ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا قايسى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟

«ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا قايسى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟

ۋاقتى: 2014-01-16 ئاۋاتلىقى: 361 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا قايسى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلارغا «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوشۇلدى:

ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئىسمى، ئادرىسى ۋە قانۇنى ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى، ئەمگەكچىنىڭ ئىسمى، ئادرىسى ۋە ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىق ماددىلار قوشۇلدى. بۇ مەزمۇنلار ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى، ئەمگەك توختامىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

 

خىزمەت ئورنى ماددىسى قوشۇلدى. سەۋەبى ئەمەلىيەتتە ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ئورنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادرىسى بىلەن بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمگەك توختامىدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش زۆرۈر.

 

خىزمەت ۋاقتى ۋە ئارام ئېلىش دەم ئېلىش ۋاقتى ماددىسى قوشۇلدى. سەۋەبى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ئاساسىدا، بۇ ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ئارام ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇش.


ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ماددىسى قوشۇلدى. «كەسپى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»دا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، خىزمەت جەريانىدا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن بولغان كەسپى كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى، كەسپى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە تەمىنات قاتارلىقلارنى ئەمگەكچىگە ئەينەن ئېيتىشى، ھەم ئەمگەك توختامىدا ئېنىق يېزىشى كېرەك، يوشۇرۇشقا ياكى ئالداشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا قوشۇلغان كەسپى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر ماددىسى «كەسپى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ يۇقىرىدىكى ماددىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا باغلانغان.


ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا سېلىشتۇرغاندا ئاجىز، ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندا ئەمگەكچىگە بېرىلىدىغان ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەش، تاللاش ئېلىپ بېرىش بوشلۇقى ناھايىتى كىچىك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»غا قوشۇلغان زۆرۈر ماددىلارنىڭ مەزمۇنى ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى