ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قابىل ئادەم نېمە ئۈچۈن كېتىپ قالىدۇ؟

قابىل ئادەم نېمە ئۈچۈن كېتىپ قالىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەتراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز، بەلكىم شۇنى بايقىشىڭىز مۇمكىن: شىركەتتىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەر بولماستىن بەلكى ھەمىشە قابىلىيەتلىك كىشىلەردۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق ئىشلار ئاساسلىق  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ دەپ ئويلايمىز، لېكىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلاردا بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، كارخانا تەشكىلاتى، قابىل كىشى ئۆزى ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەممىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.


خوجايىن: سىز قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە توغرا ھۆكۈم بىرەلەمسىز؟
قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز داۋاملىق ئۇلارغا ئارتۇقچە ياخشىلىق قىلىدۇ. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئۇلار بىلىپ بىلمەي زىيادە كۆپ ھوقۇقلارغا ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تىگىشلىك ھوقۇقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھوقۇق بېرىش بىر خىل سەنئەت، ئۇ كارخانا تەشكىلاتىنىڭ تەرتىپلىك ئۆلچىمى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 
بىز ھوقۇق بېرىشتە تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك: بىرىنچىدىن، ھوقۇق بېرىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بىرگە بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئوخشاش بىر ھوقۇق پەقەت بىرلا كىشىگە بېرىلىشى، ھوقۇق بېرىش ئۆز ئارا كېسىشمەسلىكى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئارتۇقچە ھوقۇق بېرىش ۋە ھوقۇق بېرىش يېتەرسىز بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئاخىرىدا، ئوخشاش دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى تەڭپۇڭ بولۇشى، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنىڭ ھوقۇقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەردىن ئۈستۈن بولماسلىقى كېرەك. 
ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىردەك بولماسلىقى رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن بەلكى ئوتتۇرا قاتلام ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئائىلىۋى كارخانىلاردا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ھوقۇقنىڭ مەلۇم بىر تارماققا مەركەزلىشىپ قېلىشى ئەمىلىيەتتە دەل شۇ تارماقنىڭ دىرېكتورىغا مەركەزلىشىپ قېلىشىدۇر. بۇ دىرېكتورنىڭ ھوقۇقى باشقا تارماقلاردىن خېلىلا ئۈستۈن بولۇپ، ھەتتا رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ھالەت شەكىللىنىدۇ؟ سەۋەبى دەل رەھبەرلەرنىڭ مەلۇم بىر دىرېكتورنىڭ قابىليىتىگە بولغان ئىشەنچىسىدە، بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئاقىۋەتتە ئوتتۇرا قاتلام دىرېكتورلىرىنىڭ ھوقۇقى ئېشىپ كېتىپ ئەمەلىي پايدا ئازىيىپ ماڭىدۇ، يېرىم كۈن ئاۋارە بولۇپمۇ تېگىشلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. باشقا دىرېكتورلار مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ (پۇلنى ئاز ئالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ) ئەمما تېگىشلىك ھوقۇققا ئېرىشەلمەي، ئوخشاشلا بىئارام بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان خىزمەتنى قىلىدىغان ئادەم يوق، كۆپلىگەن كىشىلەرگە قىلىدىغان خىزمەت يوق. بۇنداق بولغاندا، ئومۇمىي ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.                                                
قابىلىيەتلىك ئادەم: قابىلىيىتىم بار دەپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟                      
قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۆز ئىقتىدارىنى كۈچلۈك ھېسابلاپ، خوجايىنىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ۋە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىۋېلىپ نەتىجىدە ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ ھەۋەس قىلىشى ۋە خىزمەت جەھەتتىن ماسلاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ چاغلىشى، قول ئاستىدىكىلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى ھەتتا باشلىقلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. بۇنداق باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتىكى ھېسسىي قاراش ئېغىزدا ئىپادىلىنىپ ھەرىكەتتە ئەمەلىيلىشىدۇ. نەتىجىدە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇپ ئۆچمەنلىك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئېغىرراق ئەھۋالدىكىلەر، تەربىيەلىنىشى ياخشى بولمىغان، ئەخلاق پەزىلىتى ناچار كىشىلەر ھوقۇقىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى كۆپ بولغانلىقتىن خاتالىق چىقىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ-دە، باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مۇھىت: زادى كىم سىزنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟
قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ سىرتتىكى ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر ئۇلار ئۈچۇن ھازىر بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ سىرتقى ئامىللارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئاستىدا ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، ئۈمىد بىلەن يېڭى خىزمەتنى قولىغا ئېلىپ، نەتىجىدە ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ئۇ خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ. قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىمەي داۋاملىق خىزمەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار. 
تەقدىر: قابىلىيەتلىك كىشىلەر نېمە ئۈچۈن داۋاملىك قۇربانلىق قىلىنىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟                                               
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، قابىلىيەتلىك كىشىلەر ھەمىشە قىزغىنلىق بىلەن خىزمىتىنى باشلاپ>>> دادىللىق بىلەن پىلان-لايىھە كۆرسىتىپ>>> ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەتكە بېرىلىپ>>> ئاقىۋەتتە ئويلىغانلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالماي، توختىماي ئاغرىنىپ>>> ھەر تەرەپكە قاتىراپ>>> گەپ سۆز بىلەن زەربە بېرىپ>>> ئاخىرىدا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىپ>>> قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ-دە، شىركەتتىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىدۇ، بەزىلەر تېخى شۇ شىركەتكە زېيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىركەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، باشتا ئۇ كىشىلەرگە ئىشىنىپ>>> زور ئۈمىد باغلاپ>>> مۈشكۈل ۋەزىپە تاپشۇرۇپ>>> ئۆز كۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىنى كۆرۈپ>>> شىركەتكە بولغان نارازىلىق گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ>>> ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى، رەھبەرلەرگە بولغان نارازىلىقىنى، كوللېكتىپتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى، پۈتكۈل تەشكىل بىلەن بولغان زىددىيىتىنى، تەشكىلگە قارشىلىق كۆرسىتىشىنى كۆرۈپ>>> ئامالسىزلىقتىن ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.                             
خوجايىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، قابىل كىشىلەرگە بولغان پوزىتسىيە دەسلەپكى زوقلىنىشتىن باشلىنىپ>>> ئۇلارنى قوللاپ>>> ئارامسىزلىق ھېس قېلىپ>>> ئاغرىنىپ>>> ئۈمىدسىزلىنىپ>>> ھەتتا ئاخىرىدا زىددىيەت بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئاخىرىدا كوللېكتىپ بىلەن قابىل كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، خوجايىن ئىككىلەنمەستىن، قابىل كىشىلەردىن ۋاز كېچىپ، كوللېكتىپنى تاللايدۇ. قابىلىيەتلىك كىشىلەر تەشكىل مەنپەئەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.  
                            
مەسلىھەت: قابىلىيەتلىك كىشىلەر قانداق قىلغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىيالايدۇ؟ 
شۇڭا قابىل كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، مەيلى قانداق بىر تەشكىلگە ئەزا بولۇڭ، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى، ئەقىل پاراسىتىڭىزنى نامايەن قىلىشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ:
بىرىنچى، ئۆزىڭىزنى قوغداڭ. جەڭ مەيدانى ئىچىدە تۇرۇپ تىركىشىڭ. ئاسانلا سەكرەپ چىقىپ ھۇجۇم قىلماي، غايىب، يوشۇرۇن، سۇيقەستلىك ئوقتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ئىككىنچىدىن، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. مەيلى تۆۋەن دەرىجىلىك، تەڭ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بولسۇن پەقەت پىكىر ئالماشتۇرغاندىلا، كۆپچىلىك ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ. چۈشىنىش بولغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىك قوللاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ قوللىشىسىز، پەقەت خوجايىننىڭ سىز ئۈچۈن ھازىرلاپ بەرگەن سەھنىسىدە يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل ئوينىسىڭىز بۇ ھەرگىزمۇ ئۇزاققا داۋاملاشمايدۇ. چۈنكى خوجايىن ھەر قانداق ۋاقىتتا سىزنى سەھنىدىن چۈشۈرىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، يالغۇز تىركىشىش ھېچ قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي قالماستىن يەنە بەك خەتەرلىك بولىدۇ.
ئۈچىنچى، رىتىملىق تەدرىجىي ئىلگىرلەڭ. ھەرگىزمۇ ئەمدىلا بىر شىركەتكە بېرىپ ئالدىراقسانلىق بىلەن ئاقىلانە پىكىر كۆرسەتمەڭ. سىز ئۈچۈن ئاقىلانە بولغان پىكىر بەلكىم باشقىلار ئۈچۈن ئادەتتىكى پاراڭ ياكى چاقچاق ۋە ياكى مەلۇم بىر مۇھىم ئەربابنىڭ جاراھىتى  بولۇشى مۇمكىن. خىزمەتتە تۆھپە كۆرسىتىشكە تېخىمۇ ئالدىرماسلىقىڭىز، سەۋرچانلىق بىلەن ئوبدان كۆزىتىپ، ئاساسىي ماھارەتنى ياخشى ئىگەللەپ، ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۆھپە كۆرسىتىشىڭىز، تەجرىبە توپلىشىڭىز كېرەك. باشقىلارنىڭ پۇرسىتىنى تارتىۋېلىش ياكى پۇرسەت يارىتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى، بۇنداق پۇرسەت ئاستىدا ياراتقان نەتىجە مۇكەممەل بولمايدۇ. ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويۇش، مەقسەتكە يەتمەي تۇرۇپ ئۆزىدە بار بولغاندىن ئايرىلىپ قېلىش مانا مۇشۇنداق كېلىپ چىققان. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى