ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېسىم ئازراق بولسا، ھاياتىي كۈچ كۆپرەك بولىدۇ

بېسىم ئازراق بولسا، ھاياتىي كۈچ كۆپرەك بولىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى « ئائىلىڭىزدىكىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىڭ» بۇ يەردە!

 

 بېسىم ئازراق بولسا، ھاياتىي كۈچ كۆپرەك بولىدۇ

 

گەرچە كۈرەش قىلىش ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتىدە يەنىلا «تىنچلىق» مەۋجۇت. نېمە ئۈچۈن؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئىنسانلار ئەسلىدىنلا ئوتخور ھايۋان، بۇنى ئىنسانلارنىڭ چىشىغا قاراپ ئىسپاتلىغى بولىدۇ (ئادەتتە گۆشخور ھايۋانلار چىشى ئۇچلۇق، كالپۇكى يېرىق كېلىدۇ). ئوتخور ھايۋانلار ئۇرۇش قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، تىنچلىق كەيپىياتىغا تولغان بولىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى يەنىلا تىنچلىقنى ياقىلاش. ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى تىنچلىق بولغاچقا، توپلىشىپ ياشايدۇ، تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشالايدۇ، شۇ سەۋەبتىن تەشكىلنى ھاسا قىلىدۇ، تەشكىل ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىدۇ، مەدەنىيەت يارىتىدۇ.


لېكىن، ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار مەدەنىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ھايۋانلارنى ئوتتا پىشۇرۇپ يېسە، تېخىمۇ مەززىلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقتىن، يىغىمچىلىق تۇرمۇشىدىن ئوۋچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆتكەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىمۇ شۇ سەۋەبتىن تارىخنى ئۇرۇش ئارقىلىق يېزىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق يېزىلغان تارىختا «رىقابەتلىشىش قائىدىسى» تەبىئىي رەۋىشتە پەيدا بولغان.


مىڭجىژ يىللىرىدىن بۇيان، ياپونىيەلىكلەر رىقابەتلىشىش قائىدىسىنى تەلىم – تەربىيە مەزمۇنىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ كەلدى.

 

«رىقابەتلەشكەندىلا، ئالغا باسقىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزنى ياپونىيەنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتراپ قىلىدۇ.



نېمە ئۈچۈن ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن ئاق كۆڭۈل بالىلارغا رىقابەتلىشىش قائىدىسى تەكىتلىنىدۇ؟ مەن بۇنى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولدىمىكىن دەپ ئويلايمەن. جىياڭخۇ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن تارتىپ، مىڭجىژ دەۋرىگىچە ياپونىيەلىكلەر غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، بالىلارغا رىقابەتلىشىش قائىدىسىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈپ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى ئويلىغان.


بۇ سىياسەت ئالدى بىلەن ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى — توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەلىم – تەربىيە تۈزۈمىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بارلىق مۇنەۋۋەر ياشلارنى بۇ مەكتەپكە يىغقان. ياپونىيەنىڭ بۇ مائارىپ سىياسىتى تەبىئىيكى، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. گەرچە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا، ياپونىيە دۇنيا تارىخىدىكى بىر سەت ئىشنى قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا يەنىلا تېز سۈرەت بىلەن قىستاپ كىرەلىدى.
رىقابەت قائىدىسى پەيدا قىلغان بېسىمدىن بولسا كېرەك، ياپونىيە ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاشۇنداق بەدەل تۆلىدى.
كۆپۈك ئىقتىساد پارچىلانغاندىن كېيىن، زادى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى مېنىڭچە بېسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. شۇڭا، 21 – ئەسىرنىڭ «قەلب دەۋرى» دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.


ياپونىيەدە «تەربىيەچى ئانا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر توپ ئانىلار بار. ئۇلەر مەيلى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئىقتىدارى قانداق بولسا بولسۇن، ئۇلارنى داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرگۈزمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان پىداكار ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.


نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟


چۈنكى، ئۇلار «بالىلارنىڭ بەختى — داڭلىق ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش» دەپ قارايدۇ.



مىڭجىژ دەۋرىدىن بۇيان، جاۋ خېنىڭ 20 – يىللىرىدىن 50 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاۋامنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك مۇشۇنداق ئويدا بولۇپ كەلگەنىدى. لېكىن، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئوي «تارىختىكى خاتالىقنى ئۇقۇشماستىن ياخشى ئۈلگە دەپ ئىشىنىپ قالغانلىق» بولىدۇ.
رىقابەت قائىدىسىمۇ مۇشۇ «تەربىيەچى ئانا»لارنىڭ بولغانلىقى بىلەن پىشىپ يېتىىدۇ، كۈنسايىن كېڭىيىدۇ، «داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، بالىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بەخت دېگەن مانا شۇ». بۇ ئاشۇ ئانىلارنىڭ خىيالى. شۇنىڭ بىلەن بالىلار بېسىمنىڭ قاينىمىغا كىرىپ كەتسە، تامامەن ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدۇ.


ئادەتتە كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىمۇ مەكتەپلەرنىڭ تەلىم – تەربىيە تۈزۈمىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى جەمئىيەتكە كىرىشتە بولسۇن، بۇ خىل رىقابەت قائىدىسى سىزگە سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىدۇ، رىقابەتسىز ھېچقانداق جاي يوق. كىشىلىك تۇرمۇشنى بېسىمنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراتماي ئۆتكۈزىمەن دېيىش ھەقىقەتەن قىزىق گەپ.


يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، قىلچىمۇ بېسىم ھېس قىلماسلىق ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. بېسىم يىغىلىپ بىر يۇقىرى چەككە يەتكەندە پارتىلىسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئەگەر بىر كىشى ئەزەلدىن بېسىم ھېس قىلىپ باقمىدىم دېسە، ئانچە مۇمكىن بولمايدۇ. دېمەك، نائىلاج بېسىم ئاستىدا قالسىڭىز، ئەمما ئانچە جاپا تارتىپ كەتمەي، مۇشۇنداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئازراق سەزسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز مۇقەررەر ئازادە ئۆتىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە چۈشۈۋاتقان بېسىمىنى بالدۇرراق سېزىشىنى، بېسىم بىلەن تولغان تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، ھاياتلىقنى شاد – خۇراملىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


كۈنلىرىڭىز خۇشال – خۇرام ئۆتسۇن!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى