ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟

ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 487 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى 2347 تۈركۈمدە 58 مىڭ توننا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، قىممىتى 74 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ 2011-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %126.98، %56.27، %148.44 كۆپ. بۇ ئىدارە بۇلتۇر 433 تۈركۈم ئىمپورت ئىمپورت يېمەكلىكنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 56 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12.9 بولغان.
بىر مەزگىل چەت ئەلگە چوقۇندۇق، كەينىدىن چەت ئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا چوقۇندۇق، نۇرغۇنلىرىمىز تا بۈگۈنگىچە چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن يېمەكلىكلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك، ئەلا سۈپەتلىك، ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە، بۇ خىل چوقۇنۇش ئەۋجىگە چىقىپ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەتتا چوڭ تاللا بازارىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلىدىغان بولدى. 
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ-چوڭ تاللا بازارىرىدا ئىمپورت يېمەكلىكلەر خېلى زور سالماقنى ئىگىلەشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان چوڭ-كىچىك دۇكانلار كەينى-كەينىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.



يېقىندا مۇخبىر «غالىبىيەت» يولى، «ئىتتىپاق» يولى، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كەينى-كەينىدىن ئېچىلغان ئون نەچچە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىققان. بۇ دۇكانلاردا ئەتىر، چاچ سوپۇنى، بەدەن سوپۇنى، چىش پاستىسى، ھەر خىل تازىلىق بويۇملىرى قاتارلىق ئىمپورت بويۇملار قىسمەن سالماقنى ئىگىلىگەندىن سىرت، ئىمپورت يېمەكلىكلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەسەل، پېرەنىك، بوۋاقلار سۈت تالقىنى، زەيتۇن يېغى، مېۋە ئىچىملىكلەر، چاي، قەھۋە، قايماق، سارماي، ناۋات، زەپە، شاكىلات، كەمپۈت، پىستە، بادام، خورما ھەمدە ھەر خىل تەييار چۆپلەردىن تارتىپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك تېتىتقۇلىرىغۇچە بار ئىدى. بۇ مەھسۇلاتلار، ئاساسلىقى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، مالايسىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغاندى سىرت، يەنە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسارىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىرىلانكا، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان، سىنگاپۇر، تايلاند قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتتىن كىرگۈزۈلگەنىدى. 
ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان «ھەرەمباغ» ئاستانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە ئېچىلغان، كۆلىمى 500 كىۋادىرات مېتىرلىق «بەگ» ئىمپورت تاللا بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى مەمەتجان ئابدۇرۇھېم مۇنداق دەيدۇ: دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم يېمەكلىكلەردە ئارقا-ئارقىدىن سۈپەت مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈشى، كىشىلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىمپورت يېمەكلىكلەر تاللا بازارىرىنىڭ بەس-بەستە ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى «ئىتتىپاق» يولىدىكى 200 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئارىلىقتا «ئىخۋان»، «ئىشتىھا»، «ھايات»، «شىپانۇر» قاتارلىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن ئالتىسى ئېچىلغان ئىدى. «غالىبىيەت» يولىدىمۇ «مەھمۇت چايلىرى»، «مۇھسىن»، «ئېدىل»، «ئوسمانىيە» قاتارلىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن باشقا، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى «دوستلۇق» سودا سارىيى تاللا بازىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان ئىدى. 
مۇخبىر ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىنى ئارىلاش جەريانىدا، بەزى مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغانلىقىنى، بەزى مەھسۇلاتلارغا ھېچقانداق خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانمىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا ئۆزلىرى تەييارلىغان چۈشەنۈرۈش قوللانمىسى يانداشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن. ھەمدە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق يوللار بىلەن دۇكانغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قىزىقىپ، دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلاشقان. 
مەمەتجان ئابدۇرۇھېم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: تاللا بازىرىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىگە خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغان، ئۆزىمىز چەت ئەلگە چىققاندا ئالغاچ كەلگەن بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ بازارغا سېلىپ باقتۇق. شۇڭا بۇ مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلىمىغان بولساقمۇ، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى تەييارلاپ قويدۇق.
«ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى قانداق يوللار بىلەن كىرگۈزىلەر؟» دېگەن سوئالغا، «ئېدىل» ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنىڭ ئايال خوجايىنى مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن، كۆپ قىسمىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن كىرگۈزىمىز.»
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە بۇلتۇر 433 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىكىنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 56 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12.9 بولغان. مىكرو ئورگانىزىملار، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، ئېغىر مېتاللار، نىترىدلار، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، سۇ، ئورۇ قاتارلىقلاردا لاياقەتسىزلىك كۆرۈلگەن، خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلاشتا بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان. ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك ۋە تازىلىق جەھەتتە لاياقەتسىز چىققان يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
شىنجاڭ پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىكى ماھىرەنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ پىرىيوم-كارانتىن تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە  لاياقەتلىك بولغان يېمەكلىكلەر ئورۇسىغا ئۆلچەملىك خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش چاپلىنىدىكەن، ئۇنىڭدا يېمەكلىكنىڭ نامى، تەركىبى، ساپ ئېغىرلىقى ۋە مىقدارى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىشلەپچىقىرىلغان دۆلەت ياكى رايون، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىت، ساقلاش شارائىتى ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىقلار چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى پورتلاردا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن يېمەكلىكلەر جەمئىي 32 توننىغا يەتكەن. بۇ يېمەكلىكلەر، ئاساسلىقى، ئىسپرتلىق ئىچىملىك، پىرەنىك، تورت، شاكىلات، ئىچىملىك، قەنت-گزەكلەرگە، شۇنداقلا، دۆلىتىمىز كىرگۈزۈشنى چەكلىگەن سۈتلۈك يېمەكلىكلەر، پىششىق گۆش، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ ئىدارە شىنجاڭ پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پىرىيوم-كارانتىن تارماقلىرى پورتلاردىكى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇىدىكەن، سودا-سانائەت مەمۇىرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوبورت ھالقىلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن، قانۇنسىز چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوبورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىكەن. بۇ يىل 1-مارت بىر قىسىم ئىمپورت يېمەكلىكلىرى سودىگەرلىرى بىلەن شىنجاڭ پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئوبورت ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئاسانلاشقان.
مۇخبىر ئىمپورت يېمەكلىك دۇكانلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئىمپورت يېمەكلىكلەردىمۇ قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇقلا ئىشەنچىلىك، بىخەتەر دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا ئىستېمالچىلار ئىمپرورت يېمەكلىكلەرنى بىر قەدەر مۇنتىزىم تاللا بازىرى ۋە دۇكانلاردىن سېتىۋېلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى