ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

ۋاقتى: 2016-01-24 ئاۋاتلىقى: 1049 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى « بېسىم ئازراق بولسا، ھاياتىي كۈچ كۆپرەك بولىدۇ» بۇ يەردە!

 

 بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

 

جىم يۈرۈشنى راۋا كۆرمەيدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرى تىنچ ۋە غەلۋىسىز ياشاشقا ئامالسىز قالدى. ئۇلار نام – ئابروي، ئىززەت – ھۆرمەت كويىدا جاپالىق ۋە ئالدىراش خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولۇپ كەتتى. توسالغۇلار قاتمۇقات، بېسىلىش – قىسىلىش يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ باش تارتمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار شاللىنىپ كېتىشتىن قورقىدۇ. روھىي جەھەتتىكى جىددىيچىلىك ئۇلاردا بىر خىل ساختا سېزىم پەيدا قىلغان. بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ مۇشۇنداق خىزمەتكە جېنىنى سەپ بېرىدىغان، ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئىستىقباللىق «جەمئىيەت تۈۋرۈكى» بولۇشقا، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ كەلدى. باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن: «مەن بېسىمغا چىدايمەن» دېيىشى، قارىماققا مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، كىشىلەر پىسخولوگىيىە دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سورىغاندا، كۆپىنچىسى ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئېغىر خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، قانداق قىلسا «بېسىمغا چىداش ئىقتىدارى»نى يەنىمۇ ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىنى سورىشىدۇ.


يامان يېرى شۇكى، ئادەمنىڭ مەنىۋى ھەرىكىتى بىر خىل پاسسىپ ماسلىشىش ئالاھىدىلىكىگە — قانچىلىك بېسىمغا دۇچ كەلسە، شۇنچىلىك بېسىمغا ئاساسىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. سىزمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۆزىنى بېسىمغا ئىنتايىن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر راستتىنلا غايەت زور بېسىمغا چىدايدۇ. ئەگەر ئىلھاملاندۇرۇلسىڭىز، باشقىلار بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، سىز راستتىنلا تېخىمۇ كۆپ قىيىن ئەھۋالغا بەرداشلىق بېرىپ، تاكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىز يۇقىرى چەككە يەتكۈچە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالالايسىز. ئىشلىرى ئانچە ئالدىراش بولمىغان ئىدارە – ئورگاندا خىزمەت قىلسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىسىز، ھەتتا باشقىلارغا بېسىمدىن قانداق خالاس بولۇشنى مەخسۇس ئۆگىتىدىغان پىسخولوگىيە دوختۇرىمۇ «بېسىم ئېغىرلاپ كەتتى!» دەپ ۋايسايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئىجتمائىي قاراشتىكى بىر خىل چېكىنىش!


بەلگىلىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش تولىمۇ زۆرۈر، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئادەمنى زىيادە ئاجىز – مىجىمەرۇق بولۇپ قالماسلىق، كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى بوران – چاپقۇننىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن، بېسىم ھەرگىزمۇ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ نىشانى ئەمەس، پەقەت ئەمەلىي نەتىجىلا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئۇ بېسىمغا چىداش ۋە روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېسىمغا چىدايمەن دەپ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېسىم قىلماڭ. ئەكسىچە، بىز ئۆزىمىزگە چۈشۈۋاتقان بېسىمنى مۇۋاپىق ئازايتىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىمىزنى خەتەرگە باشلاپ قويىمىز — سۇنىڭ بېسىمىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىپ، شىلانكىنى ئېتىۋېتىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق! بىز كۆنۈپ قالغان روھىي ھالىتىمىزنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەتىپ، بىر خىل يېڭىچە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. بسېىم مۈشكۈل ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغابالدۇرراق ئەھمىيەت بېرىشڭىز كېرەك. بېسىمنىڭ يىغىلىشى تاغدىن قار دۆۋىسى دومىلاپ چۈشكەنگە ئوخشايدۇ — قار دۆۋىسى كىچىك، سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر ئاستا چاغدا، ئۇنى تىزگىنلەش ئاسانراق بولىدۇ؛ ئۇ دومىلاپ چوڭايغانسېرى، دومىلاش سۈرئىتى تېزلەشكەنسېرى، ئۇنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس دېمىگەندىمۇ، خېلىلا تەس بولىدۇ. كاللا ئىشلىمەي قالسا، ھەمىشە ۋاقىت يېتىشمەيۋاتقاندەك، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتىن بىزار بولغاندەك، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىسىز. مانا بۇلار دىققەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك «سۈرئەت ئاستىلىتىش سىگنالى».



ھەدېسىلا قاراملىق قىلماڭ. باش – ئايىغىنىڭ تايىنى يوق بىر دۆۋە ئىشقا دۇچ كەلسىڭىز، ئالدى بىلەن ئىدىيەڭىزدىكى ئالدىراشچىلىقنىڭ كىلاپانىنى ئېچىپ، بېسىمدىن خالاس بولۇڭ — چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ئۆيىڭىزدىن چىقىپ، دەل – دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يول بويىدا ئىستىراھەت قىلىڭ. كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشكەندىن كېيىن يېزىقچىلىق ئۈستىلىڭىزگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىڭىزنى تەبىئىي تۇتۇپ، ئىقتىدارىڭىزنىڭ غايەت زورلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ئىنچىكە پىلان تۈزۈپ غەلىبە قىلماي قالمايسىز.


ئىش ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ بىر – بىرلەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئىشنىڭ مۇھىملىرى بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى، كىمنىڭ بالدۇر، كىمنىڭ كېيىن قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭ، ئاندىن پىلان تۈزۈپ، رەتكە تىزىۋېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز تەپەككۇرىڭىزنى ئېچىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايسىز. خۇددى «كەكىنى بىلەش ئوتۇن كېسىشكە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ» دېگەندەك، قارىماققا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن «ئارتۇق» ئىش، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بولىدۇ. كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتسىڭىز، ئىشنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئۇتۇۋالغان بولىسىز. ئالدى بىلەن مەبلەغ سېلىشنى ئۆگىنىڭ، ئاندىن نەتىجىسىنى كۆرۈشنى ئويلىنىڭ.


بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، ئۆزىڭىزدە بەرداشلىق بەرگۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ «زۆرۈر» بېسىمنىڭ يوقلۇقىنى بايقايسىز. شۇنداق بولغاندا، بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە مېڭىڭىزنى ئۇپرىتىپ ئويلىنىشنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا ھاجىتى قالمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى