ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە پاي چېكى

پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە پاي چېكى

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 1036 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پاي چېكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزىڭىز پاي چېكى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىچىدە ئۇنى ئويناپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانسىز، بىراق چۈشىنىش بىر قەدەر تەس بولغان پاي چېكى بازىرىنىڭ گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈشلىرىگە، بۇ بازاردىكى 1200 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل پاي چېكىلىرىگە قاراپ قاياقتىن قول سېلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەزكۇر يازمىنىڭ سىزنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دەسلەپكى قەدەمدە خەۋەردار بولۇشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگەر، دەپ ئويلايمەن.

پاي چېكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ قانداق شىركەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ئاددىي مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:
تۇرپاندا يېمىشنىڭ باھاسى 6 يۈەنكىلوگىرام، ئۈرۈمچىدە بولسا 8 يۈەنكىلوگىرام، مەلۇم بىر كىشى بۇنىڭدىكى باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە يېمىش يۆتكەشنى پىلانلىدى، دەپ پەرەز قىلايلى. يۆتكەش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرگە تەخمىنەن
0.5 يۈەنكىلوگىرامنى چىقىرىۋەتمەك، ھەر كىلوگرامدىن 61.5 يۈەنكىلوگىرام ساپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ سودىغا ئاز دېگەندە 10 مىڭ يۈەن دەسمايە سېلىش كېرەك. بىراق بۇ كىشىنىڭ قولىدا 6000 يۈەنلا پۇلى بار، شۇڭا ئۇ، بۇ سودىنى بىر دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ قىلماقچى بولدى، دوستى 4000 يۈەن دەسمايە قوشتى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېلىپلا 2500 يۈەن ساپ پايدىغا ئېرىشتى ۋە قوشقان دەسمايىسى بويىچە بۇ كىشى 1500 يۈەن، دوستى 1000 يۈەننى ئالدى. ئەگەر بۇ سودىدا زىيان چىقسا، زىيانمۇ ئەلۋەتتە يۇقىرىقى نىسبەت بويىچە بۆلىنىدۇ، يەنى 3000 يۈەن زىيان بولدى دەپ پەرەز قىلساق، بۇ كىشى 1800 يۈەننى، دوستى 1200 يۈەننى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
بۇ مىسال گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شېرىكلىشىپ سودا قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى سالغان مەبلەغ بىلەن ئېرىشكەن پايدا-زىيان ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەر خىل كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئۆز ئارا پاي قوشۇپ شېرىكلىشىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى كارخانا شەكلىنىڭ ئەڭ ئىلغار بىر شەكلى بولۇپ، چەت ئەللەردە نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا شەكىللەنگەن. بىز دائىم نامىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان دۇنيادىكى بەزى داڭلىق شىركەتلەر، مەسىلەن ئامىرىكىدىكى «IBM» شىركىتى، «كوكا-كولا» شىركىتى، گېرمانىيەنىڭ «شىمىنزى» شىركىتى، ياپونىيەنىڭ «سونىي»، «سۇڭشىيا» قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە كىرىدۇ. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان «چاڭخۇڭ» ماركىلىق تېلېۋىزور، «چۈنلەن» ماركىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ، شىنجاڭنىڭ «تەڭرىتاغ» ماركىلىق يۇڭ توقۇلما مەھسۇلاتلىرى بولسا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر.
#p#
پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى پاي چېكى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدۇر.
ئۇنداقتا پاي-چېكى دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، شىركەتنىڭ ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى كەڭ جامائەتكە تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق جامائەت ئارىسىدىن «شېرىك» توپلايدۇ. شىركەتكە شېرىك بولۇشنى خالايدىغانلار شىركەت تارقاتقان پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شىركەتكە مەبلەغ قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاي چېكى سېتىۋالغۇچىلار شىركەتنىڭ «پايچىك» لىرىغا ئايلىنىدۇ، پاي چېكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىدىكى پاي چېكى ئۇلارنىڭ پايچىكلىق سالاھىيىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇلار بۇ «ئىسپات» ئارقىلىق شىركەتنى باشقۇرۇش ۋە شىركەتنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى بولسا بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق توپلىغان مەبلەغنى شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇڭا پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلىشى ئۇلارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا كېرەكلىك بولغان مەبلەغگە ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ۋە كۆپ ساندىكى پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ نىشانىدۇر.
پاي چېكى تارقىتىش كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تارقاق مەبلەغلەرنى توپلاپ، ئۇنى چوڭ ئىشلارغا ئىشلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. مەسىلەن مەلۇم بىر جايدا تۆمۈريول ياساشنى پىلانلىدى. ئەگەر بۇ جايدا تۆمۈريول ياسالسا، بۇ يەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقا جايلارغا چىقىرىش، باشقا جايلاردىكى تاۋارلارنى بۇ يەرگە ئەكىرىش ئارقىلىق بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىراق دۆلەتنىڭ ھازىرچە بۇ جايغا مەبلەغ چىقىرىپ تۆمۈر يول ياساش پىلانى يوق. بۇ تۆمۈريولنى ياساش ئۈچۈن جەمئىي 10 مىليارد يۈەن پۇل كېتىدۇ. يەرلىك مالىيە بولسا بۇنچە كۆپ مەبلەغنى چىقىرالمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللاندى: ئالدى بىلەن بىر پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇلدى. بۇ شىركەت جەمئىي 10 مىليارد پاي چېكى تارقاتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ %50 پېيىنى، يەنى 5 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ جايدىكى بىر نەچچە مەبلەغ كۈچ زور شىركەتلەر بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ 4 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان 1 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكى بولسا كەڭ جامائەتكە تارقىتىلدى. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ جايدا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ توپلىنىپ، تۆمۈريول ياسالدى. تۆمۈريول پۈتۈپ، كىرگەن ئىقتىسادىي كىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا پاي چېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شىركەتكە مەبلەغ قوشقانلار ئۆزلىرىنىڭ پاي نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىشتى.
مانا بۇ مىسالدىن، پاي چېكى تارقىتىشنىڭ تارقاق مەبلەغلەرنى توپلاش ئارقىلىق مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشتەك رولىنىڭ بارلىقىنى، ئىقتىسادىي پائالىيەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىشتەك ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.
#p#
پاي تۈزۈمى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ئىلغارلىقلىرى بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان بىر خىل كارخانا تۈزۈمى شەكىلىگە ئايلاندى. بۇ خىل كارخانا تۈزۈمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ مەبلەغ توپلاش ۋە سودا خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، شىركەتنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە بارلىق پايچىكلارنىڭ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرقەدەر مۇكەممەل ۋە دېموكراتىك بولغان كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى شىركەتلەر پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرىدۇ. بۇنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ئالدى بىلەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، باشقا شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى ئاپتونوم رايونلۇق (ئۆلكىلىك) خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىغا سۇنىدۇ. تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتى شىركەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىجازىتى بېرىدۇ. پاي چەكلىك شىركىتى ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، تەييارلىق كومىتېتى مالىيە، يەر باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن يەر، مال- مۈلۈكنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش، باھالاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. تەييارلىق پۈتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق (ئۆلكىلىك) خەلق ھۆكۈمىتى پاي چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلايدۇ.
يۇقىرىقىدەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ تۈزۈلمىسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەممىسىنىڭلا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشى ناتايىن. ئەگەر پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن قارمىقىدىكى ئاكسىيەنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلۇق (ئۆلكىلىك) ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاكسىيە شىركەتلىرىنىڭ كونسۇلتاتسىيەسىنى ئاڭلايدۇ. كونسۇلتاتسىيە جەريانىدا مەزكۇر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش، مالىيە تۈزۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرى پاي چېكىنى بازارغا سالغان پاي چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئۆلچەمگە يەتتى دەپ قارىسا، ئاكسىيەنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش كومىتېتىغا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن شاڭخەي ياكى شېنجېن ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنى بازارغا سالىدۇ.
پاي چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئىشى مۇرەككەپ، ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەكشۈرۈلىدىغان خىزمەت بولۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈشكە يول قويۇلمايدۇ. شىركەتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، شىركەتلەر كەڭ پايچىكلىرىغا پايدا بېرىش ئۈچۈن تىجارىتىنى ياخشىلاپ، توپلانغان مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىش ھەر قانداق پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەگەر شىركەتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىركەتنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياخشى بولماي تىجارىتىدە ئۇدا ئىككى يىل زىيان كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا بۇ شىركەت « ST قالپىقى»نى كىيىدۇ. ئۈچۈنچى يىلى زىيىنىنى تۈگىتىپ پايدىغا ئېرىشەلىسە «قالپاق» ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئەگەر يەنە داۋاملىق زىيان تارتسا ئۇ ھالدا «PT قالپىقى» نى كىيىپ، بۇ شىركەت پاي چېكى بازىرىدىن «قوغلاپ چىقىرىلىش» خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ. (ST ، PT بەلگىسى ھەققىدە كېيىنكى مەزمۇنلاردا چۈشەنچە بېرىمىز.)
ئەمدى بىز يەنە پاي چېكىگە قايتىپ كېلەيلى.
#p#
ئەگەر سىز H شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، پېيىڭىزنىڭ سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز بۇ شىركەتنىڭ بىر پايچىكىغا ئايلىنىسىز، سىزنىڭ قولىڭىزدىكى پاي چېكى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. سىزمۇ بىر پايچىك بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن H شىركىتىنىڭ بارلىق ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە شىركەت تەقسىم قىلغان پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىسىز.
ئەڭ دەسلەپكى پاي چېكى قەغەز شەكلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قەغەز ئۈستىگە شىركەت نامى، پايچىكنىڭ ئىسمى ۋە پاي چېكىنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلاتتى. ھازىر پاي چېكى بازىرىدا ئوبوروت قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، پاي چېكى سودىسىمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. قولىڭىزدىكى ھېسابات ئېچىش كارتوچكىسىغا تايىنىپ، نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئۆزىڭىز خالىغان مەلۇم پاي شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ ساتالايسىز. ئالغان ياكى ساتقان پاي چېكىڭىزنىڭ باھاسى، سانى، ئاشقان مەبلىغىڭىز، تۆلىگەن رەسمىيەت ھەققىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ ھېسابات كارتوچكىڭىز ئارقىلىق كومپيۇتېردىن تەكشۈرەلەيسىز.
پاي چېكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
1) پاي چېكىنىڭ مۇددەتسىزلىك
H شىركەت پاي چېكى تارقاتتى، سىز ئۇنى سېتىۋالدىڭىز. شىركەت پاي چېكى سېتىش ئارقىلىق توپلىغان مەبلىغى كىرىم سۈپىتىدە شىركەتكە تەۋە بولىدۇ. سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنى قايتۇرىۋالالمايسىز. چۈنكى «شىركەت قانۇنى» دا ئاشۇنداق بەلگىلەنگەن. ئەگەر قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. مانا بۇ پاي چېكىنىڭ مۇددەتسىزلىكى.
2) پاي چېكىنىڭ ھوقۇق، مەسئۇلىيەتچانلىقى
سىز H شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ شىركەتنىڭ بىر پايچىكىغا ئايلاندىڭىز. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ شىركەتنى باشقۇرۇشقا ئارىلىشىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ، يەنى پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىش، شىركەتنىڭ سودا ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش، پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىقى دېگىنىمىزدە، H شىركىتى پاي چېكى تارقاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ بارلىق پايچىكلارنى شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ۋاقتى- ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
3) پاي چېكىنىڭ ئوبوروتچانلىقى
ئەگەر سىز H شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسىڭىز، پۇلىڭىزنى شىركەتتىن مەڭگۈ قايتۇرىۋالالمايسىز، دېدۇق. بىراق بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئەگەر سىز بۇ شىركەتكە داۋاملىق مەبلەغ قوشۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنى پاي چېكى بازىرىدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ (سېتىپ) بەرسىڭىز بولىدۇ، يەنى پاي چېكىنى ئوبوروت قىلىشقا بولىدۇ.
4) پاي چېكىنىڭ خەۋپ-خەتەرلىكلىكى
سىزنىڭ پاي چېكى سېتىۋالغانلىقىڭىز ماھىيەتتە سىز باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سودا قىلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بىرىدۇ. ھەر قانداق سودىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، پاي چېكى سېتىۋېلىشنىڭمۇ خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ خەۋپ–خەتىرى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن كېلىدۇ: بىرى، سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ باھاسى پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك سىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشىڭىز ياكى زىيانغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن؛ يەنە بىرى، سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈش ياكى ئۆسمەسلىكى شىركەتنىڭ روناق تېپىش ياكى تاپماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سىز پاي قوشقان بۇ شىركەت ۋەيران بولسا، سىز ھەتتا پۈتۈن دەسمايىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى