەريانىدا ئۆزىگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەش «كوچىسى»غا كىرمەكچى بولۇۋاتقان ياشلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان، ئۇلارغا بىر قەدەر ئىلمىي نىشان كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىرەر سەھنىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە بۇ ھەقتە بىرمۇ كەسپىي تور بېتىنىڭ يوقلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ ئىشنى مۇشۇ يەردىن باشلاش ئۈچۈن، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، 2008- يىلى 11- ئايدا مىللىيلارنىڭ تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش تورىنى قۇرۇپ چىقتى. دەرۋەقە، بۇ تورنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، ئىگىلىك تىكلەش خىيالىدا يۈرگەن، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى ياكى ئىشنى قايسى يەردىن باشلاشنى بىلەلمەي يۈرگەن بىر تۈركۈم ياشلار ئۇيغۇر ئىگىلىك تورىغا توپلىنىپ، كارخانىچىلىققا، ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر كۆز قاراشلىرى ئارقىلىق ئۆز- ئارا يول كۆرسەتتى ۋە ئىلھام بېرىشتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆمەرجان بۇ تور بېكىتىنى قۇرۇپ بەكمۇ توغرا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى، بۇ سەھنىدىن تېخىمۇ مول بىلىمگە ۋە ئۆزگىچە قاراشقا ئېرىشكىنى ئۆمەرجان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە ئۈرۈمچىدىكى شىركەتلەردە مال ساتقۇچى، دىرېكتور ۋە كەسپىي دىرېكتور بولۇپ ئىشلەپ، ئۆزىنى چېنىقتۇردى.
شۇ مەزگىللەردە ئۈرۈمچى بازارلىرىدا ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دوكانلىرى بارا- بارا جىقلاشقا، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئېشىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلارغا بولغان ئىستىمال ئېھتىياجى قانداق بۇلار؟ بۇ خىل ئېھتىياج ۋاقىتلىقمۇ ياكى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشارمۇ؟ ئۆمەرجان بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆردى. نەتىجىدە، بازاردا مەھسۇلاتنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، سۈپەتلىك بىلەن ساختىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ساھەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىستىمالىدا گۇمانىي نۇقتىلار كۆپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىران، تۈركىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەك- ئىچمەكلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى، بۇ قىزغىنلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يېمەك- ئىچمەك ئىستىمالىدىكى بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىش مۇقەررەركى پۇرسەتنى تۇتالىغۇچىلارغا ناھايىتى ياخشى ئىگىلىك تىكلەش پۇرستى بولالايتتى. بۇنىڭغا كۆزى يەتكەن ئۆمەرجان جامال 2012- يىلى 8- ئايدا «ئەلبەھىر» ماركىسىنى ئەنگە ئالغۇزدى ھەم تۇغقانلىرىدىن قەرز ئېلىش بەدىلىگە ئازغىنە مەبلەغ توپلاپ، كاللىسىدا پىشۇرۇپ يۈرگەن پىلانى بويىچە ئىمپورت مەھسۇلاتلار زەنجىرسىمان تاللا دوكىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ شۇ يىلى 10- ئايدا ئۈرۈمچى «ئەلبەھىر» سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. بۇ يىل 6- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئەلبەھىر» نامىدىكى تۇنجى ئىمپورت مەھسۇلاتلار زەنجىرسىمان تاللا دۇكىنى ئېچىلغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 28 تارماق دوكان ئېچىلدى. ئۆمەرجان تۈركىيە، مالايسىيا، دۇبەي، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىدىغان 20 نەچچە كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، زەنجىرسىمان تاللا دۇكىنىدا ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش ۋە ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىغا قەدەم باستى.
ئۆمەرجان جامال- ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارنىڭ بىرى. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىن جەمئىيەتكە قەدەم باسقان بىر ياش ئۈچۈن مەبلەغ يوق، يول كۆرسەتكۈچى يوق شارائىتتا ئىگىلىك تىكلەش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس. ئەمما، ئۆمەرجان نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قۇرۇق قول ھالدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىيەلىدى. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە غەيرىتىگە ئاپرېن ئېيتىمىز ھەم ئىگىلىكىنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
تەجرىبە ۋە ئۆرنەك: قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، سىزدە ئۇنىۋېرسال قابىلىيەت ۋە ئىقتىدار؛ يېڭىلىققا ئىنتىلىش، يېڭىلىقنى بايقاش ماھارىتى؛ كۈچلۈك ھەمكارلىق روھى ۋە ھەمكارلاشقۇچىنى قايىل قىلالىغۇدەك مۇكەممەل پىلان بولسۇن. 

شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى