ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پەخرىدىن قارلۇق: بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

پەخرىدىن قارلۇق: بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج!

ۋاقتى: 2016-09-09 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەخرىدىن قارلۇق

(مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

2005-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
دەسلەپتە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان لايىھەلەش-تارقىتىش تىپىدىكى كومپيۇتېر گرافىك ساھەسى ۋە كۆرۈم ئۇقۇمى توغرىسىدا سۆز ئېچىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بۇ خىل كەسپى ئىبارىلەردىن كۆرە كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز.
بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى بىزگە ھەمكار بولۇپ كېلىۋاتقان گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئۈستىدىن، بىزنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك، بېكار تەلەتلىك، غايىسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچىمىز.
 


بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىشنى، بۇ تىرىشىشنىڭ ئەقىدىگە ۋە مەنىگە ئىگە بولىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ يېڭى ئاتالغۇلارنى يادىلاۋاتقاندا سىرتنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى بىزنىڭ غېلىپىمىزغا ماس كەلمىگەن باشقا بىر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى نەچچە ئەسىرلىك سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ جۇغلانمىسى بىراقلا پارتىلاپ، بۇ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ۋاقىت كارىدورى بىزنى سانائەت دەۋرىمۇ ئەمەس، ھەتتا غايە ۋە ئەقىدىمۇ شەكىللەنمىگەن ئىپتىدائى دەۋىرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.
قاراڭلار، بۇ ئالەمدە ئەتراپتىكى بىز ياراتمىغان، ھىچ نەرسىنى بىز ئۆزگەرتمىگەن، ھىچكىمىنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالدا ياشاپ كەلدۇق. تاشقى دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ، بىزنىڭ غەلبىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ. بىز راستىنلا بۇ ئالەمدىكى مۇھەببەت ۋە ھىسداشلىقتىن ئايرىلىپ قالدۇقمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدۇقمۇ؟! بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
بىر ئويغىنىش بىزگە ئازاپنى ھىس قىلدۇردى. كۆرۈش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئائىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۈركۈم-تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىمىز. ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى تالاي كىشىلەرنىڭ تراگىدىيە ۋە پاجىئەگە تولغان تۇرمۇشىنى بايقاپ قالىمىز. پۇراش سېزىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭتۈشلىرىمىزنىڭ چاكىنا ئىس-تۈتەكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
قاراڭلار، ھەتتا سەزگۈ ئەزالىرىمىزمۇ بىزنى قەستەن ئازاپلاۋاتىدۇ، بۇ لەنىتى ئاتموسفېرا ۋە بۇلغانغان مۇھىت، بۇلغانغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ئىستىخىلىك ھالدا مەغلۇبىيەتكە باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ...!
#p#
بىز بۇ ئازاپلارغا تويۇندۇق! ئەمدى بىز بۇ مەنىسىز چۈشكۈنلۈكلەرگە تويۇندۇق! ئەمدى بىز نۆۋەتتىكى تىرىكلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بارلىق سەلبى ئاتالغۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى،
بىز سەمىمىيلىك، سوغوققانلىق ۋە دانالىققا ئېرىشمەكچى...،
بىز مەسئۇلىيەتلىك ۋە نىشانلىق ئىنسانغا ئايلانماقچى...!
بىز غايەت گۈللەنگەن ماددى تەمىناتقا ئېرىششمەكچى...!
بۇلار بىز ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەر، بىز بۇلار ئارقىلىق مۇۋەپىقىيەت قازىنالايمىز، بىز بۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى غورۇرىمىزنى قوغداشنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايمىز!
بەزىدە ھېسسىياتلىنىپ ئەسلىمىمىزدىكى مۇبالىغە تارىخىمىزدىن سۆز ئاچساق، بەزىدە ئازاپلىنىپ مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېچىنىشلىق تارىخىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىمىز. مەيلى بىز ئۆتمۈشنى قانداقلا شەرھىلەيلى ئۇ بۈگۈنكى قىسمەت بىلەن نەتىجىلەندى. مەيلى ئۆتكەن ئەسىردىكىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ياكى ئورۇنلىمىغان بولسۇن، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە تۇغۇلۇپ، خاتالىقىنى تونۇغان، مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنى ھىچكىم چەكلەپ قالالىغىنى يوق. بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىش ئىمكانىيىتىمىزنى ھېچكىم چەكلەپ قالالمايدۇ!
بىز بۇ يەردە سىرتقى كۈچنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغان بىر كۈچلۈك روھقا، بىر قۇدرەتلىك ئىچكى ئېنىرگىيەگە مۇھتاج. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى ئالتە مىليارد ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە بىزنى قولىمىزدىكى بىر تۇتام ۋاقىت ۋە زېھىندىن پايدىلىنىپ، تۇرغۇزۇلغان نىشانىمىزدىكى مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئىشىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ.
ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى ئازاپنى ناركوزلانمىغان ئادەم ھېس قىلىدۇ. يېرىم ئۇيقۇدا بۇ مۇھىتقا سىڭىشىش ھەقىقەتەن راھەتلىك ئىش. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزدىن-چېچىلاڭغۇ، چىدامسىز، نىشانسىز خاراكتېرىمىزدىن، ئارىمىزدا يامرىغان چاكىنا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدا ئاتالمىش خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلانغۇچى لەنىتى ئاجىز روھىمىزدىن كۈچەپ سورايلى:
- زادى مەن غەلبە قىلغۇچىمۇ ياكى مەغلۇپ بولغۇچىمۇ؟!
سىستېمىلىق ياشاش ئۈچۈن شەخىس سۈپىتىدە بىزنى مۇكەممەل فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا ۋە تەپەككۈرگە ئىگە قىلغان ياراتقۇچىمىزنى تاپايلى. ئىگىمىز بىزگە 1-سۆزىدىلا «ئوقۇ!» دەپ تەلىم بېرىدۇ ۋە بىزنى تەپەككۈرگە ئۈندەيدۇ. ئاندىن بىز تۈركۈم سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋالايلى. ئالدىنقى باسقۇچ بىزگە غورۇر بېغىشلاپ ئادىمىيلىك ئۇلۇغلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسا، كېيىنكى باسقۇچ مۇۋەپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. ئەگەر ئېتىقاد ۋە غورۇرغا ئېرىشەلمىسەك، ھەمدە باشقىلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى بىلمىسەك بىز راستىنلا ھەقىقىي مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالىمىز.
بىز ماددا سۈپىتىدە تۇغۇلغۇچى ۋە ئۇزۇنغا قالماي توپىغا كىرىپ كەتكۈچى، ئەمما مىنىۋەتلىك ئۇلۇغ يارالمىش بولغانلىقىمىز تۈپەيلى مەڭگۈ ياشىغۇچى ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدىن ھېساپ بەرگۈچى. بىز بۇ مەڭگۈلۈك سەپەردە زىيان تارتىشنى ھەرگىز خالىمايمىز.
(تامام)
_______________________________________________
ئىزاھ: بۇ نۇتۇقنى پەخرىدىن قارلۇق مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى» 2007-يىلى 5-سانىدىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى