ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت سىزنى تەكلىپ قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟

شىركەت سىزنى تەكلىپ قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-09-29 ئاۋاتلىقى: 533 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 شىركەت سىزنى تەكلىپ قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ خىزمەتتىكىلەر چوقۇم كۆرۈڭ، خوجايىن بولسىڭىز قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە كۆرسىتىڭ!

 

سىزنى ئاۋارىچىلىق تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىدۇ!


ئەگەر سىز مەسىلىنى بايقىيالمىسىڭىز ياكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز بىر مەسىلە!


قانچىلىك چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز، شۇنچىلىك يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرىسىز!


قانچىلىك مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز شۇنچىلىك مائاش ئالالايسىز!


مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلار ئۆسسۇن، مەسىلە تۇغدۇرىدىغانلار ئورنىنى بوشاتسۇن، مەسىلىنىڭ كۆپلىكىدىن ۋايسايدىغانلار دەرستىن چۈشسۇن!

[مەسىلە سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز]


1. شىركەتنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ ياخشىلايدىغان پۇرسىتىڭىز؛
2. خېرىدارنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان پۇرسىتىڭىز؛
3. ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان پۇرسىتىڭىز؛
4. خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ ئۇنى قوللاپ ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان پۇرسىتىڭىز؛
5. رەھبىرىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىپ ئۆسۈشنى قولغا كەلتۈرىدىغان پۇرسىتىڭىز؛
6. رىقابەتچىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىزنىڭ كۈچىيىدىغان پۇرسىتىڭىز؛



[ئاسانلىقچە كوللېكتىپتىن ئايرىلماڭ، بولمىسا يەنە نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىسىز]


1. ھەمىشە ئوڭۇشلۇق قىلالمىساملا ۋاز كېچىمەن دەپ ئويلىماڭ، ھەرقانداق كوللېكتىپنىڭ مەسىلىسى بولىدۇ، ھەرقانداق كوللېكتىپنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ.
2. رەھبەرنى توغرا تاللاش ناھايىتى مۇھىم، سىزگە ئۆگىتىشنى خالايدىغان، سىزنى قىلغىلى قويىدىغان رەھبەرنى چوقۇم قەدىرلىشىڭىز كېرەك.
3. كوللېكتىپنىڭ مەسىلىسى دەل سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان پۇرسىتىڭىز، كوللېكتىپتىن ئاغرىنغانلىق دەل ئۆزىنىڭ كاچىتىغا سالغانلىق، ئۆزىنى ئىقتىدارسىز دېگەنلىك، پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەنلىك!
4. قەلبىڭىزدە مىننەتدارلىق بولسۇن، سىستېمىنىڭ سىزنى سۇپا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىڭ، شېرىكىڭىزنىڭ سىزگە ماسلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىڭ!
5. پايدا يارىتىش سىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىڭىزنىڭ يادرولۇق قىممىتى، ئىگىلىك تىكلەش خەيرى-ساخاۋەت قىلىش ئەمەس.
6. مەسىلىگە يولۇققاندا ئاۋۋال ئويلىنىڭ، مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپلا قويۇش دەسلەپكى سەۋىيە، ئويلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش يۇقىرى سەۋىيە.



[كىم ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟]


بىرىنچى: ئىزچىل كوللېكتىپ بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئادەم.
ئىككىنچى: كوللېكتىپنىڭ كەلگۈسىگە باشتىن-ئاخىر ئىشەنگەن ئادەم.
ئۈچىنچى: كوللېكتىپنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىشى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالىغان ئادەم.
تۆتىنچى: كوللېكتىپنىڭ يېڭى نىشانى ئۈچۈن توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئادەم.
بەشىنچى: بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەم سەۋىرچان ئادەم.
ئالتىنچى: كوللېكتىپ بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەدتە بولغان، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولغان، جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ بىرگە كۆرگەن ئادەم.
يەتتىنچى: ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئومۇملىقنى نەزەردە تۇتقان ئادەم.
سەككىزىنچى: يۈكسەك ئىرادىلىك، پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئادەم.


[ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەڭكى، مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزغا باھانە تاپماڭ]


بىرىنچى بۆلەك


سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز دەل سىزنىڭ يۆنىلىشىڭىز؛
سىزنىڭ تەجرىبىڭىز دەل سىزنىڭ بايلىقىڭىز؛
سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز دەل سىزنىڭ تەقدىرىڭىز.


ئىككىنچى بۆلەك


مۇرەككەپ ئىشنى ئاسان قىلسىڭىز، سىز مۇتەخەسسىس؛
ئاسان ئىشنى تەكرار قىلسىڭىز، سىز كەسپ ئەھلى؛
تەكرار قىلغان ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلسىڭىز، سىز ئۇتۇق قازانغۇچى.


ئۈچىنچى بۆلەك


گۈزەللىك نەتىجە ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە مەنسۇپ،
پۇرسەت ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ،
مۆجىزە ئىخلاسمەنلەرگە مەنسۇپ!
ئەگەر قىلغۇڭىز بولمىسا، ھامان باھانە تاپالايسىز؛
ئەگەر راستىنلا قىلغۇڭىز بولسا، ھامان ئامال تاپالايسىز!



رەھبەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا: ئۇنى سۆيسىڭىز ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويۇڭ!


1. سىزگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان رەھبەرلا، سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ھەقىقى ياردەم بېرەلەيدىغان ياخشى رەھبەر، مېنى ئازابلىغانلار چوقۇم مېنى كۈچلەندۈرىدۇ!
2. ھېچقانداق كۈچلۈك شىركەت قول ئاستىدىكىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ، ئەڭ رەھىمسىز ئۇسۇل بىلەن ھەربىر ئادەمنى كۈچلۈك بولۇشقا، توختىماي ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ!
3. ئامال بار قول ئاستىدىكىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرگەن شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولىدۇ، چۈنكى كۈچلۈك بولماقچى بولغان ئادەممۇ رايىش مۇھىتتا جاسارىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ!
4. قولدىن كېلىدىغانلىكى ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى  قىستاپ چىقارغان، خىزمەتچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قازغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، چۈنكى بۇ خىل مۇھىتتا، ياكى بۆرىگە ئايلىنىدۇ، ياكى بۆرىگە يەم بولىدۇ!
5. خىزمەتچىلىرىگە ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرمەيدىغان شىركەت ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەرگەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۈچلۈك بولۇشقا، ئۆسۈپ يېتىلىشكە مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پارلاق كەلگۈسى بولىدۇ!
6. ئەگەر قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى راستىنلا سۆيسىڭىز، ئۇلارنى باھالاڭ، ئۇلارغا تەلەپ قويۇڭ، يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى نىشان، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە مەجبۇرلاڭ!
7. ئەگەر سىز ئادەمگەرچىلىك يۈزىدىن تۆۋەن نىشان، تۆۋەن تەلەپ، تۆۋەن ئۆلچەم بىلەن بىر توپ قوزىچاقلارنى، پىتە قۇيماقلارنى، توشقانچاقلارنى باقسىڭىز، بۇ قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك! چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى، ھەسەتخورلۇقى ۋە ھورۇنلۇقىنىلا ئاشۇرىسىز.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى