ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋەبى:

كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋەبى:

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كۆلەملىك ئىقتىساد» بۇ يەردە!

 

 كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ سەۋەبى:


1. كەسپىيلىشىش، ئادام سېمىز (Adam Smith)نىڭ كىلاسسىك ئەسىرىدىن باشلاپ، كىشىلەر ئىشنى تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كۆلىمى قانچە چوڭ بولغان كارخانىنىڭ ئىش تەقسىماتى شۇنچە تەپسىلىي بولىدۇ؛ (بىراق ياڭ شىياۋكەي "杨小凯"نىڭ ئېيتىشىچە بويىچە بولغاندا، ئادام سېمىزنىڭ تەكىتلىگىنى ئىش تەقسىماتى بولۇپ كۆلىمى ئەمەس بولۇپ، كۆلەملىك ئىقتىساد مارشال (George Catlett Marshall)نىڭ يېڭى كىلاسسىك ئىقتىساد ئىلمى نەزەرىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئادام سېمىزنىڭ كىلاسسىك ئىقتىساد ئىلمى بىلەن زىت بولغان نەزەرىيەسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆلىمى قانچە چوڭ بولغان كارخانىنىڭ ئىش تەقسىماتى شۇنچە تەپسىلىي بولىدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.)  ئاللىن ئاببوت يوڭ (Allyn Abbott Young) چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر پەقەت مەلۇم يەككە كارخانا ياكى مەلۇم ئالاھىدە كەسىپنىڭ كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمىنى كۆزەتكەندە، ھەقنىڭ پەيدىنپەي ئارتىش مېخانىزمى تولۇق چۈشىنىلمەيدۇ، چۈنكى ھەسسىلەنگەن كەسىپنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە كەسىپلىشىشى ھەقنىڭ پەيدىنپەي ئارتىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.»


2. ئۆگىنىش تەسىرى، مەھسۇلاتنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ پىششىق بولۇش دەرىجىسى ئېشىپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛


3. تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك ئۈستىگە ئالالايدۇ؛


4. توشۇش، خام ماتېرىيالنى سېتىۋىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىقتىسادچىللىق؛


5. باھا تالىشىشتىكى كۈچلۈك ئورۇن.


كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق تۈرى


ئاساسلىق ئۈچ تۈرى بولۇپ:


1. ئىچكى كۆلەملىك ئىقتىساد. بىر ئىقتىسادى ئەمەلىي گەۋدىنىڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىنىڭ ئېشىشىنى كۆرسىتىدۇ؛


2. تاشقى كۆلەملىك ئىقتىساد. پۈتۈن كارخانا (ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى) كۆلەملىك ئۆزگىرىش جەريانىدا بەزى ئىقتىسادى ئەمەلىي گەۋدىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كەسىپنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل كەسىپتىكى بارلىق شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى مۇناسىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ.



3. قۇرۇلما كۆلەملىك ئىقتىساد. ھەرخىل ئوخشىمىغان كۆلەملىك ئىقتىسادى گەۋدىسى ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەڭشەش نىسبىتىدە بەلگىلىك كۆلەملىك ئىقتىسادنى شەكىللەندۈرىدۇ: كارخانا كۆلەم قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادى بىرىكمە قۇرۇلمىسى، شەھەر-يېزا كۆلەم قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار.
كۆلەملىك ئىقتىسادنى چەكلەيدىغان ئامىللار


كۆلەملىك ئىقتىسادنى چەكلەيدىغان ئامىللار ئاساسلىقى:


1. تەبىئىي شارائىت، مەسىلەن نېفىت زاپىسى نېفىتلىكنىڭ كۆلىمىنى بەلگىلەيدۇ.


2. ماددىي تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن خىمىيە سانائىتى ئەسلىھەلىرى ۋە قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارى خىمىيە سانائىتىنىڭ كۆلىمىگە تەسىر قىلىدۇ؛
3. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي شارائىت مەسىلەن مەبلەغ، بازار، ئەمگەك كۈچى، تىرانسىپورت، كەسىپلىشىش قاتارلىقلار كارخانىنىڭ كۆلىمىگە تەسىر قىلىدۇ؛
4. ئىجتىمائىي سىياسىي تارىخى شارائىت قاتارلىقلار.


ئىقتىساد ئەمەلىي گەۋدىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەندە، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى مەبلەغ ئامىلىنىڭ ئارتىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، پايدا تەدرىجىي ئازلايدۇ، يەنى كۆلەمسىز ئىقتىساد بولىدۇ. بازار ئىقتىسادىدا، ئىشلەپچىقارغۇچى دائىم كۆلەملىك ئىقتىسادنى قوغلىشىپ، كۆلەمسىز ئىقتىسادتىن ساقلىنىدۇ. كۆلەملىك ئىقتىسادقا ئىنتىلىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى تەتقىق قىلغان مۇۋاپىق كۆلەم ۋە ئۇنىڭ چەكلىگۈچى ئامىللىرى ۋە ھەرخىل ئوخشىمىغان كۆلەملىك ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش ۋە ماسلاشتۇرۇش نىسبىتى كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېچىپ بېرىپ، ئەڭ ياخشى كۆلەم قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلار ۋە ئاماللارنى ئويلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى