ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىز تىرىشچانلىق بىلەن پۇل تاپىدىغان قۇرغۇچىمۇ؟

سىز تىرىشچانلىق بىلەن پۇل تاپىدىغان قۇرغۇچىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 1324 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 سىز تىرىشچانلىق بىلەن پۇل تاپىدىغان قۇرغۇچىمۇ؟

 

يالغۇزسىراش ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى.

 

شىركەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى CEO قۇرغۇچىسى بولۇش ناھايىتى قىيىن. چۈنكى خىزمەتچىلەرگە يۈزلەنگىنىڭىزدە شىركەتتە بەلكىم پەقەت ئۈچ ئايلىق مائاش تارقاتقىدەكلا پۇل قالغانلىقىنى، ئۈچ ئايدىن كېيىن مائاش تارقىتىدىغان پۇلنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشىڭىز ناھايىتى تەس. سىز بۇ ئەمەلىيەتنى ئۇلار بىلەن ھەمبەھرلىنىشكە ئامالسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىز يەنە ئۇلارغا بىر ناھايىتى ئۇلۇغ ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتىشقا مەجبۇر. ئەمەلىيەتتە، سىز ئەتە نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمەيسىز.

 

ئىككىنچىدىن، سىز مەبلەغ سالغۇچىڭىز بىلەن بۇ ئىشنى ھەمبەھرلىنىشكىمۇ ئامالسىز. چۈنكى ھەممىلا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلىغۇدەك جۈرئىتى بولۇشى ناتايىن. سىز يەنە فوكۇسلۇق لامپا ئاستىدا تۇرۇپ، ۋاسىتىلەر بىلەن سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىڭىزنى ھەمبەھرلىنىشكىمۇ ئامالسىز. سىزنىڭ دەيدىغىنىڭىز پەقەتلا سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىز، ئەمەلىيەتتە بولسا، سىزنىڭ بېسىمىڭىزنى ھېچكىم تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ.

 

بۇ خىل يالغۇزسىراش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى. يەنە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ قازانغان ئۇتۇقى قانچە چوڭ بولسا، يالغۇزسىراش ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. نېمىشقا؟ ئەگەر سىز ئۇتۇق قازىنالمىسىڭىز، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىشخانا ئالماشتۇرىشىڭىز، ئىككى يىل ئىچىدە يېڭى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇتۇق قازانسىڭىز، ئۇتۇق سىزنى ھارغۇزىۋېتىدۇ، سىزنىڭ نۇر ھالقىڭىز بولىدۇ. ھەممە ئادەم سىزنى داۋاملىق تېخىمۇ ئۇتۇق قازىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ خىل نۇر ھالقىسى سىزنىڭ يالغۇزسىرىشىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

شۇڭا بۇ خىل ئاتالمىش يۈكنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى قويۇپ قويۇش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ماھىيەتتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسە. ئەمەلىيەتتە سىزگە سالغان بۇ ئازراق مەبلەغ مۇھىم ئەمەس. مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنچىلىك پۇلنى مەبلەغ سالغانلىقى راستىنلا پىكرى سىز بىلەن بىر يەردىن چىققانلىقى، سىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقى.

 

شۇ سىز سىزگە بولغان ئېتىراپنى بىر ئەمەلىي، ئۈچ ئايدىن كېيىن مائاش تارقىتىدىغان بۇ ھېساباتنى ئۇلارغا بېرىسىز. شۇڭا، ھەقىقىي مۇنەۋۋەر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بايقايسىز.

 

ئۇلار كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە چۈشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورۇن بىر ئېگىزدە تۇرۇپ پەسكە قارايدىغان ھالەت ئەمەس، بەلكى بىر باراۋەر ئورۇن، ھەتتا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا. شۇڭا، بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ھەقىقىي تېپىشقا تېگىشلىك بولغىنى سىزنى ئېتىراپ قىلىدىغان مەبلەغ سالغۇچى، ھەرگىزمۇ بىر پارچە پۇل چېكى بار ئادەملا ئەمەس. مەن بىر كاتتا ئەرباب ئەمەس، لېكىن مەن ئىگىلىك تىكلەشنى قىزغىن سۆيىمەن. مەن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىگە قانداق ياردەم قىلىشنى بىلىمەن، بۇ ھەقىقىي بايلىق. بۇ ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى. شۇڭا، ئېتىراپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتا، ئىگىلىك تىكلەش قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرگە موھتاج.


 

تىرىشچانلىق چوقۇم جاۋابقا ئېرىشىشى ناتايىن، چوڭقۇر ئويلىنىش تىرىشىپ ئىشلەشتىنمۇ مۇھىم.

 

مەن بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي. 2003-يىلىلا لېي جۈن بىلەن تونۇشتۇم. 2010-يىلى شياۋمىغا مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ئالتە-يەتتە يىللىق دوستلۇق رىشتىمىز بولغان ئىدى. بۇ ھېكايىنىڭ قايسى يىلى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بەلكىم 2007-يىلىدۇ، بەلكىم 2006-يىلىدۇ، ياكى بەلكىم 2008-يىلىدۇ. بىر قېتىم، نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، لېي جۈن ماڭا تېلېفون قىلدى.

 

ئۇ: «مەن ئىزچىل سىزنى مەبلەغ سېلىشتا ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارايمەن، ماڭا دەپ بېرەلەرسىزمۇ، قانداق قىلغاندا بىر ئۇتۇق قازانغان مەبلەغ سالغۇچى بولغىلى بولىدۇ؟ سىز نېمىشقا مەبلەغنى شۇنداق ياخشى جايغا سالالايسىز؟»

 

مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق بىر جاۋابنى بەردىم: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئاجايىپ تىرىشچان ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىمەن. مەن تىرىشچانلىقنىڭ چوقۇم نەتىجىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! مەن سىزنىڭ تىرىشسىڭىزلا چوقۇم بىر ئىنتايىن ياخشى مەبلەغ سالغۇچى بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.» مەن ئەسلىدە بۇ جاۋاب ھېچ بولمىغاندا لېي جۈننىڭ قىسمەن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ماڭا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنكاستىن بىرنى قايتۇردى. بۇ جاۋاب: تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن.

 

بۇ قاراش ئەينى ۋاقىتتا ماڭا بەك تەسىر قىلدى. مەن كېيىن ئاستا-ئاستا چۈشەندىم، بەلكىم تىرىشچانلىق زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تىرىشچانلىق ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس.

 

بەلكىم مەن كۆپچىلىك بىلەن يەنە بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى ھەمبەھرلىنىشىم مۇمكىن، بىر پارچە كىتابنىڭ ھېكايىسى. بۇ مەن تۈنۈگۈن توردىن تېپىۋالغان بىر پارچە قىزىقارلىق ماقالە. بۇ كىتابنى دويبيەندىن تاپقىلى بولىدۇ، ئىسمى «غەيرىي تۈر». دويبيەننىڭ كىتاب باھاسى ئىچىدە، مۇنداق بىر ئابزاس تونۇشتۇرۇش بار: «غەيرىي تۈر» ناملىق كىتابتا، يازغۇچى گلادۋېل جەمئىيەتتىكى ئۇتۇق قازانغان زاتلارنى ئانالىز قىلىپ، كىشىلەرگە بىر قاتار ئويلاپمۇ باقمىغان ستاتىستىكا نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدۇ: ئەنگىلىيە پۇتبۇل پەۋقۇلئادەبىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۆپىنچە توپچىلار 9-ئايدىن 11-ئايغىچە تۇغۇلغان؛ بېل.گايتىس ۋە ستېۋىن.جوبس ئىككىلىسى 1955-يىلى تۇغۇلغان؛ نيۇيوركتىكى نۇرغۇن داڭلىق ئادۋۇكاتلار ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى يەھۇدىلار پۇشتىدىن، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نيۇيورك كىيىك-كېچەك ساھەسىدە تىرىكچىلىك قىلغان.


 

نېمىشقا بۇنداق غەلىتە ستاتىستىكا نەتىجىلىرى بولىدۇ؟

 

مەن كۆپچىلىككە يەنە بىرقانچە مىسال كەلتۈرۈپ بەرسەم بولىدۇ. مەن تۈنۈگۈن يەنە توردا بىرقانچىنى تەكشۈردۈم: بايلار تىزىملىكىدە بىرقانچە ئۇتۇق قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بار ئىكەن، مەن كۆپچىلىككە ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى دەپ بېرەي. لى يەنخوڭ 1968-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لېي جۈن 1969-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، جۇ خوڭيى 1970-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، دىڭ لېي 1971-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، ما خۇاتىڭ 1971-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان. ئازراق ئوخشىمايدىغىنى، ما يۈن 1963-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان.

 

مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، مەن جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن، 98-يىللىقتىن. 98-يىللىق جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق. مەن جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىغا قايتقان چېغىمدا، مۇنداق بىر قىزىقارلىق گەپنى ئاڭلىدىم. نۇرغۇن ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مۇنداق دېدى: سىلەر 98-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىرەر ئالاھىدە گېنغا ئىگىمۇ قانداق؟ قاراڭ، سىلەرنىڭ سىنىپتىن تەۋەككۇل مەبلەغ سالىدىغانلاردىن ليۇ چىن بىرسى، شى جيەنمىڭمۇ 98-يىللىقنىڭ، خوڭشەن مەبلەغچىلىكىدىكى جى يۆ، CDHتىكى چېن ۋېنجياڭ، يەنە چېن خاڭمۇ جۇڭگو مەدەنىيەت ئىگىلىك تىكلەش فوندىدا. بىزدىن بىر يىللىق يۇقىرى بولغان 97-يىللىقتىمۇ نەچچىسى بار.

نېمىشقا ھەممىسى 97-يىللىق ياكى 98-يىللىقنىڭ؟ بىزنىڭ گېنىمىزدا بىرەر ئالاھىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ مەن كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرلەنمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ئەمەلىيەتتە بەزىدە پەقەت تىرىشچانلىق بولغان بىلەنلا بولمايدۇ. پۇرسەت ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىش ئىنتايىن قىيىن، مۇھىم بولغىنى سىز بۇ پۇرسەتنى بايقىشىڭىز كېرەك.

 

جوبس بىلەن بېل گايتىسنىڭ ئىككىلىسى 1955-يىلى تۇغۇلغان، شۇڭا ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋە ئوقۇشنى تاشلىغاندا، PC ساھەسى ئەمدىلا باشلانغان. نېمىشقا PC ئىنتېرنېت تورىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا 1969-يىلى، 1970-يىلى، 1971-يىلىدا تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ؟ چۈنكى دەل ئىنتېرنېت تورى دولقۇنىغا توغرا كەلگەن، ئۇلار نىڭ شۇ يىلى خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان. ئەگەر بەك بالدۇر پۈتكۈزۈپ قالغان بولسا،  مەسىلەن لېي جۈننىڭ قۇرداشلىرى يۇمشاق دېتالغا توغرا كەلگەن، ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن «جىنشەن يۇمشاق دېتاللىرى» يېپىشىۋالغان. ئەگەر بەك كېيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسا، تېخىچە ئالىي مەكتەپتە بولۇپ، بۇ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى ئويلانغىدەك ۋاقتى بولمىغان.


 

مەن 1998-يىلى جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن، 1999-يىلى جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندە ئىنتېرنېت تورىنىڭ پارتلىشىغا توغرا كېلىپ قالغان. مەن بەك ئەقىللىق بولغاچقا ئەمەس، ھەتتا مەن بەك تىرىشچان بولغاچقىمۇ ئەمەس، شۇڭا پۇرسەت ناھايىتى مۇھىم. لېكىن پۇرسەت تەلەي ئەمەس، پۇرسەت سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىز. چوڭقۇر ئويلىنىش سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدىنمۇ مۇھىم! لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇرسەت پەقەت پاسسىپ ھالدا پايدىلىنىشقىلا ئېرىشەلەيدۇ. پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرلا ئاكتىپ ھالدا پۇرسەتكە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ. بۇ مەن كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرلەنمەكچى بولغان يەنە بىر قاراش: «تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن! چوڭقۇر ئويلىنىش تىرىشىپ ئىشلەشتىنمۇ بەك مۇھىم!»

 

ئۇلۇغ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىلھامى سىز سەل قارىغان بىر قىسىم تەپسىلاتلاردىن كېلىدۇ.

 

سىلەر بەلكىم مېنىڭ باشقا يەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىمنى ئاڭلاپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. مەن بۇرۇن ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ مۇھىمى Vision دېگەن ئىدىم، ئۈچ ئىنتايىن مۇھىم بولغان «مەۋھۇم» سوئالغا جاۋاب بېرىش كېرەك. «مەن كىم؟ مەن نەدىن كەلگەن؟ مەن نەگە بارىمەن؟»

لېكىن مېنىڭ بۈگۈن باشقا سوئاللارنى كېڭەيتىپ سۆزلىگىم يوق. بۈگۈن مەن مەخسۇس بىر مەسىلىنى سۆزلەيمەن، بۇ ئۈچ سوئال ئازراقمۇ مەۋھۇم ئەمەس، ئازراقمۇ پۈچەك ئەمەس، ئازراقمۇ چوڭ ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلىرىمىز يىپ ئۇچى ھېسابلىنىدىغان يادرولۇق تەپسىلاتلاردىن كېلىدۇ. شۇڭا كىچىكتىن چوڭنى كۆرۈۋالالايدىغان بولۇش كېرەك.


 

مەن كۆپچىلىككە بىر-ئىككى مىسال سۆزلەپ بېرەي. 2007-يىلى UCwebگە مەبلەغ سالغىنىمدا، نۇرغۇن ئادەم نېمىشقا UCwebدىن ئىبارەت يانفون تور كۆرگۈچىگە سالىدىغانلىقىمنى چۈشىنەلمەيلا قالغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قىممىتى بار. ئۇ بۇ تور كۆرگۈچكە بىر ئاتالمىش تۈرگە ئايرىلغان يول باشلاش كاتالوگى قويغان ئىدى، بۇ دەل ئاتالمىش تور بېكەت يول باشچىسى ئىدى.

 

ئەقلىم زادى يەتمەيدۇ، نېمىشقا ئامېرىكىدا ئالدى بىلەن ياخۇدىن ئىبارەت ئادەم كۈچى بىلەن تۈرگە ئايرىيدىغان يول باشلاش جەدۋىلى بارلىققا كېلىپ، كېيىن گوگىل بارلىققا كەلگەندە بىر پۈتۈن ياخۇنىڭ قىممىتىنى يوقلا قىلدى، جۇڭگودا بولسا ئالدى بىلەن بەيدۇ بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن hao123 يول باشلاش بېتى بارلىققا كېلىدۇ؟ نېمىشقا؟

 

مېنىڭچە بۇ بىر قىزىقارلىق ھادىسە. ياخۇ بىر ئەڭ ئىپتىدائىي ئادەم كۈچى بىلەن تۈرگە ئايرىيدىغان جەدۋەل، بۇرۇن ئامېرىكا ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن گوگىلدىن ئىبارەت ئىزدەش موتورى شىركىتى ئاسانلا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى. جۇڭگودا بولسا، بىز ئىزچىل جۇڭگونىڭ «كېيىن باشلاش ئەۋزەللىكى» بار دەپ تەكىتلەپ كەلدۇق، لېكىن نېمىشقا بىزدە بەيدۇ ئىزدەش موتورى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن يەنە بىر ئادەم كۈچى بىلەن تۈرگە ئايرىيدىغان hao123 بارلىققا كېلىدۇ؟

 

بۇ يەردە بىر ئىنتايىن، ئىنتايىن قىزىقارلىق يادرولۇق تەپسىلات بار. بۇ بىزنىڭ جۇڭگودا زور مىقداردا پىنيىننى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان، كونۇپكا تاختىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان، ھەتتا ئىزدەش موتورىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان تور ئابونتلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. لاتىن ھەرپلىرىدىن بىر ھەرپنى ئۇزۇپ ئىزدەش ناھايىتى ئاسان، لېكىن جۇڭگودا پىنيىن بىلەن خەنزۇچە خەتنى يېزىپ ئىزدەش موتورىغا كىرگۈزۈش ناھايىتى قىيىن.


 

بۇ بىرىنچىدىن ئېقىم مىقدارىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا يادرو ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئېقىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئامېرىكىنى دورىشىمىز ناتايىن.

 

2007-يىلى ئاندرويد يوق، iPhone يوق. 2007-يىلى سېمبيەننىڭ دەۋرى. سېمبيەننىڭ ئالاھىدىلىكى يانفون كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىپ خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش، بۇ تېخىمۇ ئازابلىق. يانفون كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىپ ئىزدەش رامكىسىنى بېسىش تېخىمۇ ئازابلىق. شۇڭا بىز جاۋابىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، UCweb 2007-يىلىدىكى سېمبيەننىڭ سىمسىز ئىنتېرنېت تورى دەۋرىدە ئېقىم مىقدارى يىغىلىش مەركىزى.

 

بۇ بىزنىڭ 2007-يىلى UCwebكە مەبلەغ سېلىشىمىزدىكى ئەڭ يادرولۇق بىر قاراش. بۇ تەدبىرنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى بىزنىڭ hao123دىن ئىبارەت بىر ئەرزىمەس ھادىسىگە بولغان ئويلىنىشىمىزدىن كەلگەن. شۇڭا مەن بۇر يەردە دەپ قويماقچى، بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەنزىلىڭىزنى پىلانلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، بىر قىسىم ئۇقۇملارنىلا تۇتۇۋالماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ يادرولۇق بازىرىڭىزدىكى ياردولۇق تەپسىلاتلارنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. كىچىكتىن چوڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىلھامى بىر قىسىم سىز سەل قارىغان تەپسىلاتلاردىن كەلگەن، بىر قىسىم يىپ ئۇچلىرىنىڭ تەپسىلاتىغا زور مىقداردىكى پايدىلىق كۆزىتىش ئىقتىدارى يوشۇرۇنغان.

 

كۆزىتىش ئىقتىدارى سىزنىڭ بىر Visionنىڭىزنىڭ مەنبەسى. مەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى كۆردۈم، مەيلى جۇ خوڭيى، لېي جۈن بولسۇن ياكى ما خۇاتىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئاجايىپ كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارى بار. بۇ كۆزىتىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئادەملەر سەل قارايدىغان يىپ ئۇچىلىرىدىن كەلگەن.

 

ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى كىم بىلەن سەپەرگە چىقىش.

«ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ» مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە «ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ»نىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى: سىز كىم بىلەن ئالغا قارام ماڭىسىز؟

مەن نېمىشقا بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالىمەن؟ چۈنكى دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىگىلىك تىكلەش تىلغا ئېلىنسىلا، بىز سېنىڭ كوللېكتىپىڭنى كۆرۈپ باقايلى، كوللېكتىپىڭنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۆرۈپ باقايلى، كوللېكتىپنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ باقايلى دەيتتۇق.


 

بىر كوللېكتىپقا زادى قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟ نۇرغۇن ئادەملەر مەندىن مۇشۇنداق سورايدۇ، مەن بۇرۇن بەزى دوستلارغا دېگەن. مەن دەيمەن: «مەن سىزنىڭ قانداق خوتۇننى ئالغانلىقىڭىزغا، قانداق قىز دوست تاپقانلىقىڭىزغا قارايمەن.» ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا بار، سىزنىڭ قانداق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىڭىز، سىزنىڭ مۇنەۋۋەرلىك دەرىجىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

 

قانداق ئادەمنى ئىگىلىك تىكلەشتىكى شېرىكىڭىز بولۇشقا تاللىشىڭىز سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىڭىزنىڭ qualityسىنى بەلگىلەيدۇ. «ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ» بىز يېنىمىزدىكىلەردىن ئۇلاردىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

 

مەن ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىمدا، مەن نۇرغۇن يىل مەبلەغ سالغان قۇرغۇچىلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بۈگۈن مېنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمنى قويۇپ تۇراي، سىز ئەترەت تەشكىللىگەندە، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىڭىزنى بىر توپ سىز ئاسانلا قايىل قىلالايدىغان ۋە سىزگە چوقۇنىدىغان كىشىلەردىن تەشكىللەشنى خالامسىز ياكى ئىمكانقەدەر سىزدىنمۇ مۇنەۋۋەر بولغان، سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەردىنمۇ؟

 

ئەمەلىيەتتە بىز بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ ئىقتىدارى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ قانداق ئادەم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىغا قارايمىز.

 

شۇڭا «ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ»دا، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى كىم بىلەن مېڭىش! شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈننىڭ بۇ ساھەدە داڭقى بار. ئۇ 2010-يىلى مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىمايدىغان ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: «مەن ئۆزۈمنىڭ پاي ھوقۇقىمنى زور مىقداردا تارقىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن، چۈنكى مەن يېتەرلىك، ئىمكانقەدەر كۆپ، ئىمكانقەدەر مۇنەۋۋەر ئادەملەرگە موھتاج. بىزنىڭ شياۋمى ئالدىنقى ئون ئايدا باشقا ئىش قىلمىدى، پەقەت بىرلا ئىشنى قىلدى: ئادەم ئىزدەش.»

نۇرغۇن ئادەملەر ئادەم تاپماق بەك تەس دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك، سىز «ئۈچ ئادەم بىللە سەپەرگە چىقساق ئارىمىزدىن ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك ئادەم چىقىدۇ»نى چوڭقۇر تونۇدىڭىزمۇ-يوق؟ كىم سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولۇشى كېرەك؟ ھەممە ئادەم سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولسا، سىز كىم بىلەن ماڭىسىز؟ شۇڭا بۇ ئىشتا، بىرىنچى نۇقتا، سىز ئىمكانقەدەر سىز ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى تېپىشىڭىز كېرەك، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مۇنەۋۋەرلىك دەرىجىسى كوللېكتىپىڭىزنىڭ مۇنەۋۋەرلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىڭىز مۇنەۋۋەر بولسىڭىزلا ئۆزىڭىزدىن ناچارلىرىنى تېپىشنىڭ كويىدا بولماڭ، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىر قىسىم ئاسان قايىل قىلغىلى بولىدىغان،بىرقەدەر ئاددىي بولغان ئادەملەرنى تېپىشنى خالىشى بىر خاتالىق.


 

نۇرغۇن ئادەملەر مەن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى قايىل قىلالمايمەن دەيدۇ. شۇنداق، مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى تېپىش ناھايىتى تەس. لېكىن بۇ مەن كۆپچىلىككە سۇنىدىغان يەنە بىر جۈملە: «رەھبەرلىك كۈچى ئۆزىگە بولغان توغرا تونۇشتىن، قۇرۇق ئىستاكان پىسخىك ھالىتىدىن ۋە بىلىمى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشتىن كېلىدۇ.» بۇ نۇقتىدا، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەملەر رەھبەرنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇ قازانغان ئۇتۇقتىن، ئۇنىڭ داڭقىدىن كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.

 

ھەقىقىي رەھبەرلىك كۈچى دېگەن، سىز ئالدى بىلەن بىر كوللېكتىپقا رەھبەرلىك قىلىشىڭىز كېرەك، سىز ئۆزىڭىزگە رەھبەرلىك قىلىشىڭىز كېرەك. سىز بىر ئادىل ۋە ھەققانىي رەھبەر ۋە يېتەكچى بولۇشىڭىز كېرەك، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنى توغرا تونۇش ناھايىتى تەس بولغان بىر ئىش.

 

شۇڭا تا بۈگۈنگىچە، مەن ئۆزۈمنى بىر ئۇتۇق قازانغان مەبلەغ سالغۇچى دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت مەن بىر مەبلەغ سېلىشنى ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى قىزغىن سۆيىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلا دېيەلەيمەن. ئۆزىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېنىق تونۇپلا قالماي، ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سىز ئۆزىڭىزگە توغرا ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولغىنىڭىزدا، يېنىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىڭىزغا توپلىنىدىغانلىقىنى بايقايسىز. چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بىر ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىدۇ.

 

ئىككىنچىدىن، قۇرۇق ئىستاكان پىسخىك ھالىتى. نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئۇتۇق قازانغان سودىگەرلەرگە نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا قارىشى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ تايىنىدىغىنى ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقى ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش، باشقىلارغا قۇلاق سالالايدىغان بولۇش، قۇلاق سېلىش ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم بولغان ساپا ۋە ئىقتىدار. تۈز كۆڭۈل ئاددىي بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. شۇڭا بىر قىسىم مۇنەۋۋەر كوللېكتىپلارغا قارىتا، ئەڭ ياخشى باشقۇرۇش باشقۇرماسلىق! باشقۇرماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى ئۇلارنى ئۆزلىكىدىن قوزغىلىدىغان كوللېكتىپقا ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى باشقۇرالايدىغان قىلىش. يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللېكتىپ ئۆز-ئۆزىنى قوزغىتىشتىن كېلىدۇ، KPI كۆرسەتكۈچىدىن ئەمەس.


 

قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئېلىش ئەمىلى ئىشلەش بىر ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ساپاسى. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدە، ئەڭ ياخشى قىلىشنى قوغلىشىدۇ. ئىنتېرنېت تورى بىر بىر نۇقتىدىن ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىلىدىغان ساھە. ئىنتېرنېت تورى بىر باھالاش نۇقتىسى پۈتۈن ساھەنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان جاي. شىركەتنىڭ بارلىق بايلىقىنى ئەڭ يادرولۇق نۇقتىغا تىكىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر ئىش. بۇ مەن سۆزلىمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا.

 

ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت تورى بىر ھەر كۈنى ئاغدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ تۇرىدىغان جاي. ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىجادىيلىققا ئىگە پىكىرلەر بارلىققا كېلىدۇ، لېكىن مەن يەنە شۇنى دەپ قويماقچى، ھازىر ئىنتېرنېت تورىدا مەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئادەملەرنىڭ چوڭ ئىش قىلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئالاھىدە تەدبىرلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

 

قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنى مەن جۇ خوڭيى بىلەن ئارىلاشقاندا بايقىغان. جۇ خوڭيى بىر مۇنازىرىلىك ئادەم، لېكىن ئۇ ئىنتېرنېت تورى ئېقىمى دېگەن بۇ چۈشەنچىدە ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇ بۇرۇن لۈكچەك يۇمشاق دېتال ئىشلەيتتى. ئۇ قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىدىغان ھالەتكە قايتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلاندى.


 

مەن بۈگۈن بۇنى كېڭەيتىپ سۆزلىمەيمەن، پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى ۋە سېلىشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چىخۇدىن بۇرۇنقى جۇ خوڭيى بىلەن چىخۇدىن كېيىنكى جۇ خوڭيى ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىش ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.

 

ئاراڭلاردا نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بار، ھەممىڭلارنىڭ ئىجادچانلىقىڭلار ئىنتايىن كۈچلۈك، لېكىن قانداق قىلغاندا سىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىڭلارنى بىر تېخىمۇ كۆز چۈشىدىغان ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ؟

 

ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا سودا قىلىش ئەمەس بەلكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش. يادرولۇق ئابونت قىممىتى ياراتماي، پەقەت ئېقىم ئالماشتۇرۇش كىرىمى بىلەنلا بولۇپ كەتمەڭ. ياخشى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەت يارىتالايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر شياۋمى دەل بىر غۇلغۇلا قوزغىيالايدىغان، تىجارەت قىلالايدىغان شىركەت دەيدۇ. قانچىلىك ئادەم شياۋمىنىڭ بىر خېرىدارنى ئۇلۇشلاش روھىغا ئىگە شىركەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؟

 

ئۇ ئامال قىلىپ بازاردىكى بارلىق بايلىقنى، ئەڭ ياخشى باھانى، ئەڭ ياخشى ئىقتىدار-باھا نىسبىتىنى، ئەڭ ياخشى تەسىراتنى ئابونتلارغا سۇنىدۇ. ئۇ ياراتقان ئەگەشكۈچىلەر ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ئۆلچەم بىلەن ئىش قىلىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇققا ئېرىشىش ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى