ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
جەڭگاھ - دىكى يازمىلار
  • ﻣﺎﻳﯜﻥ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﺎﺭ

    ۋاقتى: 2016-01-23 ئاۋاتلىقى: 1097 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ﻣﺎﻳﯜﻥ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﺎﺭ


    1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ ﺩﺍﯞﻭﺳﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻟﻰ ﺑﺎﺑﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﺎ ﻳﯜﻥ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﻣﺎ ﻳﯜﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻳﻪﻧﻪ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ %3 ﺗﯩﻦ %4 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
    ﻣﺎ ﻳﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯘﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﺑﺎﻻ-ﻗﺎﺯﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.»
    ﻣﺎ ﻳﯜﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ %11 ﺗﯩ...
  • دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان كارخانىلار

    ۋاقتى: 2016-01-22 ئاۋاتلىقى: 1482 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان كارخانىلار

    ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورگانلىرى يېقىندا ئۇدا ساپ پايدا ئېلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، 2015-يىللىق ئەڭ پۇل تاپقان 10 چوڭ كارخانىنىڭ رەت-تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7-ۋە 8-ئورۇنغا تىزىلدى. 2014-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يەنىلا جۇڭگو كارخانىلىرىدا بولغان. بۇلتۇرقى «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى» دە، دۇنيادىكى ئەڭ پۇل تاپقان ئون كارخانىنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى تۆت بانكا بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇلار : جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋە جۇڭگو بانكىسى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئالما شىركىتىنى بېسىپ چۈشۈپ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان شىركەت بولۇپ قالغان ئىدى.

    ...

  • شىنجاڭلىق ياراملىق يىگىتلەر: «80–يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئارىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن پەرھات ۋە قاھار

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 1526 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    شىنجاڭلىق ياراملىق يىگىتلەر: «80–يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئارىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن پەرھات ۋە قاھار
    [قىسقىچە تونۇشتۇرۇش]
    شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ ئىككى ياراملىق يىگىتنىڭ بىرى شاڭخەيدە، يەنە بىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلىدى.
    يېشى 30 دىن ئاشقان پەرھات ئادىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايون بويىچە تەبىئىي پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولۇپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پەرھات ئادىل ‹‹شىنلاڭ›› شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. قىسقىغىنا ئىككى يىلدا ئۇ سودا ئىشلىرى مۇھەررىرلىكىدىن ئۆسۈپ، تۈرگە مەسئۇل دىرېكتورلۇق ئورنىغا چىقتى. 2013 – يىلى، ئېلىمىزنىڭ يېمەك – ئىچمەك كەسپى جانلانغان مەزگىلدە، IT كەسپىدىكى بۇ ئىقتىدارلىق يىگىت ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللاپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر شاڭخەيدە شىنجاڭ...
  • كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 915 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    بېشى «تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىڭ» بۇ يەردە!

     

    كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ

     

    بۇ ئىنتايىن ئاددىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ھەقتە توختىلىشقا سەل خىجىل بولۇۋاتىمەن. لېكىن، مەن بۇ ئاددىي ئۇقۇمنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نىكاھ ئىشىغا تەدبىقلايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. غايىۋى ھالەتتە تۇرغاندا، ھەمراھىڭىز ياكى جورىڭىز خۇشاللىققا چۆمگەندە ۋە مىننەتدار بولغاندا، سىزگە تېخىمۇ رازىمەنلىك بىلەن ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر ھەمراھىڭىز كۆڭلىنىڭ ئارامىدا بولمايۋاتقانلىقىنى ياكى ھەمىشە سىزگە كەڭ قورساقلىق قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزىشىڭىزنى خ...

  • ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 969 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ» بۇ يەردە!

     

    ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى

     

    ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى كۆپ ئويلىماسلىق، باشقىلارنىڭ ئىشىنى كۆپرەك نەزەرگە ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ.


    ئۆز – ئۆزىڭىزنى مۇشۇنداق مەشىقلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا جەزمەن ناھايىتى زور بۇرۇلۇش بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئاڭ ئىسلاھاتى»غا ئايلىنىشى مۇمكىن.


    بەزى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشىنى ئاڭ بەلگىلەيدۇ، ئاڭدىكى بۇرۇلۇشقا ئەگىشىپ، ئىنسانلاردىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك، دېيىشىدۇ.
    ئاڭ بۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ...

  • ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 464 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4

    بېشى «ۋاقىت ھەممە نەرسىنى ئاجىزلىتىدۇ» بۇ يەردە!

     

    ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ

     

    بۇ، ئىجرا قىلىش تولىمۇ قىيىن بىر تەدبىر، لېكىن مۇبادا سىز ئۇنى ئەينەن ئىجرا قىلىدىغان بولسىڭىز، كۆپ نەپ ئالىدىغانلىقىڭىزدا گەپ يوق.


    ئېھتىمال دىققەت قىلمىغانسىز، ئۆيىڭىزدە بىرەر تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ياكى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ھېچقانداق پىلانىڭىز بولمىغاندا، شۇ كۈنىڭىز ئادەتتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. ئەگەر مەلۇم پىلاننى پۈتۈن نىيەت – ئىقبالىڭىز بىلەن ئىجرا قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ پىلاننى ئورۇنداشقا ئامال تاپالمىغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن روھىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر شۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلدى دېگەندىمۇ، سىز شۇ جەرياندا يولۇققان قىيىنچىلىقلار دەس...

  • ئۆزىڭىزنىڭ تەرسالىقىنى تونۇپ يېتىڭ

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 372 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    ئەڭ جاھىل بەش خىل كۆز قارىشىڭىزنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. بۇ ئۇسۇلىڭىزنى دەسلەپ كۆزەتكىنىڭىزدە بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن جەزمەن گۇمانلىنىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرگىزمۇ تەرسا ئەمەسلىكىڭىزگە قەتئىي ئىشىنىسىز. لېكىن، كېيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىڭىزگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز سىزنى ئىلگىرىكى بەزى تەرسالىقلىرىڭىزنى تەدرىجىي تونۇشقا باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بۇنداق «ئادەمگە بېسىم بولمىسا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ»، «مېنىڭ چارەم بىردىنبىر ئاقىدىغان چارە — مېنىڭ گپىمنى ئاڭلا، دېگىنىمنى قىل»، «ئەرلەردىن بىرمۇ ياخشى ئادەم چىقمايدۇ!»، «ئاياللار پۇل خەجلەشنىلا بىلىدۇ!»، «كىچىك بالا دېگەن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپلا تۇرىدۇ!»، «تىجارەتچىنىڭ...
  • «ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 745 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بېشى «تەن ساقلىق-زور بايلىق» بۇ يەردە!

     

    «ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

     

    بايا مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئېلىپ تونۇشتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار مەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بېسىم ھېس قىلىشىدۇ. بەزىلەر: «ئىشقا چىقىدىغانلار ئىچىدە بېسىم ھېس قىلمايدىغانلار يوق» دېيشىدۇ. بۇنداق دېيىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بېسىم ئاستىدا تۇرۇپمۇ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بېسىم ئاستىدا پەيدا بولىدىغان بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامىتىنى مىسال كەلتۈردۈم، ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ!


    [بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى]
    1. ئىشقا با...

  • كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتىنى تۈزۈش پىرىنسىپى

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 742 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    (1) كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشنىڭ مەزمۇنى
    كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە (ھازىر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بولۇشقا ئۆزگەرتىلدى)، باج قانۇنى، قانۇن-نىزامى، قائىدىسى ۋە باشقا كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك تاپاۋەت باج سوممىسىنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا ئاساسەن، مۇشۇ يىللىق تولۇقلاشقا ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى بېكىتىپ، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، مەسئۇل باج ئورگىنىغا يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىپ، باج ئورگىنىنى تەمىنلەشنى تەلەپ ...
  • ئۆزىڭىزگە قانچىلىك باھا قويىسىز؟

    ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 22
    كەسىپكە يېڭى چىققۇچىلارغا يېزىلغان خەت: سىز زادى قانچە باھا قويىسىز؟
    مەلۇم بىر ئىللىق ھەم ئالدىراش كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن بىر يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئىلگىرىكىدەكلا سوئال سوراۋاتاتتىم. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلىشاي دېگەندە، مەن ئادەت بويىچە بىر ئاچقۇچلۇق سۇئالنى سورىدىم: سىزنىڭ دەسلەپكى ئىش ھەققى تەلىپىڭىز قانچە؟ بۇ مەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلىشاي دېگەندەك سوراشنى ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈلمىگەندە سورايدىغان بىر سۇئالىم. تېز ھەم كۆڭۈل بۆلمەيلا سورالغان بۇ سۇئال دائىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىنكاس ھالىتى ۋە جاۋابىدىن ھەر خىل ئۇچۇرلار ئىپادىسىنى تاپىدۇ.  بۇ ئوقۇغۇچى ئادەتتىكىدەك بىر ئاز ساقلانغىلى بولمايدىغان ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. پۇل ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، ھەر قانداق نورمال ئادەمدە ...
  • ئاددىي تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ

    ۋاقتى: 2015-08-22 ئاۋاتلىقى: 843 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8

    بېشى «خۇشال بولغانلىق — ھازىرقىغا شۈكۈر قىلغانلىق» بۇ يەردە!

     

     ئاددىي تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ

     

    بىر ئادەمنىڭ ھال – كۈنىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىك بولۇشى ياكى راھەت – پاراغەتلىك بولۇشى ئادەتتە سۇبيېكتىپ بولىدۇ.


    بەزى ئادەملەر كۈن بويى كىتابتىن باش كۆتۈرمەي يېڭى بىلىم ئالىدۇ ياكى مەسىلە – مىساللارنى ھېسابلايدۇ، ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ 10 يىللاپ جاپالىق ئوقۇيدۇ؛ بەزى ئادەملەر كۈن بويى ئېتىزدىن كىرمەيدۇ، تومۇز ئىسسىقلىرىدا، ھۆل – يېغىن، سوغۇقلاردا يىللاپ – يىللاپ ئىشلەيدۇ؛ بەزى ئادەملەر پېرېۋوت نىسبىتى، ئېدىتلاش پايدىسىغا ھەر زامان دىققەت قىلىپ، بازاردا قاتراپلا يۈرىدۇ، ئۇلار پۈتۈن...

  • 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى

    ۋاقتى: 2015-08-20 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى» بۇ يەردە!

     

    21 كۈن ھادىسىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى


    21 كۈن ھادىسىسى بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشىدە ئىشلىتىلمەكتە. نۇرغۇنلىغان ئاڭلىق(دىققەت: ئاڭلىق، ئۆزلىكىدىن ئەمەس) كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتە 21 كۈن ھادىسىسىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتە ئىشلىتىلىدۇ، بىرسى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يەنە بىرسى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئادىتىنى ئۆزگەرتىش. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش؛ زىيان تارتماسلىق ئىدىيەسىدە زىيان تارتىش بەخت؛ ئولتۇرۇش تۇرۇش مېڭىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش؛ ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈ...

  • ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ

    ۋاقتى: 2015-08-08 ئاۋاتلىقى: 732 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ» بۇ يەردە!

     

    ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ

     

    ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا ئويلاش...


    كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن نەچچە ئون مىڭ ياكى نەچچە يۈزمىڭ ئادەم ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان كىشىلەر ھامان چىقىدۇ.


    پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ئادەم باشقىلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتەلمەيدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئىجىل – ئىناق ئۆتەلمىسە، ئۇلار ئارىسىدا ھەقىقىي ...

  • ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

    ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      بېشى «قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ» بۇ يەردە!

     

     ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

     

    بىر كۈنى بىر كىتابخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتسام، بىرەيلەن: «ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىر – ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەمسىز؟» دېگەن قىزىقارلىق مەسىلىنى سوراپ قالدى. مەن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «ئاسانلا رايى يېنىپ كېتىش» دەپ جاۋاب بەرسەم، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلار مېنىڭ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى، يەنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك بارلىق ئىشلاردىن رايى يېنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىشكەن ئىدى. ئاسانلىقچە رايى يېنىپ كەتمەسلىك خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش. تۇرمۇشتىن ...

  • ئامېرىكىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلىشى

    ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئامېرىكىدا كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ سانى بارلىق كارخانا ئىگىلىكى ئىچىدە خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. گېزىت، رادىيو ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلاردا بېرىلىدىغان خەۋەر-دوكلاتلاردىمۇ كىچىك تىپتىكى شەخسىي شىركەتنىڭ گېپى ناھايىتى كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىي شىركەت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىدىكى كارخانا ئىگىلىكىنىڭ لېدىرلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان مەخسۇس تەربىيەمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ...
  • ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ

    ۋاقتى: 2015-08-04 ئاۋاتلىقى: 587 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ» بۇ يەردە!

     

     ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ

     

    نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇرمۇش قىزىقتۇرۇش بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھاياجىنىمىزنى باسالماي قالغانلىرىمىز تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىشلىرىمىز باردەك ھېس قىلىمىز. تۇرمۇشىمىز ئايلاپ – يىللاپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. كىشىلەر توختىماي پايپېتەك بولۇپ يۈرىدۇ، جان تىكىپ ئىشلەيدۇ، لېكىن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ باش – ئايىغى يوق، خۇددى جۇۋازغا قاتقان كالىغا ئوخشاش توختىماي مېڭىۋاتقاندەك، ھەمىشە «بىردەم چىداشلىق بەرسەم ئاخىرقى نۇقتىغا ب...

  • تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ

    ۋاقتى: 2015-08-02 ئاۋاتلىقى: 880 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ» بۇ يەردە!

     

     تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ

     

    «باقىي ئالەمگە قاچان قايتارمەن؟ 50 يىلدىن كېيىنمۇ، 20 يىل، 10 يىلدىن كېيىنمۇ، ھەتتا ئەتىمۇ؟» دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ – يوق؟
    بۇ مەسىلىنى ھەممە ئادەم ئويلىنىشى كېرەك، لېكىن بۇنىڭ جاۋابىنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. بىز تېلېۋىزوردا ھەرخىل ھادىسىلەر سەۋەبىدىن مال – مۈلۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئادەملەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. ئېكراندا ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن كۆتۈرۈپ كېتىلىۋاتقان جەسەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە، كىشىلىك ھاياتنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدى...

  • ما يۈن: قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم

    ۋاقتى: 2015-07-26 ئاۋاتلىقى: 536 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

     ما يۈن: قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم


    شىنلاڭ پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى     بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى خەۋەر، ئەلى بابا گۇرۇھى مەمۇرىيەت رەئىسى ما يۈن بۈگۈن لەيۋاڭدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا گەپ قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن خىزمىتى بار بولۇشنىڭ ئارىسىدا تەڭلىك بەلگىلىسى يوق ئىكەن، ئۆزى ھەقىقىي قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. ما يۈن ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىسا ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېگەن قاراشقا باھا بەردى، ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدا ئېنىقلا مەسىلە بار، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالم...

  • كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشىنى تىزگىنلەش

    ۋاقتى: 2015-07-23 ئاۋاتلىقى: 757 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5

    كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشىنى تىزگىنلەش 
    (2012 كارخانىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇشى)


    بىرىنچى، كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش مۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: تىزىملىك شەكلىدە مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىش ۋە مەخسۇس تۈر شەكلىدە مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىش
    دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 9-ماددىسىدا تۆۋەندىكى زىيانغا ئۇچرىغان مۈلۈكلەر تىزىملىك شەكلىدە مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باج ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىپ تۇتۇپ قېلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن:
    (1) كارخانا نورمال ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىدە، مۇۋاپىق باھادا سېتىش، ئۆتۈنۈش، پۇلسىز (يەنى پۇل ئارىلاشتۇرۇ...

  • بالىڭىزنىڭ زېرىكىشلىرىدىن قورقماڭ

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى « خۇيىڭىز تۇتۇپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ» بۇ يەردە!

     

     بالىڭىزنىڭ زېرىكىشلىرىدىن قورقماڭ

     

    بەزى تىپىك ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى بالىسىنىڭ: «ئەجەبمۇ زېرىكتىم!» ياكى «قىلغۇدەك ئىشىم يوق!» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاش، بولۇپمۇ بەزى ئاتا – ئانىلار بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بالىلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقاندا، بالىلىرىنىڭ بۇنداق ئاغرىنىشلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.


    پۇرسەت، تاللاش، پائالىيەت پىلانى ياكى شۇغۇللانسۇن دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئىشل...

  • يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلتۆكۈس بولماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى

    ۋاقتى: 2015-07-15 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلتۆكۈس بولمىغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ
    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى  يېرىم يىلىدا دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى نازارەت قىلىش ئىدارىسى «چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھ باج تاپشۇرۇشنى ئۆزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا دائىر ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بانكا، سۇغۇرتا، ئېلېكتىر، ئالاقە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، ئۆي-مۈلۈك شىركىتى قاتارلىق كەسىپلەردىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلارنىڭ باج تاپشۇرۇشنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئۆزى تەكشۈرۈش، تېزىسنى ئۆزى تەكشۈرۈش، تولۇقلىما باجنى ئۆزى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار سەزگۈر خەۋەر سۆزىگە ئايلاندى. نۇرغۇن ئەزەلدىن باج تاپشۇرۇش، باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل، باشقۇرۇشى ئۆلچەملىك دەپ نامى بار چوڭ كارخانىلار گۇروھى ئۆزى ئېنىقلاش داۋامىدا كەينى–كەينىدىن باجنى ئ...
  • ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

    ۋاقتى: 2015-07-11 ئاۋاتلىقى: 826 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن» بۇ يەردە!

     

     ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

     

    بەزى دوستلار ئېھتىياجىنى قامداشنى سىناق قىلغاندا: «مۇنداق قىلىشىم بەك شەخسىيەتچىلىك بولامدۇ – قانداق؟» دەپ ئويلاپ قالىدۇ، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئازراق ئىزاھات بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ تەدبىر ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى، بىز ھېسسىيات جەھەتتە باشقىلار ئۈچۈن ياشىدۇق ياكى باشقىلارنىلا نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىز بەك ئۇزاق بولۇپ كەتتى.


    ئەگەر نىشانىڭىز ئائىلىدە تېخىمۇ بوش، تېخىمۇ ئەركىن – ئازادە بولۇش بولسا، بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۆزىڭىزگە خاس بى...

  • ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ

    ۋاقتى: 2015-07-08 ئاۋاتلىقى: 524 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈڭ» بۇ يەردە!

     

    ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ

     

    ئاڭلىماققا ئاز – تولا ھەسرەتلىك، لېكىن ئەمەلىيەتتىكىسى شۇكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۆزىگە ئېچىنىش ۋە خاپا بولۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى بەك تۆۋەن ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، ئۆزىنى بىر قەپەس تەنقىد قىلىدۇ. «مەن بەك سېمىز» ياكى «مەن بەك يارىماس» ياكى «مەن دائىم ئىشنى بۇزۇپ قويىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم قىلىمىز ياكى ئويلايمىز. سىزنىڭ ئويىڭىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئويىغا ئوخشاشمۇ؟


    ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش پىسخىكىسى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە مەيلى سىز قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇڭ ياكى قولىڭىزدىن...

  • كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

    ۋاقتى: 2015-07-08 ئاۋاتلىقى: 740 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى « «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ» بۇ يەردە!

     

     كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

     

    خۇشال – خۇرام كىشىلەر تۈنۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا، بۇلتۇر قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلماسلىقنى بىلىدۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئەتە، كېلەر يىلى بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ غەم قىلمايدۇ، پەقەت ھازىرقى ئىشتىنلا ھەقىقىي خۇشالىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭ، ئۆتمۈشتىكى ئىشلاردىن تەجرىبە ئۆگەنمەڭ دېگەنلىك ئەمەس، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزمەڭ دېگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە، ئەڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيە بۈگۈندىن، ھازى...

  • جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

    ۋاقتى: 2015-07-04 ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى « بىر – بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار» بۇ يەردە!

     

    جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

     

    ھەرقانداق جېدەل – ماجىرا ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ جېدىلىدەك بۇزماس. ئاكا – ئۇكىسى، ئاچا – سىڭلىسى بار ھەرقانداق ئادەم گېپىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدۇ.


    مەن ئىككىنچى قىزىمنىڭ ئىككى ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەپ بولۇپلا، ئىككى قىزىمنىڭ جېدىلىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانىدىم. شۇ چاغدا بىر دوستۇم ماڭا: «سىز ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئادەتلىنىڭ» دېگەنىدى. ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭ قىلچىمۇ خاتا ئېيتمىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ بىردىن ئارتۇق بالىڭىزلا بو...

  • بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟

    ۋاقتى: 2015-07-03 ئاۋاتلىقى: 815 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟


    مېنىڭ بۇ ماقالىنى سىزگە ھەمبەھرلىمىگەنلىكىم مېنىڭ خاتالىقىم، ھەمبەھرلىگەندىن كېيىن ئوقۇمىغان بولسىڭىز مېنى ئەيىبلىمەڭ، ئوقۇغاندىن كېيىن سىز بۇ ماقالىنى پەقەت چوڭ داۋلى سۆزلىدى دەپ قارىغان بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ ھاياتلىق تەجرىبىڭىزنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ، سىز بۇ ماقالىنى ساقلاپ قويۇپ، كېيىن ھاياتلىقتا نەچچە قېتىم مىخقا ئۈسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ قايتا ئوقۇسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا گۆدەكلىك قىلغىنىنى ھېس قىلىسىز.


    1. خىزمەت ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا


    مېنىڭ قىزىقارلىق بىر بايقىشىم بار، چەتئەل ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا 25-35 ياش ئەتراپىدىكى ئاق ياقىلىقلار كۆپ، 40 ياشنىڭ يۇقىرىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئىنتايىن ئاز، 20-30 ياشلىق چەتئەل كارخانىلىرىدىكى خىزمەتچىلەر ئىنتايىن روھلۇق، لېكىن 40 ياش ئەتراپى...

  • قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ

    ۋاقتى: 2015-07-01 ئاۋاتلىقى: 583 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

     بېشى «بالىڭىزنىڭ زېرىكىشلىرىدىن قورقماڭ» بۇ يەردە!

     

    قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ

     

    بىر كۈنى ئايالىم كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇ — بۇ كۈلۈپ كۆزلىرىڭىزدىن تارام – تارام ياش چىقىرىۋېتىدىغان تۇيغۇ بەرگۈدەك قىزىق گەپ ئىدى. ئايالىم بۇ گەپكە «تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان قىزىق گەپ» دەپ ئات قويۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بىزنىڭ نەچچە سائەتلەپ ئۆي تۈزەشتۈرگەنلىكىمىز، نەرسە – كېرەكلەرنى رەتلىگەنلىكىمىز قاتارلىقلار ئىدى. لېكىن، مەيلى بىز قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى سەرپ قىلمايلى، قارىغاندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوقتەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزەشتۈرگەنسېرى قالايمىقان بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بىز ئۇنچە چۇۋالچاق ئادەملەردىن ئەمەس ...

  • مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟



    «جۇڭگو ئاخبارات تورى»27-يانۋار تاراتقۇلار: جۇڭگودا بەلكىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرلار خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: بەزى مەمۇرلار « خىزمەت ئورنىنىڭ ئازراقمۇ پاراۋانلىقىنىڭ يوقلىقىنى، ھەتتا چاغانلىق تاماقنىڭمۇ يوقلىقىنى ئويلاپ باقمىغان»، شۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئويىدا بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتلىك مەمۇرى ئىنستىتۇتنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: مەمۇرلار توپىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر كۆپ، ئىلگىرى باشقۇرۇش ئازادە بولغانلىقتىن، بارلىق مەسىلە گەۋدىلەنمىگەنىدى»، «مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىمىسى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ب...

  • كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى

    ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 440 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4

    بىرىنچى، ھېساباتنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇشنىڭ مەنىسى
    كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلاشقان 5 ئاي ئىچىدە ياكى ئەمەلىي تىجارەت ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، باج قانۇنى، قائىدە، نىزام ۋە كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلىكىدىن يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ياكى پەسىللىك ئالدىن تاپشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، مۇشۇ يىللىق تولۇقلاشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەمدە كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئاساسلىق باج ئورگىنى ئىش بېجىرىش ئورنىغا كارخانا يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىپ، باج ئورگىنىنى  تەلەپ قىلغان م...

  • روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ

    ۋاقتى: 2015-06-21 ئاۋاتلىقى: 727 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6

    بېشى «ئېرىشكىڭىزنى قەدىرلەڭ» بۇ يەردە!

     

    روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ

     

    ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى «ساراڭ»لارچە تۇرمۇش دەپ سۈرەتلەشكە بولىدۇ. مەيلى تىرىكچىلىك، بالا – چاقىلارنى بېقىش – تەربىيەلەش، ھەر كۈنلۈك رەسمىيەتچىلىك بولسۇن، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە، ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىگە، خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى بولسۇن، ھەممىسى بىزنى ئالدىرىتىپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ھەممەيلەن قەددى – قامەتلىك بولۇشنى، ياخشى ئاتا – ئانا، ياخشى پۇقرا، ياخشى دوست بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىمكانىيىتىمىز يار بېرىپ قالسا، تۇرمۇشتا ئاز – تولا لەززەت بولۇشنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. بۇ...

  • تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

    ۋاقتى: 2015-06-21 ئاۋاتلىقى: 792 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» بۇ يەردە!

     

     تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

     

    خېلى يىللار ئىلگىرى مەن بىر دوستۇمغا مەسئۇلىيىتىمنىڭ، تۇرمۇش بېسىمىمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە دادلاپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ جاۋابى ماڭا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدىكى، مەن ئۆزۈمنىڭ جېنىنى ئۆزۈمگە سەپ بېرىپتىمەن. ئۇ ماڭا تەسەللىي بەرمىگەن، ئۆزىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنىمۇ مەن بىلەن ئورتاقلاشمىغان، مەندىن ئاددىيلا قىلىپ: «كىشىلىك ھاياتنىڭ جەبىر–جاپالىرىنى تارتمايمەن دېيىشكە نېمە ئاساسىڭىز بار؟ سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلايسىز؟» دەپ سوراپلا قويغانىدى.


     

    شۈبھىسىزكى، ئۇ ھاياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئەزەلدىنلا جەڭ ئېلان قىلىش، توسالغۇ بولۇش، قىيىنچىلىق تارتىش، ئەگرى...

  • خۇشاللىقنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ

    ۋاقتى: 2015-06-19 ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    بېشى «كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن» بۇ يەردە!

     

     خۇشاللىقنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ

     

    تەن ساغلاملىق دەرىجىسى ۋە بېسىمغا چىداش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ھەۋەس – ئىشتىياققا بېرىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ بىر ياخشى چارە. ھەۋەس – ئىشتىياقىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بېسىمى يوق، يەڭگىل ھېس قىلىسىز. مەيلى روھىي جەھەتتە ياكى جىسمانىي جەھەتتە بولسۇن، ساغلاملىق ئەھۋالىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.


    ئەگەر ھەۋەس – ئىشتىياقتىن رايىڭىز يېنىپ كەتسە، ئۇنى خۇددى مەجبۇرىيەتتەك ھېس قىلسىڭىز، بۇ چاغدا زىممىڭىز...

  • باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ

    ۋاقتى: 2015-06-09 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى « ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق» بۇ يەردە!

     

     باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ

     

    بەزىدە ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەزى غەلىتە مىجەزلىرىدىن ھەيران قالىسىز. بۇ غەلىتە مىجەز ئۇنىڭ تاماق يېيىش ئۇسۇلى، ئائىلە لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، نەپەسلىنىشى، چاچ تارىشى، پۇتىنى سىلكىشى، بىر يۈەن پۇلنى ئامانەت قويۇشى، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىزنىڭ بۇ ئادەم بىلەن تۇرغان ۋاقتىڭىز باشقىلاردىن كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ غەلىتە مىجەزىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن پىششىق تونۇشۇش پۇرسىتىڭىز ۋە تەجرىبىڭىز...

  • خىزمەتتىكى ۋاقىتتا بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە بولۇش

    ۋاقتى: 2015-06-07 ئاۋاتلىقى: 875 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مەن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى شىركىتىنى ئۇنداق ناچار، بۇنداق ناچار دەپ قاقشىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەزىلىرى خوجايىننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدە مەسىلە بار دېسە، بەزىلىرى شىركەت تۈزۈمىدە مەسىلە بار دەيتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا مۇئاشى ئاز دەيتتى. مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى، توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا باھانىسى!  ئۇلار ئىلگىرىكى شىركەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى مەردانىلىك بىلەن باشقا شىركەتكە خىزمەت ئىزدىگىلى بارىدۇ، تېخى بەزىلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىلا بۇرۇنقى شىركەتنىڭ ھەر خىل ئادىلسىزلىقلىرىنى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ. مەن 2011-يىلىدىن باشلاپ شىركەت دىرېكتورلۇقىغا ئۆسكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا تەكلىپ قىلغان ئادەم نەچچە مىڭغا يەتتى، مەن ئۆزۈمنى بەك تەجرىبىلىك دېيەلمەيمەن، ئەمما ئەڭ بولمىغاندىمۇ بى...
  • جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس

    ۋاقتى: 2015-05-29 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
                 جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس 
    جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ. بىر كىشىگە نىسبەتەن، ئۈمىدنى چىڭ تۇتالايدىغىنى دەل ئۆزى، ئۈمىدتىن ۋاز كېچەلەيدىغىنىمۇ پەقەتلا شۇ ئۆزى. ئۆچمەنلىك، ئاداۋەتخورلۇق پەقەتلا بىزنى نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. مەيلى نەتىجە قازىنايلى ياكى مەغلۇپ بولايلى، ئۆزىمىزنى ئالقىشلاپ، بارىكاللا ئېيتماققا ئاساسىمىز بار! مەيلى يىقىلايلى ياكى يوقىتىپ قويايلى، ھېچقىسى يوق، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بوران-چاپقۇندا داۋاملىق كېزەيلى، ناخشا ئېيتقاچ ئالغا ئىلگىرلەيلى. كۆزىمىزنى سۈرتۈپ، گاڭگىراشتىن ئۆزىمىزنى يوقاتمايلى. پەقەتلا كۆڭلىمىزدە قىرغاق بولغاندىلا، ئۆتكەلمۇ بولىدۇ، قولۋاقمۇ بولىدۇ، شۇندىلا بىزنىڭ ئەتىمىز بولىدۇ.
      ياشاش، باشتىن ئۆتكۈزۈش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئەسلىدىلا شۇنداق خۇشاللىنارلىق. ...
  • ۋاقىت چىقىرىپ سەيلە قىلىڭ

    ۋاقتى: 2015-05-29 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4

    بېشى «تەقدىر – قىسمەتلىرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ» بۇ يەردە!

     

     ۋاقىت چىقىرىپ سەيلە قىلىڭ

     

    سەيلە قىلىشمۇ بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، يولدا كېتىۋېتىپ چوڭقۇر نەپەس ئالغاننىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ. ئاشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تەن ساغلام بولۇپلا قالماستىن، مەنىۋى كۈچىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. سىز بىر قەدەم – بىر قەدمدىن ماڭغىنىڭىزدا بېسىم قەدىمىڭىزگە ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا ئازىيىدۇ.


    مەن 40 يېشىمدىن تارتىپ ھەر كۈنى تەخمىنەن بىر سائەتچە پىيادە ماڭىمەن، ھەر سائەتلىك تېزلىكىم ئېھتىمال 6500 قەدەمدىن توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىمگە ھازىر 15 يىل ب...

  • قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ

    ۋاقتى: 2015-05-27 ئاۋاتلىقى: 531 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    بېشى «ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ» بۇ يەردە!

     

     قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ

     

    كۆپ ساندىكى كىشىلەر، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقتىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ مەسىلىلەرگە قانداق قارىشىمىز مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇچرايدىغان بېسىمىمىزدىن كۆپ بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىز زادى قانچىلىك چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز؟ بىز ئۇنى قىياندەك دەھشەتلىك دەپ قارامدۇق ياكى ئۇنى تەجرىبە توپلاشنىڭ بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسىتى دەپ قارامدۇق؟


    قىيىنچىلىق ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى جەھەتلەردىن پەيدا بولىدۇ، مەسىلىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، قىيىن...

  • ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن

    ۋاقتى: 2015-05-27 ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     بېشى « ئۇششاق ئىشلارنى كىم قىلاركى دەپ تۇرماي، ئۆزىڭىز قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك» بۇ يەردە!

     

    ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن

     

    ئۇلار دېگىنىمىز، ھەرقانداق ئادەم — بالىڭىز، جورىڭىز، ئاتا – ئانىڭىز، ئاغىنە – بۇرادەرلىرىڭىز ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى سىزنىڭ خەقنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ بىر قېتىم ئۇتۇۋېلىشىنىڭ كارايىتى چاغلىقلىقىنى چۈشىنىشىڭىزدە. ئەكسىچە، ئۇمۇ بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. خەقنىڭ «ئۇتۇۋېلىشى» سىزنىڭ «ئۇتتۇرغان»لىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خەقنى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغاندەك ھېس قىلدۇرۇش — خەقنى ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى ئاق – قارىنى پەرق قىلماي ئۆزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر...

  • خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە

    ۋاقتى: 2015-05-27 ئاۋاتلىقى: 686 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     5. خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە


    ئەسكەرتىشقا تېگىشلىكى، خىزمەت بولسا ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىش، شۇڭلاشقا خىزمەتتە خاسلىقنى نامايان قىلىمەن دېمەڭ، مۇنبەرلەردە بەلكىم باشقىلار سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ ماختىشى مۇمكىن، لېكىن گاز شىركىتىدىكىلەر سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ سىزنىڭ ھېساباتىڭىزنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ. سىز ئىنتايىن قالتىسلىق بىلەن سىزنىڭ خوجايىنىڭىزنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسىڭىز ياكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل HR نىڭ زىتىغا تېگىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ھېساباتنى تۆلەيسىز، پەقەت سىزنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭىز تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، سىزدىن باشقا ھېچكىم زىيان تارتمايدۇ.


    مەن خىزمەت ئالمىشىشقا قارشى تۇرمايمەن، لېكىن خىزمەت ئالمىشىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، شۇنداقلار ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئالمىشىش كىشىگە ئىشەنچسىز، ساداقىتى يوق تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ، ھەم خاتىرجەم خىزمەت...

  • تۈپ مەنبەسى

    ۋاقتى: 2015-05-25 ئاۋاتلىقى: 413 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     بېشى «بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟» بۇ يەردە!

     

    2. تۈپ مەنبەسى


    سىزنىڭ خىزمىتىڭىز خۇشاللىقمۇ؟ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ياخشىمۇ؟


    مەلۇم مەزگىل قىلغاندىن كېيىن خىزمەتتە پەقەت خۇشال بولالمىغاندە ھېس قىلامسىز؟ خاتا ساھەگە كىرىپ قالغاندەك تۇيۇلامدۇ؟ ئۆزىڭىزنى بەھرلىنىشكە تېگىشلىكتىن بەھرلىنەلمىگەندەك ھېس قىلامسىز؟ كۈندە خىزمەت قىلىش ئازابلىق بىلىنەمدۇ؟ خىزمەت ئالماشتۇرغىڭىز كېلەمدۇ؟ ھازىرقى شىركىتىڭىزنى دەسلەپتە ئويلىغاندەك ياخشى ئەمەس دەپ ئويلامسىز؟ بۇ خىزمەتنى ئەينى ۋاقىتتا جان بېقىش بېسىمى تۈپەيلى تاپقاندەك، ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدىغاندەك ئويلامسىز؟ سىز خىزمەتتىن ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغانغا ئېرىشەلىدىڭىزمۇ؟ سىز كۈندە خۇشا...

  • تۈركچە بىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى

    ۋاقتى: 2015-05-25 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    خاربىن ئېلېكترىك ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركەتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ    ۋەزىپىسى:
    ئاساسلىقى چەتئەلدىكى ھەمكارلاشقان شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىش؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ سېلىنغان ۋە كۆتۈرە ئېلىنغان تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە خەت-چەكلەرنى تەرجىمە قىلىش؛ چەتئەلدىكى ھەمكارلاشقان شىركەتلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە مۈشتىرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش؛    خىزمەت ئورنى:
    خاربىن شەھرى  تەلەپ:  1. تۈرك تىلى، ئېنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بىلىشى ۋە بۇ تىللاردا راۋان ئالاقىلىشالايدىغان، خەت-چەك يازالايدىغان بولۇشى كېرەك؛ بۇ تىللاردا ئالغان دەرىجە كېنىشكىسى ياكى ئىمتىھان كېنىشكىسى بولسا تېخى ياخشى....
  • باشقىلارنى كۆپرەك ئەپۇ قىلىڭ ۋە چۈشىنىڭ

    ۋاقتى: 2015-05-22 ئاۋاتلىقى: 856 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيەلەڭ» بۇ يەردە!

     

     باشقىلارنى كۆپرەك ئەپۇ قىلىڭ ۋە چۈشىنىڭ

     

    ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئەڭ مەغلۇپ بولىدىغان بىر تەرىپى — باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى. ھەممىمىزدە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ئېڭى ئازدۇر – كۆپتۇر كەمچىل.


    بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ: «ۋاي قوۋۇرغامەي، بۇ ئۇنىڭ قانداق قىلغىنى. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولىدىغان بولسام، ئۇنداق قىلمايتتىم، جەزمەن... قىلاتتىم» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. تولىمۇ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭكىنىلا راست ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭى بەك كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلا...

  • تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

    ۋاقتى: 2015-05-14 ئاۋاتلىقى: 800 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    خېلى يىللار ئىلگىرى مەن بىر دوستۇمغا مەسئۇلىيىتىمنىڭ، تۇرمۇش بېسىمىمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە دادلاپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ جاۋابى ماڭا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدىكى، مەن ئۆزۈمنىڭ جېنىنى ئۆزۈمگە سەپ بېرىپتىمەن. ئۇ ماڭا تەسەللىي بەرمىگەن، ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنىمۇ مەن بىلەن ئورتاقلاشمىغان، مەندىن ئاددىيلا قىلىپ: «كىشىلىك ھاياتنىڭ جەبىر-جاپالىرىنى تارتمايمەن دېيىشكە نېمە ئاساسىڭىز بار؟ سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلايسىز؟» دەپ سوراپلا قويغانىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھاياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئەزەلدىنلا جەڭ ئېلان قىلىش، توسالغۇ بولۇش، قىيىنچىلىق تارتىش، ئەگرى-توقايلىق، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، پايدىسىز شارائىتتا قېلىش ۋە بەس-مۇنازىرىنىڭ بېسىمى قاتارلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەممە ئادەم بۇ چېنىقىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەي...
  • بايلار ياشلارغا ئېيتىدۇكى …

    ۋاقتى: 2015-05-14 ئاۋاتلىقى: 640 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 17
     30 ياشتىن بۇرۇن بىلىمىڭىزگە تايىنىپ ياشاڭ، 30 ياشتىن كېيىن كىشىلىك مۇناسىۋەت سەنئىتىڭىزگە تايىنىپ باي بولۇڭ
      30 ياشتىنئىلگىرى سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئىش ئىزدەش، مۇقىم بىر كەسىپنى تۇتۇش ۋە بۇ كەسىپ بىلەن پىششىق تونۇشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. 30 ياشتىن كېيىنمۇ يەنە كەسىپكىلا  تايىنىپ تۇرمۇشنى قامدايمەن دېسىڭىز ئايالىڭىز ۋە بالىلارغا يۈز كېلەلمەيسىز.
    بۇنىڭ ئۈچۈن 30 ياشتىن بۇرۇن كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ياخشى ئاساس سېلىپ، كېيىن بولسا مۇشۇ كوزىرىڭىز بىلەن پۇل تېپىشنى باشلاڭ.
    ئانا مەكتىپىڭىز سىزنى بالىسى ئورنىدا كۆرمىسە، سىزنىڭ ئۇنى ئانىڭىز ئورنىدا كۆرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئىختىساسلىقلار بازىرى بىر ھەيۋىسى بار ي...
  • رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-05-12 ئاۋاتلىقى: 1424 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6

     رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟

     

    رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگىنىمىز: ھوقۇقنى دەستەك قىلىش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەركىن  ئىشلىشىگە ھوقۇق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

    كىچىككىنە غەلبىنى بىرەر ئادەم ئۆزى ئەجىر قىلىپمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، لېكىن ،ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلۇغ  غەلىبىنى تەنھا تىرىشچانلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ. بۇنداق غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،باشقىلارنىڭمۇ كۇچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىز  باشقىلارنى مەلەم نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىنىڭىزمۇ رەھبەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغان بولىسىز، قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى ئۆزىڭىزنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

     

    رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن زادى نېمە؟ ناپالىئون خېئول...

  • تۇرمۇشىڭىز مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

    ۋاقتى: 2015-05-07 ئاۋاتلىقى: 829 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئۆزىڭىزگە 10 مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت بېرىڭ» بۇ يەردە!

     

     تۇرمۇشىڭىز مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن

     

    مۇھەببەت — ئىنسانلارنىڭ غايىگە ئىنتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ، كەلگۈسىگە تەلپۈنىشىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى. قانچىلىغان قەلب باغچىسى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشى بولمىغانلىقتىن قاقاسلىشىپ كېتىدۇ، شىپالىق يامغۇردەك مۇھەببەت قانچىلىغان پايدا – مەنپەئەت بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئازار يېگەن قەلبلەرگە تەسللى بېرىپ ۋە ئۇنى ئىللىتىپ، ئۆچەي دەپ پىلىلداپ قالغان ئۈمىد شامىنى قايتا ياقىدۇ.


    بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تۇرمۇشتا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز، دوست – ب...

  • قايسى كارخانىلار يىغىپ ھىسابلاب تولۇق تاپشۇرىدۇ

    ۋاقتى: 2015-04-27 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    بېشى «كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى» بۇ يەردە!   قايسى كارخانىلار يىغىپ ھىسابلاب تولۇق تاپشۇرىدۇ ئومۇمەن باج تاپشۇرۇش يىلىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت (سىناق قىلىپ تىجارەت قىلىش، سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن شۇغۇللانغان، ياكى تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتقان باج تاپشۇرغۇچى، مەيلى باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلىدە بولسۇن، پايدا ئالسۇن ۋە ياكى زىيان تارتسۇن، ئوخشاشلا كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامى ھەمدە تەدبىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاب تولۇق تاپشۇرۇش...
  • كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز

    ۋاقتى: 2015-04-22 ئاۋاتلىقى: 552 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز


    تۈزۈم رەھىمسىز، باشقۇرۇش ھېسسىياتسىز، ئىجرا قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.
    1. باشقۇرۇش كۆزىتىشتىن، ئىقتىدار مەشقتىن، ئامال-چارە ئويلاشتىن، يوشۇرۇن كۈچ زورلاشتىن كېلىدۇ. 2. ياخشى قىلالمىغانلىق پەقەتلا شۇ ياخشى قىلالمىغانلىقتۇر، ھېچقانداق باھانىنىڭ پايدىسى يوق. خالىغانچە تاپساڭ باھانە، يوقتۇر ساڭا نەتىجە.  3. ئامال-چارە يوق ئەمەس، پەقەتلا كۆڭۈل قويۇپ ئويلاشمىغانلىقتۇر. كۆڭۈل قويۇپ ئويلانغاندا ھامان بىر پەيتتە ئامال-چارە تېپىلىدۇ. 4. نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىق شۇ ياخشى بولمىغانلىقتۇر. 5. ئېرىشىش ئۇ بىر ئىقتىدار، ۋاز كېچىش بولسا پوزىتسىيە. 6. باشقىلارنى راۋۇرۇس ماختاڭ، باشقىلارنى ماخ...
  • 21 كۈن ھادىسىسى دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-04-11 ئاۋاتلىقى: 582 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      21 كۈن ھادىسىسى دېگەن نېمە؟


    ھەرىكەت پسىخولوگىيە ئىلمىدە،كىشىلەر ئادەمنىڭ يېڭى ئادىتى ياكى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى شۇنداقلا مۇقىملىشىشى ئۈچۈن كەم بولغاندىمۇ 21 كۈنگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئەھۋال بار بولۇپ، بۇ 21   كۈن ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بولسا، بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، ياكى خىيالى، ئەگەر 21 كۈن تەكرارلانسا ئۇ ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت ياكى ئىدىيەگە ئايلىنىدۇ.


    دۆلىتىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت تەربىيە ئالىمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا،ئادەتنىڭ شەكىللىنىشى ئومۇمەن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن: بىرىنچى باسقۇچ: 7-1 كۈن ئەتراپىدا. بۇ باسقۇچتىكى ئىپادىسى بولسا "ئالاھىدە دىققەت قىلىش،ياسالمىلىق" بولۇپ، ناھايىتى بېرىلىپ ئۆزىگە ئەسكەرتىش بېرىدىكەن. ئىككىنچى باسقۇچ: 21-7 كۈن ئەتراپىدا .بۇ باسقۇچتىكى ئىپادىسى بولسا: "ئال...

  • كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ

    ۋاقتى: 2015-04-08 ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئۆزىڭىزگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇڭ» بۇ يەردە!

     

    كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاڭ

     

    ھەقىقىي قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ھەربىر ئائىلىدە ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بولىدۇ. مەسىلە شۇكى، بىز ئۇنىڭغا بەك ئاز قۇلاق سالدۇق ياكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىگە دىققەت قىلمىدۇق. ئەكسىچە، ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسىدۇق، بولغۇلۇق بولۇپ يىغىشتۇرالمىغاندا، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمىدۇق. شۇڭا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىشىمىزنى يېڭىباشتىن باشلاشنىڭ پۇرسىتى قىلىشىمىز كېرەك.


    مىسال ئالساق، ئائىلىمىزدە ھەممەيلەننىڭ ئالدىراپ تۇرغان ۋاقتى قالايمىقانچىلىقنىڭ ي...

جەمئىي 3 بەت/101پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 كېيىنكى بەت