ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ

روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ

ۋاقتى: 2016-01-16 ئاۋاتلىقى: 838 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئېرىشكىڭىزنى قەدىرلەڭ» بۇ يەردە!

 

روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ

 

ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى «ساراڭ»لارچە تۇرمۇش دەپ سۈرەتلەشكە بولىدۇ. مەيلى تىرىكچىلىك، بالا – چاقىلارنى بېقىش – تەربىيەلەش، ھەر كۈنلۈك رەسمىيەتچىلىك بولسۇن، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە، ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىگە، خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى بولسۇن، ھەممىسى بىزنى ئالدىرىتىپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ھەممەيلەن قەددى – قامەتلىك بولۇشنى، ياخشى ئاتا – ئانا، ياخشى پۇقرا، ياخشى دوست بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىمكانىيىتىمىز يار بېرىپ قالسا، تۇرمۇشتا ئاز – تولا لەززەت بولۇشنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە، ھەر بىرىمىزنىڭ بىر كۈندە پەقەت 24 سائەتلا ۋاقتىمىزنىڭ بولغانلىقىدا، قىلالايدىغان ئىشىمىزنىڭ ئاشۇنچىلىكلا چەكتە ئىكەنلىكىدە. ئۇلاردىن باشقا، ھازىرقى دەۋردە ئوت ئۈستىگە ماي چاچىدىغان تېخىمۇ نۇرغۇن قورال – سايمانلار بار. مەسىلەن، پەن – تېخنىكا ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىرا – كەشپىياتلار. كومپىيۇتېر، يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار دۇنيانى كىچىكلەتتى. نىسپىي ھالدا ھالدا ۋاقىتمۇ يېتىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەرقانداق ئىشنى قىلمىقىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپ تېزلەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىز سەۋر – تاقەت قىلالمايدىغان، ھەرقانداق ئىشنى ھازىرلا تەق بولسا، دەيدىغان بولۇپ قالدۇق. مەن بەزى ئادەملەرنى كۆردۈم، ئۇلار تېز تاماقخانىدا بىرقانچە مىنۇت تاماق ساقلاپ قالسا، ئاچچىقىنى باسالمايدۇ ياكى كومپيۇتېر بىردەم كېيىن ئېچىلىپ قالسا تاقەت قىلالمايدۇ. يولدا قىزىل ۋە يېشىل چىراغنى بىردەم ساقلاپ قالساق، ئايروپىلان سەل – پەل كېچىكىپ قالسا، ئالدىراپ تۇرالماي قالىمىز، ھازىر بىز ئولتۇرۇۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازادە ھەم تېز ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەرقانداق نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشكە، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا موھتاج.


ئەگەر بىز ھەممە ئىشنى سىناپ باقىدىغان بولساق، ئالدىنقى ئىشتىن كېيىنكى ئىشقىچە ھەممىنى سىنايمىز – دە، ئىشلىگەنسېرى ئۇششاق ئىشلاردا ئالدىراپ چاتاق چىقىرىپ قويىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز توختىماي ئىشلەيدىغان بولساق، قىلغان ھەربىر ئىشىمىزدىن خۇشال بولۇشقا ۋە قانائەت ھاسىل قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز، چۈنكى بىزنىڭ مەركىزىمىز مۇشۇ دەقىقە ئەمەس، بەلكى كېلەر دەقىقە. شۇڭا، بىزدە ھەمىشە ئاز – تولا دىققەت چېچىلىپ كېتىش سەزگۈسى بولىدۇ.



روھىي ھالەتنى سەگەك تۇتۇش ئۆزىنى سەگەك تۇتۇشتىنمۇ مۇھىم. ئۇ بىزگە تۇرمۇشنىڭ ئادەتتىكى ئالدىراش چاغلاردا ھېس قىلالمىغان مول تەسىراتلىرىنى بەخش ئېتىدۇ. ئىككى پائالىيەت ئارىلىقىدىكى ھاردۇق چىقىرىش ۋاقتى، ئۆزىمىزنى تەمكىن تۇتۇش ۋاقتى ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مەن روھىي ھالەتنى سەگەك تۇتۇشنىڭ نۇرغۇن نەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا بىزگە ھەقىقىي شۈكۈر – قانائەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى بايقىدىم.


ئەگەر مەن بىر كۈندە بەش خىل ئىش قىلماقچى بولسام، ئەمما ۋاقىت يېتىشتۈرەلمىسەم، ھەربىر ئىش شۇنداق ئالدىراش بولسا، ئۇنىڭدىن كۆرە، تۆت ئىشنى قىلغىنىم، قىلغاندىمۇ تەمتىرىمەي، بىر – بىرلەپ ياخشى قىلغىنىم تۈزۈك. دەرۋەقە، ئالدىراشلىق ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تامامەن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس، بەزىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى – ئۈچ سورۇنغا بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، بۇنداق ئىشنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تاپقان. ئەگەر ئۆزىڭىزدە ئالدىراپ – تېنەپ يۈرۈش خاھىشى بارلىقىنى سەزسىڭىز، ئاز – تولا تەدبىر قوللىنىپ، روھىي ھالىتىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ، شۇ چاغدا قەدىمىڭىز ئاستىلايدۇ، تېخىمۇ خاتىرجەم بولىسىز، بېسىممۇ بولمايدۇ. مەن ئويلايمەنكى، ئەگەر قەدەمنى ئاستىراق باسسىڭىز، كىچىككىنە ئاستا بولغىنى بىلەن تۇرمۇشىڭىزنىڭ سۈپىتى بىرمۇنچە ئۆسۈپ قالىدۇ.
-----------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى