ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس

جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس

ۋاقتى: 2016-05-17 ئاۋاتلىقى: 785 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

             جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس 

جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ. بىر كىشىگە نىسبەتەن، ئۈمىدنى چىڭ تۇتالايدىغىنى دەل ئۆزى، ئۈمىدتىن ۋاز كېچەلەيدىغىنىمۇ پەقەتلا شۇ ئۆزى. ئۆچمەنلىك، ئاداۋەتخورلۇق پەقەتلا بىزنى نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. مەيلى نەتىجە قازىنايلى ياكى مەغلۇپ بولايلى، ئۆزىمىزنى ئالقىشلاپ، بارىكاللا ئېيتماققا ئاساسىمىز بار! مەيلى يىقىلايلى ياكى يوقىتىپ قويايلى، ھېچقىسى يوق، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بوران-چاپقۇندا داۋاملىق كېزەيلى، ناخشا ئېيتقاچ ئالغا ئىلگىرلەيلى. كۆزىمىزنى سۈرتۈپ، گاڭگىراشتىن ئۆزىمىزنى يوقاتمايلى. پەقەتلا كۆڭلىمىزدە قىرغاق بولغاندىلا، ئۆتكەلمۇ بولىدۇ، قولۋاقمۇ بولىدۇ، شۇندىلا بىزنىڭ ئەتىمىز بولىدۇ.

  ياشاش، باشتىن ئۆتكۈزۈش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئەسلىدىلا شۇنداق خۇشاللىنارلىق. كىشىلىك ھايات بىر جاپالىق مۇساپە، بىز ھەمىشە خىلمۇ خىل ئازاب-ئوقۇبەتتە قىينىلىمىز، قېيىنچىلىقنى چوڭايتىشنىڭ پايدىسى يوق، تەڭرىگە نالە قىلىپ، بەندىدىن رەنجىشىمىزنىڭمۇ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. كۆڭلىمىزدىكى ئېغىر يۈكنى قويۇپ قويايلى، تۇرمۇش ئەزەلدىن بىزگە قەرزدار ئەمەس، قاپاق تۈرۈپ ئاچچىقلىنىشنىڭ ۋە ياكى ئەلەملىك ياش تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق. جاھان كەڭرى، مەنزىرە كۆپ. شېكەرسىز قەھۋە ئىچكەچ، شۇ ئاچچىق تەمنى تېتىپ بېقىڭ.

  ئۇتتۇرۇپ باقمىغان ئادەم چوقۇم بىر ئۇتتۇرىشىدا ئۆزىنى يوقىتىدۇ؛ يىقىلىپ باقمىغان ئادەم، يىقىلسا قوپالمايدۇ؛ ئاچ-يالىڭاچنىڭ دەردىنى تارتمىسىڭىز، نامراتلىق بېشىڭىزغا چىقىدۇ؛ بىرەر نەرسە ئۈچۈن ئېلىشىپ باقمىغان بولسىڭىز، سىزگە تەئەللۇق نەرسە ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ. نېمىنى ياراتمىغان بولسىڭىز، ئاخىرىدا شۇنى ئەزىزلەيسىز؛ پەقەت بىر نىشانغا كۆڭۈل قويسىڭىز، باشقىلاردىن ئۇزۇنغا ماڭالايسىز. گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى كېچىگە خاستۇر؛ قەھرىمانلارچە ئىلگىرلەش تەنھالىققا خاستۇر؛ ئاقىۋەت ھەم پەقەت ئارىلىققا خاستۇر.


چوڭ بولغانسېرى شۇنى چۈشىنىسىز، ھاياتتا بەزىدە راستىنلا كۈتۈشكە موھتاج بولىسىز، كەلگەنلەر كېلىۋەرسۇن، كەتكەنلەر كېتىۋەرسۇن، زورلىماڭ، زورمۇزور تۇتۇپمۇ قالماڭ، چۈشەنمىگەننى چۈشىنىسىز، ئېرىشەلمىگەننى ھامان بىر كۈنى باشقا بىر ئۇسۇلدا تاپشۇرىۋالىسىز، ئالدىرىماڭ، زارلانماڭ، پەقەتلا ۋاقىتنىڭ سىزگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا قاراڭ، بەلكىم جاۋاب ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئىشلارغا سۇس قارىسىڭىز ھېچ ئىش ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەستۇر.
  
ھاياتلىقتا تاغقا يامىشىپ داۋاندىن ئېشىشقا، خەتەرنى بۆسۈپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر ئىشتىن كۆڭۈلنى سوۋۇندۇرۇپ، شۇ ئورۇندا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ. جاپا-مۇشەققەتتىن خۇشاللىق ئىزدەپ، جاپا مۇشەققەتنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرسىڭىزلا، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، ئۇلۇغۋار غايىلىك بولالايسىز.
   
قەيسەرلىكىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئەمما يېشىڭىزنى يوشۇرماڭ؛ ماددىي بايلىقنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىڭ، ئەمما بارلىقىڭىزنى بېغىشلىماڭ؛ كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيەتكە ئىشىنىڭ، ئەمما ساختىلىقنى ئەيىبلىمەڭ؛ تىرىشسىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ، ئەمما مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ؛ تەقدىرنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىڭ، ئەمما ئىشىكىڭىز ئېتىلىپ قالغاندا، ئۆزىڭىزگە دېرىزە ئىچىشنى ئۇنۇتماڭ.
  
كەمتۈكلىكنى قوبۇل قىلىش ھاياتلىقنىڭ پىشىپ يېتىلگىنىدۇر. نۇقسانسىز ئادەم يوقتۇر، كەمچىلىك ئادەمنىڭ نورمال ھالىتىدۇر. ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەت بولىدىكەن، مەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ؛ يىغىلىش بولىدىكەن، تارقىلىشمۇ بولىدۇ؛ ھېچقانداق بىر كىشى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتتا تۇرىۋەرمەيدۇ. ياخشى نەرسىلەرگە تەڭلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئەپسۇسلىنارلىقى. پىشىپ يېتىلگەن ئادەم بارلىق مۇكەممەلسىزلىككە پىسەنت قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى زورلىمايدۇ. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش بىر گۈزەل غايە، كەمتۈكلىكنى قوبۇل قىلىش بىر گۈزەل روھىي ھالەتتۇر.
  
دۇچ كەلگەن جەمئىيەت ئەھۋالى مەيلى قانچىلىك ناچار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىز كونترول قىلالايدىغان قىسمى بار. جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈز نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھايات بىزگە پەقەتلا بىر نۆۋەت، يەنە تېخى ناھايىتى قىسقىدۇر. شۇڭا چەكلىك ھاياتتا ئۆزىمىز كونترول قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلايلى.
  كەلگۈسىدىن ئەنسىرىگەندىن كۆرە، ھازىر ئوبدان تىرىشىڭ. بۇ يولدا، پەقەت تىرىشىشلا سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ. غايىڭىزنى ئاسانلىقچە باشقىلاردىن كۈتمەڭ، ئەتراپىڭىزدىكى پىچىرلاشلارغا دىققەت قىلىپمۇ كەتمەڭ، چۈنكى كەلگۈسى ئۆزىڭىزنىڭدۇر، پەقەتلا سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرەلەيسىز. ئۆزىڭىزگە ۋەدە قىلغان ئىشنى ئۇنۇتماڭ، بارغۇڭىز كەلگەن يەرلەرنى ئۇنۇتماڭ، مەيلى قانچىلىك قىيىن ۋە مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى