ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك ھەققى توغرىسىدىكى كېلىشىم ئېنىق بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟

ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك ھەققى توغرىسىدىكى كېلىشىم ئېنىق بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-02-17 ئاۋاتلىقى: 301 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك ھەققى توغرىسىدىكى كېلىشىم ئېنىق بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 18-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى قاتارلىق ئۆلچەملەر توغرىسىدىكى كېلىشىم ئېنىق بولماي، تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قايتىدىن مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ؛ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، كوللېكتىپ توختامىنىڭ بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلايدۇ؛ كوللېكتىپ توختام يوق بولسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك ھەققى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك شارائىتى قاتارلىق ئۆلچەملەر بەلگىلەنمىگەن بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە تەدبىقلايدۇ.»

 

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ئەمگەك توختامىنىڭ مۇھىم ماددىسىدىكى كېلىشىم ئېنىق بولماسلىق سەۋەبلىك تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» يەنە يېتەكلەش خاراكتېرلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇمۇ مۇئەييەن نىسبەتتە ئەمگەك ماجراسى كېسىمى، ئەرز ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، مەيلى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بولسۇن ياكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئەرز سەۋەبلىك چارچاشتىن كېلىپ چىقىدىغان خىزمەت بېسىمى جەھەتتە بولسۇن، ئوخشاشلا ناھايىتى پايدىلىق.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى