ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سۈۋەرەك ھادىسىسى ھەققىدە چۈشەنچە

سۈۋەرەك ھادىسىسى ھەققىدە چۈشەنچە

ۋاقتى: 2016-06-20 ئاۋاتلىقى: 1794 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈۋەرەك ھادىسىسى دېگەن نېمە؟
سۈۋەرەك بىر خىل كىملا كۆرسە ئۆچلۈكى كېلىدىغان ھاشارات بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كەڭ بىزارلىقىنى قوزغىغان. ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ سۈۋەرەك بىلەن بولغان كۈرىشى ئاللىبۇرۇن ئون نەچچە ئەسىر داۋاملاشقان، لېكىن سۈۋەرەكنىڭ ھاياتى كۈچى يۇقىرى بولغاچقا، ئادالەت بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت مىڭ گەز ئۆرلەپ، ئۈزلۈكسىز دورىغا تاقابىلچانلىقنى يېتىلدۈرۈپ كەلگەن. قارىغاندا بۇ كۈرەش يەنە داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. ئالدىنقى ئەسىردە، گېرمانىيەنىڭ بىر شىركىتى بىر خىل سۈۋەرەكنى تىزگىنلەيدىغان دورىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ دورىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى بار ئىدى. بىر تال سۈۋەرەك بۇ دورىنى يېگەن ھامان، دەرھال ئۆلمەيتتى، ئەمما بۇ دورىنىڭ زەھىرى سۈۋەرەكنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلاتتى. سۈۋەرەكنىڭ بىر خىل غەلىتە ئادىتى بولۇپ، بىر تال سۈۋەرەك ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا سۈۋەرەكلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاز-ئازدىن پارچىلاپ يەيدۇ. شۇڭا، زەھەرلەنگەن سۈۋەرەك ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا سۈۋەرەكلەرمۇ كەينى-كەينىدىن زەھەرلىنىپ، ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيتتى. بۇ خىل سۈۋەرەكلەر ئارىسىدا يۇقىدىغان ھادىسىنى بىز سۈۋەرەك ھادىسىسى دەپ ئاتايمىز.
سۈۋەرەك ھادىسىسى ناھايىتى ئاددىي، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئوخشاشلا سۈۋەرەك ھادىسىسى مەۋجۇت. بەلكىم بەزىلەر سۈۋەرەك ھادىسىسىنىڭ بىر تال چاشقاننىڭ بىر قازان شورپىنى بۇلغىغىنى بىلەن نېمە پەرقى بار؟ دېيىشى مۇمكىن. بىر تال چاشقان شورپىغا چۈشۈپ كەتسە، تەبىئىيكى، بۇ بىر قازان شورپىنى ئىچكىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئىچكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغىنى پەقەت شۇ بىر قازان شورپىدىنلا ئىبارەت، باشقا شورپىلارنى يەنىلا ئىچكىلى بولىدۇ، سۈۋەرەك ھادىسىسىدىكى مەسىلە بولسا پەقەت بىر قازان شورپىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، ئەگەر سۈۋەرەك ھادىسىسى يۈز بەرسە، نۇرغۇن قازاندىكى شورپىلار بۇلغىنىشى مۇمكىن.
سۈۋەرەك ھادىسىسىنىڭ تارقىلىشى
 ئالدى بىلەن سۈۋەرەك ھادىسىسىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەلۇم شىركەتتە نەچچە ئادەم شېرىكلىشىپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپتۇ، ئىگىلىك تىكلىگەننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە خاس بىر ساھە يارىتىپتۇ. تىجارىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مەسىلىلەرمۇ بارغانچە ئاشكارىلىنىشقا باشلاپتۇ. A شىركەتنىڭ بازار تىجارىتىگە مەسئۇل ئىكەن، ئۇ تىجارەتنى ناھايىتى ياخشى قىپتۇ، لېكىن، B دائىم  A نىڭ شىركەتنىڭ ھالقىلىق تىجارىتىنى كونترول قىلىشنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىگە بولغان خەتىرىنىڭ چوڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، A نىڭ تارمىقىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، A مۇ ئەخمەق ئەمەسكەن، ئۇ كۆڭلىدە B نىڭ قىلغانلىرىنى تۇيۇپ تۇرۇپتۇ ۋە B غا كۆڭلىدە غۇم ساقلاشقا باشلاپتۇ، C بولسا B نىڭ بازار تارمىقىدا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بازار تارمىقىنىڭ كونتروللۇقىنى A بىلەن  B نىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى بازار تارمىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. A مۇ بوش كەلمەپتۇ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى B بىلەن C مەسئۇل بولغان تارماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ،  A، B، C بارغانچە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بارغانچە ئازلاپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا شىركەتتە ھېچكىمنىڭ خىزمەتكە قىزغىنلىقى قالماپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا نازارەت قىلىش ۋە ھوقۇق، مەنپەئەت تالىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، شىركەتنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلىشىپ، تاقىلىپ قاپتۇ. مانا بۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۈۋەرەك ھادىسىسىدۇر. B دەل بىرىنچى بولۇپ زەھەرلەنگەن سۈۋەرەك، B زەھەرلەنگەندىن كېيىن، دەرھال A بىلەن C غا يۇقتۇردى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە پەقەتلا A، B، C لەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەندى، ئەمەلىيەتتە، ئەگەر A، B، C لەرنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى قوشىدىغان بولساق، ئۇنداقتا سۈۋەرەكنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. A، B، C لەر ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپتۇ، A بۇ قېتىم ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىمەپتۇ، چۈنكى A ئۆزىنىڭ بىر تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەككە ئايلىنىپ ئۆز ئۆزىنى زەھەرلىمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئىكەن. لېكىن A ئۆزىنىڭ بىر قېتىم ئازار يېگەندىن كېيىن باشقىلارغا ئىشەنمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەر قانداق ئادەمگە شۈبھى نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان-دە. كارخانا قۇرۇش A يالغۇز پۈتتۈرەلەيدىغان ئىش ئەمەس، A نىڭ قول ئاستىدا يەنە خىزمەتچى خادىملار بولىدۇ، A ئاللىبۇرۇن بىر تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەككە ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، A يەنە ناھايىتى تېزلا بۇ زەھەرنى ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يۇقتۇرۇپتۇ، كېيىن  A كەسپتە يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بوپتۇ. B ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، يېڭى ھەمكارلاشقۇچىلارنى تېپىپتۇ،  B ئالدىنقى قېتىمقى مەغلۇبىيەت كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپتۇ، B كونترول قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىپتۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ھەمكارلاشقۇچىمۇ بىر تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەككە ئايلىنىپتۇ، نەتىجىسىنى ئويلاپ باقساقلا بىلگىلى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتىكى بىر تال زھەرلەنگەن سۈۋەرەك B ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەككە ئايلاندى، ئۇلار يەنە ئايرىم ھالدا ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ زەھەرلەنگەن سۈۋەرەكلەرگە ئايلاندى، ھازىر زادى قانچە تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەك بارلىقىنى ھىسابلىغىلىمۇ بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. بۇ زەھەرلەنگەن سۈۋەرەكلەر يەنە ئۆزىنىڭ زەھىرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا يۇقتۇرۇپ قويامدۇ-يوق؟ شۇڭا بىر تال زەھەرلەنگەن سۈۋەرەك، بىر قازان شورپىغىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن قازان شورپىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈۋەرەك ھادىسىسىنىڭ پەقەت بىر كوللېكتىپقىلا ئەمەس، بەلكى ئەر-ئاياللارنىڭ، ئاتا-بالىلارنىڭ، ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتكىمۇ تەسىرى بولىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەل بىر جەمئىيەت مىقياسىدىكى سۈۋەرەك ھادىسىسى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىق ئادەملەر زەھەرلەنگەن سۈۋەرەككە ئايلانغان ئىدى، ئەر-ئاياللار تەتۈر قاراشقان، ئاتا-بالىلار دۈشمەنلەشكەن ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى