ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۆزىنى قاچۇرۇشنى سىغدۇرالمايدۇ

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۆزىنى قاچۇرۇشنى سىغدۇرالمايدۇ

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 666 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇش بىلەن بولغان پەرقى» بۇ يەردە!

 

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۆزىنى قاچۇرۇشنى سىغدۇرالمايدۇ

 

مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىۋاستە خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كارخانا خېرىدارلارنى رازى قىلمايدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، بۇ خىل نارازىلىق خېرىدارلاردا چوڭقۇر خاتىرە قالدۇرىدۇ، بىراق مۇلازىمەتنى ياخشىلاش خېرىدارلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. مۇلازىمەتنىڭ ھېس قىلىش ۋە تەجرىبە خۇسۇسىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئىستېمالچىلار مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن مالنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشى تەسكە توختايدۇ.مال توغرىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش تەس بولىدۇ. ئۇچۇر قانچە ئاز بولسا سېتىۋېلىش قارارىنىڭ خەتىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

 

تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ماركىلارنىڭ ساداقەتمەنلىك دەرىجىسى ۋە خەتىرىنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مۇناسىۋىتى بار. شۇڭلاشقا، مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى كەسىپتە، خېرىدارلارنىڭ ماركا ساداقەتمەنلىكىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، مۇنداق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىر تەرەپتىن، رازى بولغان خېرىدارلار كارخانىنىڭ «يەنە سېتىۋالىدىغان خېرىدار»غا ئايلىنىدۇ، كۆپ قېتىم قايتا سېتىۋالىدۇ، كارخانا مۇلازىمىتىنىڭ قىممىتىگە ناھايىتى ئىشىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ماركىغا بولغان ساداقەتمەنلىك دەسمايىنى تېجەش، سېتىۋېلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىشتىكى ئۇسۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە مۇلازىمەتنىڭ تاۋىرىنىڭ ماركىسىنى ئالماشتۇرمايدۇ. بۇ كارخانا يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشتا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلاردۇر. بىر تۈرلۈك تەتقىقات سانلىق مەلۇماتى،  كارخانىنىڭ يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشتىكى دەسمايىسى كونا خېرىدارلارنى تۇتۇپ قېلىشقا كېتىدىغان دەسمايىنىڭ 4-5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى مۇلازىمەت خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندا، كارخانا ئاغرىنغان ۋە نارازى بولغان خېرىدارلارنىڭ يەنىلا كارخانىغا ئىشەنچىسى ۋە ساداقىتى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى، چوقۇم دەل ۋاقتىدا مۇلازىمەتنى ياخشىلىشى، خېرىدارلارنىڭ رازىلىقى ۋە ساداقىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بولمىسا چوقۇم يەنە بىر خىل ئاقىۋەت بولىدۇ، يوقىتىپ قويۇلغىنى پەقەت ھازىرقى خېرىدارلارلا بولماستىن بەلكى يەنە كۆپ مىقداردىكى يوشۇرۇن خېرىدارلار بولىدۇ. كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بىر خېرىدار ئېرىشىشكە تېگىشلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالمىسا، ئۇ بۇ خىل نارازىلىقىنى باشقا 9-16 گىچە ئادەمگە دەيدۇ؛ ئەكسىچە، خېرىدار رازى بولسا، ئۇ بۇ خىل رازىلىقىنى پەقەت 4-5 ئادەمگىلا دېيىشنى خالايدۇ. مۇلازىمەت مەھسۇلاتىنىڭ ھېس قىلىش ۋە تەجرىبە ئالاھىدىلىكى بولمىغانلىقىدىن، خېرىدارلار مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، مال ئۇچۇرى تېخىمۇ كۆپرەك ئىجتىمائىي ئالاقە يولىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. خېرىدارلار مۇناسىۋىتى ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ ياكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۇچۇرى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك دەپ قارايدۇ. ئېغىز ئارقىلىق تارقىتىش ئىستېمالچىلار ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر توپلاش يولى ھېسابلىنىدۇ.


بىراق ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا مۇلازىمەتنى ياخشىلاش تەدبىرىگە سەل قارىدى، ياكى دەسمايىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ دەپ قارىدى، بىر قىسىم كەسىپلەردىكى مەسىلەن پارچە سېتىش كەسپى، پوچتا تېلىگراف كەسپى، قاتناش تىرانسىپورت كەسپى قاتارلىقلار بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ مىقدارى كۆپ، ئالمىشىشى راۋان، خېرىدارلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس دەپ قارىدى. بۇ ئېنىققى «سودىدىكى يېقىننى كۆرۈش» كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتۇر.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى