ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالىم ئەھەت بىلەن سۆھبەت

ئالىم ئەھەت بىلەن سۆھبەت

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 1581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلقۇت ئىلاۋىسى:
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلىق ساھەسى بويىچە ئەڭ كەسپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تور بېكەت بولغاچقا، تور بېكىتىمىزدە دىيارىمىزىكى ئۇتۇق قازانغان مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى جەملەپ تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلار ۋە كارخانىچىلىق يولىغا مېڭىش ئارزۇسى بارلارغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇشنى كۆزلەپ، مەزكۇر سۆھبەت تېمىسىنى بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كەلدۇق. مەزكۇر تېما بىلىك كۇلۇبىدا ئېلان قىلىنغىنىغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچقا، تېما بېسىلىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بىلىك كۇلۇبىغا يېڭى كەلگەنلەر بۇ تېمىلاردىن بىخەۋەر قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بىلىك كۇلۇبىدىن مەزكۇر تېمىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا دەرھال ئۆچۈرىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
                      ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى

-------------------------------------------------------------------------------------------
تولۇقلىما مەزمۇن:
2012-يىلى 12-دېكابىر مىكروسوفتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلانغان Windows 8 نىڭ ئورگان تەرەپ باش بېكىتىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر بولۇڭ-پۇچقىقىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىماسىنى تاپقىلى بولۇشتەك ئارزۇلىرىمىزمۇ رىئاللىققا ئايلاندى. مۇشۇنداق تەنتەنىلىك پۇرسەتتە، ئالىم مۇئەللىم تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ Windows 8 نىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش رەسىملىك دەرسلىكىنى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ چىقتى. Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش رەسىملىك دەرسلىكى ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇرسوفت مەخسۇس سەھپىسىگە يوللاندى.
Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
---------------------------------------------------------------------
كىرىش سۆز ئورنىدا:
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئىچىدە  Uighursoft نى ۋە بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. Uighursoft شىركىتى ۋە  ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان كىچىك پېئىل، سەمىمىي بولۇپ تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ،2005-يىلى تەلەپچان سەھىپە باشقۇرغۇچى بولۇپ باھالاندى. بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن  ئۇيغۇرسوفتنىڭ قوللىغۇچىللىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ ھەم بىلىك كۇلۇبى ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى.
 
يېقىندا كۇلۇبىمىزدىكى Bihlan ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مەن باشتىن ئاخىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ تەپسىلى جاۋاب بەرگەن بولۇپ، مەن بۇ سۆھبەتنى ئۇيغۇرسوفت نى ۋە ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، يېڭى ھەۋەسكارلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىلگىرىلىشىدە ئىجابى رولى چوڭ بولىدۇ دەپ قارىدىم. ھەمدە بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى بۇ يەرگە كۈچۈرۈپ كەلدىم. ئەسلى ئۇلانمىنىلا قۇيۇپ قۇيۇپ تەۋسىيە قىلساممۇ بولاتتى. بۇ ماتىريالنى بىلىك كۇلۇبىدىمۇ خاتىرە ۋە ئاخىپ سۈپىتىدە ساقلانسا دەيدىغان ئىستىكىم غالىپ كەلدى. تورداشلارنىڭ ، Bihlan ئەپەندىنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. 
 
سالام بىلەن: مەمتىمىن.ئەليار
#p#
ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ئاﻟﯩﻢ ئەھﻪﺕ ئاﻛﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ھﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ئۆﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ سۆھبەتكە ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ئۆﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ، ﻛﻪﯓ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ئۈﭼﯜﻥ ﺑﯘ سۆھبەتنى ئۇﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ئۈﭼﯜﻥ ئاﻟﺪﯨﻦ رەھمەت ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﻻﻱ:
 
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﻠﻰ، ﺷﯘﯕﺎ، ئۆﺯﯛﻡ ﻣﯘھﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﻮئاﻟﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ئەﺯﺍﻻﺭ ﺳﻮئاﻝ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻳﺴﯩﺰ....
1-ﺳﻮئاﻝ: ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 6- ئاﻳﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﭘﻮﻻﺕ ھﯧﯟﺯﯗﻟﻼ ئەﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ئاﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ، ئۈﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ئاﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ، ئاﻟﻤﺎﺱ، ئۇﭼﻘﯘﻥ، ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ، ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﺎﺭ.... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ئاﺗﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ئاﺭﻗﺎ-ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ئەﻧﻪ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ، ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ "ﺳﻮﻓﺖ" ئاﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺏ "ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯜﭺ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ئۇﭼﯘﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ئوﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، كېيىن ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ئاﺭﻗﺎ-ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-كېيىن ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ئاﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ "ئەﻧﻘﺎ ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ" (ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ئاﺗﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻤﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ) ﺗﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﭘﯘﺕ ﺗﯧﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ-ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ئاﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ، "ﺳﻮﻓﺖ" (ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ) ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ئاﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻪﻟﺪﻯ دېيىشكىمۇ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، "ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ" ئاﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ئۈﭼﯜﻧﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ئاﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 7 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﻧﯧﻤﻪ ئۈﭼﯜﻥ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟.....
(ئەﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ)
2-ﺳﻮئاﻝ: ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ "ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ" ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسى ئوﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ئۇﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ئۆﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟
3-ﺳﻮئاﻝ: ئاﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺳﺎﻥ-ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ئاﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ئاﯕﻠﯩﺪﯗﻕ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮىلەپ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟
#p#
4-ﺳﻮئاﻝ: ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﯧﺨﻰ ﺧﻪﻟﻘاﺭﺍ سەۋىيەدىن ﻛﯚﭖ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ئەﻣﻪﻟﮕﻪ ئاﺷﯘﺭﯗﺵ ئۈﭼﯜﻥ ھﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯘﻣﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، "ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻻيىھەﻠﻪﺵ" ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ھﺎﻟﺪﺍ "ﻛﻮﺩ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯧﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺶ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ھﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭ ﯞﻩ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟
(ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ: ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ مۇھىم ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئوﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮئاﻟﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻢ، ﺑﯘ ﺳﻮئاﻟﻼﺭﻏﺎ ئۆﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ئاﺳﺎﺳﺘﺎ، ئۆﺯﯨﯖﯩﺰ ئەھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮئاﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ئەﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەﭘﯘ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ)
ﺳﺎﻻﻡ ئاﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ئاﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ(ﺑﯩﺨﻼﻥ) ئەﭘﻪﻧﺪﯨﻢ:
 
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ئۈﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺭﻩھﻤﻪﺕ!
ئەﺳﻠﯩﺪﻩ ئاﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﻼ ﺗﻮﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ھﺎﺯﯨﺮ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﻪﻙ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ھﻪﭘﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ئوﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺳﯜﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ "ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﮔﺮﺍﻓﯩﻚ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎتسىيەسىگە ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ئەﻝ ﻛﺎﺗﯩﭗ، ئەﻝ ﻛﻮﺭﺭﯦﻜﺘﻮﺭﻯ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﭼﻮﯓ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ، ئەﻝ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
 
ﺳﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮئاﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ئۆﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ، ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﯞﻩ ئاﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺳﻮئاﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ.
 
1-ﺳﻮئاﻝ: ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 1998- ﻳﯩﻠﻰ 6- ئايدا ﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﭘﻮﻻﺕ ھﯧﯟﺯﯗﻟﻼ ئەﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 7 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﻧﯧﻤﻪ ئۈﭼﯜﻥ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟.....
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ئەﺳﻠﻪﭖ ئۆﺗﻪﻱ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 6-ئاﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ئۈﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﺒﺎﻳﺮﺍﻕ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. "ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ" (ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ئەﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻰ ئاﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ئەﻣﻪﺱ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ-ئوﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ئۇﻣﯘﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ئەھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ "ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺑﯘ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﺎﻧﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ 3-ئاﻳﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ، ﺭﺍﺩىيو-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ. 1999-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ئاﻟﻤﺎﺱ، ئەﺭﻛﻪﻡ، ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ، 21-ئەﺳﯩﺮ، ئۇﭼﻘﯘﻥ، ﺑﯘﻏﺮﺍ، ﺩﻩﯞر، ﺋﯩﺨﺒﺎﻝ،....ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ 20 ﺩﯨﻦ ئاﺭﺗﯘﻕ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ئاﺭﻗﺎ-ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ئاﻟﺪﯨﻦ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺭىئاﻟﯩﻘﻘﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺭﺍﻳﻰ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﺳﭗ ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ئەﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ-ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ئۈﭼﯜﻥ، ھاﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎنلىقىمنى، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ئۆﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ئاﻟﺪﯨﻦ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﯕﺎ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ، ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﺘﺎ، ئۇﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ئاﺷﺘﻰ.
#p#
ئەﻣﺪﻯ، ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮئاﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:
(1)  ﺑﯩﺰ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئۇﺭﯗﻧﺪﯗﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ئەﻝ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
(2)  ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ئاﻟﺪﯨﺮﯨﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ئەﻝ ﻛﻮﺭﺭﯦﻜﺘﻮﺭﻯ، ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ.
(3)  ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﻰ ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﻰ ئەﻻ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ. ئەﻣﻤﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ئۆﺯ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ "ئەﺭﺯﺍﻥ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﺷﻮرپىسى ﻳﻮﻕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ئىستېمالچىنىڭ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ "ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ئوﻳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ئاﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ئەھﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ئوﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ئوﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ئۈﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﺩﯨﻢ، ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﭘﯜﺗﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 50 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ئۈﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ئۈﭼﯜﻥ ئوﺧﺸﺎﺷﻼ 0 ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ، ئۇﻻﺭ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ئاﻻﻟﻤﯩﺪﻯ.
(4)  ﺑﯩﺰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ئاﺭﺧﯩﭙﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ئەھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ئاﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺩﻩﭖ ﺗﯜﺭﮔﻪ ئاﻳﺮﯨﺪﯗﻕ، ﻛﯚﭖ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ناھىيەلەرنى ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺷﯘ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ مەھسۇلات ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ، باھاسىنى ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ئالاھىدە ئەھمىيەت ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، %75 ﻧﻰ ﺋﯧﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ،
ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ ئەﻣﻪﺱ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ئۇﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ئاﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﯧﺨﻰ ئەﻣﻪﻟﮕﻪ ئاﺷﻤﯩﺪﻯ.
---ئاﻟﯩﻢ ئەھﻪﺕ
ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
 
2-ﺳﻮئاﻝ: ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ "ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ" ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسى ئوﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ئۇﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ئۆﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ئۆﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﺪﻩ ئۇﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻢ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ئۆﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ئۆﺗﻪﻱ.
ﻣﻪﻥ ئاﻟﯩﻢ ئەھﻪﺕ 1974-ﻳﯩﻠﻰ 6-ئاﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ئاﻗﺴﯘ ﺷﺎﻳﺎﺭ ناھىيەسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ. 1980-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ 1-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ 1-ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ئوﻗﯘﺩﯗﻡ. 1991-ﻳﯩﻠﻰ 7-ئاﻳﺪﺍ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىغا ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ئاﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئەﻻ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﺵ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ. ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ئاﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ئاﻛﺎﻡ ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ئاﻛﺎﻡ ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺕ 1989-ﻳﯩﻠﻰ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىدا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ئەﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ئۆﺯ ئاﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﺎﺭﺍئىت ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ئوﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ئاﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ Apple ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. (ئىزاھات: ئاﻛﺎﻡ ھﺎﺯﯨﺮ ئاﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ھﺎﺯﯨﺮ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ئوﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئاﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﺎﺭ.)
ﻣﻪﻥ ھﻪﭘﺘﻪ ئاﺧﯩﺮﻯ ئاﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ئاﻛﺎﻡ ﻣﺎﯕﺎ BASIC ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎئەﺕ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ 2-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ئاﺯ-ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ، ئۆﺯﻩﻡ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺑﯘ 1991-ﻳﯩﻠﻰ 10-ئاﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ئۇﻧﯘﺗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
#p#
1993-ﻳﯩﻠﻰ 3-ئاﻳﺪﺍ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاﭼﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺘﯩﻢ، MS-DOS ﯞﻩ C ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ئۆﮔﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺳﻮئاﻝ-ﺳﻮﺭﺍﭖ ئاﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ ھﻮﺷﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮ ئاﺳﭙﺮﺍﻧﺖ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ھﻮﺷﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ئاﻳﺪﺍ، ﻣﻪﻥ 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. 286 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ئۆﮔﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺩﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯘﺭﺳﺎﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ 1994-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ئۇﻧﯩﯔ ئوﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاﭼﺘﯩﻢ. ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 150 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺖ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ، "ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﯕﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﭗ، ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺴﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئەﯞﻩﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ قىلغىن"-ﺩﯦﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰسالاھىيىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺎئەﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ (北京理工大学) ﻏﺎ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ئەﯞﻩﺗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ئاﺳﺴﯧﻤﺒﯩﻞ ﺗﯩﻠﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ پىرﯨﻨﺴﯩﺴﭙﻰ، Windows  ﻣﯘھﯩﺘﯩﺪﺍ پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ،... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ماقالەمگە "ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰىيەدە ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺩﯗﻡ. ﺑﯘ ﯞﯦﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﻪﺕ ئاﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ئاﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ئاﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﺧﺎﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ ئىلھام ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﯗﺱ ئوﻗﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، 1996-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ (ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ) ﺩﺍ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ بىھۇدە ئۆﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺪﯨﻢ، ﺑﻮﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆﮔﻪﻧﺪﯨﻢ. 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ئوﻗﯘﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ئۆﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ئۆﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯗﻡ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭبىيەلەندىم ﯞﻩ ﭘﯘﺧﺘﺎ ئاﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ئاﻛﺎﻡ ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺕ، ھﻮﺷﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھﯧﯟﺯﯗﻟﻼﻏﺎ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.
 
3-ﺳﻮئاﻝ: ئاﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺳﺎﻥ-ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ئاﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ئاﯕﻠﯩﺪﯗﻕ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎھﻪﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮىلەپ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر جەھەتتە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكى، مېنىڭچە يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى يۇقىرى-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ كۆرسىتىدۇ. دېمىسىمۇ، 1985-يىلى 12-ئايدا، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، توپتوغرا 20 يىل بولدى. ئۆز يېزىقى بار باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى بالدۇر باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ.
لېكىن، ھەر قانداق بىر ئىشتىن پەخىرلىنىش بەزىدە داۋاملىق ئالغا بېسىشقا ئۈندىسە، بەزىدە زىيادە پەخىرلىنىش ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
چۈنكى، بىز بۇ 20 يىلنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىدا MS-DOS مۇھىتىدا خەنزۇچە مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى قوشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندۇق. تىل-يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، بېيدا فاڭجېڭ (سەنلى)، شىڭخەن (بوغدا)، خۇگۇاڭ قاتارلىق بەت ياساش يۇمشاق دېتاللىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. كېيىنكى 10 يىلىدا، Windows  مۇھىتىدا بولۇپمۇ ئەرەبچە Windows دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. بەت ياساش ئىشلىرىدا،Microsoft Office  دىن پايدىلاندۇق. بۇ جەھەتتە، ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېت ياكى شىركەتلەرگە بېقىنماي، ئۆزلىرىمىز ھەل قىلدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە بىز داۋاملىق پەخىرلىنىمىز. لېكىن، بەزى جەھەتتە، بىز ھەقىقەتەنمۇ خىجىل بولۇشقا مۇناسىپ. بىز بۇ 20 يىل ئىچىدە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ھەپىلىشىپ كەلدۇق. ئەقلىي مۆلۈك ھوقۇقى ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان، پۈتۈنلەي ئۆزىمىز 0 دىن باشلاپ ياساپ چىققان يۇمشاق دېتاللار ھەقىقەتەنمۇ ئاز بولۇپ، ئۆزىمىزنى ماختىغانلىقمۇ ئەمەس ھازىرچە مەن بىلىدىغانلاردىن ئۇيغۇرسوفت ئەل كوررېكتورى، ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. لېكىن، ئۇنىڭدىن باشقا تور بېكەتلەردىكى مۇنازىرە مۇنبىرىمۇ خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە مۇنبەرلەردىن تەرجىمە ئاساسىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتە، يەنىلا باشقىلارغا بېقىنىمىز.
#p#
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ زاڭزۇچە، موڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى بىزدىن خېلە زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، ئەقلىي ئىدراكلىق يېزىق كىرگۈزۈش، يېزىق پەرقلەندۈرۈش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرى ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى ۋە زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى.
شۇڭا، مېنىڭ پىكىرىم: بىز بۇ جەھەتتە داۋاملىق تىرىشىشىمىز لازىم، بولۇپمۇ چوڭ تۈرلەرنى قىلالماي، كىچىك تۈرلەرنى ياراتمايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قۇربىمىز يېتىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرگە بەلگىلىك ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ئەقلىي ھوقۇقى ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان تۈرلەرنى ئېچىشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.
ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ئالىم ئەھەت
ئۇيغۇﺭﺳﻮﻓﺖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
2006-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﯪﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ(ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ)

4-ﺳﻮئاﻝ: ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﯧﺨﻰ ﺧﻪﻟﻘاﺭﺍ سەۋىيەدىن ﻛﯚﭖ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ئەﻣﻪﻟﮕﻪ ئاﺷﯘﺭﯗﺵ ئۈﭼﯜﻥ ھﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯘﻣﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، "ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻻيىھەﻠﻪﺵ" ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ھﺎﻟﺪﺍ "ﻛﻮﺩ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯧﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺶ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ھﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭ ﯞﻩ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟
جاۋاب: سىز دېگەن بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىرى زور دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇملىشىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە كومپيۇتېردىن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتابلار ۋە ھەر خىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بولۇشى كېرەك.
(1) كومپيۇتېردىن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى.
ھازىر بۇ جەھەتتىكى شارائىت ئاساسەن ھازىرلاندى دېيىشكە بولىدۇ.
چۈنكى، ھازىر ھەر قايسى ئوتتۇرا-تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردە كومپيۇتېر دەرسلىكى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ شەخسلەر ئاچقان ھەر خىل سەۋىيەدىكى تەربىيلەش ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولماقتا، بۇ جەھەتتىكى شارائىتلار تولۇقلاندى دېيىشكە بولىدۇ.

(2) كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتابلار
ھازىر مۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى شارائىتلارنى خېلە ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.
كومپيۇتېردىكى ساۋات خاراكتېرلىك، قوللىنىش جەھەتتىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار ھەتتا كومپيۇتېر ژۇرناللىرىمۇ بارلىققا كېلىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىماقتا. كىشىلەر ھازىر ھەر ھالدا كومپيۇتېر دېگەن بۇ نەرسىنى تېخىمو چوڭقۇر چۈشەنمەكتە.
(3) ئۇيغۇرچە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللار
بۇ ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ئالدىنقى (1)- ۋە (2)-شارائىتلارنى تېزلىتىشتە، كومپيۇتېرنى تېز قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە پايدىلىنىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ Windows ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻚ، دىئالوگ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻰ،... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئۇﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ.
ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘنبەرلىرﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ئەﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭئەﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
ھازىر بىز ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇقىرى ساپالىق پروگراممىچىلار، تەتقىقاتچىلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا پىروگرامما تۈزۈشنى تېز ۋە پۇختا ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟ سىز دېگەن بۇنداق خاتا قاراشلارنى قانداق تۈزەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىمنى ۋە بەزى كۆز قاراشلىرىمنى مەن بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە يازارمەن.
ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتى
#p#
ئىزدىنىشتىكى man.sarang نىڭ سوئالى:
ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﻮئاﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺭﻣﺎﻥ ﺷﯩﺮكىتىنىڭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻮﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ئەھﯟﺍﻟﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ! ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ دېگۈچىلەرمۇ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ئەﻣﻤﺎ كۆﭖ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ IT ﺳﺎھەﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺟﯧﻖ ﺑﻮلۇشى ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.
مېنىڭ ﺳﻮئاﻟﯩﻢ :
ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ئوﻳﻨﯩﺪﻯ؟ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ كەتكۈزۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ئەﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ئوﭼﯘﻕ دېيەﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟
ئەﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ كېلىپ ﻗﺎﻟﺴﺎ (ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺰ، ئەﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻳﯘﺯﻟﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ) ﻳﻪﻧﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ (تۆمۈر ﺗﺎﯞﺍﻕ) ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎنىچىلىقنىڭ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ [ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 3-ئاﻳﺪﯨﻦ ، 6-ئاﻳﻐﯩﭽﻪ]، ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺴﯩﺰ ؟ (ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩېگەن ﺟﺎﯞﺍﭘﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﯓ!) نېمە ئۈچۈن؟
 
raxit1973  نىڭ سوئالى:
5-ﺳﻮئاﻝ: ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ئەﻟﻜﺎﺗﯩﭗ" ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ئاﺭﯨﻼﺵ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ئۆﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ئىستېماﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﯞﻩ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﯩﻐﺎ ئاﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ، ئەﻟﻜﺎﺗﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ؟ ﻳﺎﺳﺎﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئۆﻟﭽﻪﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ؟
6-ﺳﻮئاﻝ: "كوﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ" (ئىلگىرىكى ﻧﺎﻣﻰ "كوﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ") ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ئەﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﮊﯗﺭﻧﺎﻝ "ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ" ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ئۆﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ئاﻻھﯩﺪﻩ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
bidarerfan  نىڭ سوئالى:
ئاﻟﯩﻢ ئەھەت ئەپەندى، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ، ﺷﯘﯕﺎ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ئۇﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ئۈﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ئەﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ بولسىڭىز:
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ئەﻟﻜﺎﺗﯩﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻖ سىستېمىسى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪمئىيىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ مەسلىھەتلەر ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ئاﯞﺍﻡ ئۈﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ تەھسىن ئوﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، Windows Xp ﻧﻰ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ئۈﭼﯜﻥ ھەمكارلىشىدىغانلار ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﻟﯘﻏﻪﺕ" ﺗﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻘﺘﯩﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

#p#

ﻣﻪﻥ ئۇﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ Man Sarang ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮئاﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﻩﻱ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ئاﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ 1973 ﯞﻩ Bidar ئەﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮئاﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺳﻮئاﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ، ئەيىپكە ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻥ ھەقىقەتەنمۇ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
 
ﺳﻮئاﻝ: ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺭﻣﺎﻥ ﺷﯩﺮكىتىنىڭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻮﭖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ئەھﯟﺍﻟﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ! ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ دېگۈچىلەرمۇ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ئەﻣﻤﺎ كۆﭖ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ IT ﺳﺎھەﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺟﯧﻖ ﺑﻮلۇشى ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﺟﺎﯞﺍﺏ: ناھايىتى ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﯩﺰ، ئۇﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺭﻣﺎﻥ ﺷﯩﺮ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى