ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

FAB پايدىلىق سېتىش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟

FAB پايدىلىق سېتىش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-05-22 ئاۋاتلىقى: 433 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

FAB ئۇسۇلى دېگىنىمىز مال ساتقۇچىنىڭ خېرىدارغا مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەھلىل قىلىپ كۆرسىتىشتىكى ياخشى ئۇسۇل. FAB سېتىشتىكى بايان قىلىش دېگىنىمىز مالنى تونۇشتۇرۇش، سېتىشتىكى لايىھە (مال كىرگۈزۈشتىكى لايىھە)، سېتىشتىكى ئىنچىكە ھالقىلار قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا خېىرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا قاراتمىلىق ۋە نىشانلىق ھالدا قەدەممۇ قەدەم قايىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
F دېگىنىمىز خۇسۇسىيىتى ياكى ئۈنۈمى (Feature ياكى Fact) نى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيىتى بار، مەسىلەن «ئۈنۈمى ئوخشاش بولغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئۇ ئەڭ يېنىك بولغان ئېلېكتر ماتور بولۇپ، ئارانلا 10 قاداق كېلىدۇ.»
A دېگىنىمىز ئارتۇقچىلىقى ياكى ئەۋزەللىكى (advantage) نى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۆزى بىلەن رىقابەتچىسىنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار، مەسىلەن «ئۇ ئىنتايىن يېنىك، شۇڭلاشقا ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق.»
B دېگىنىمىز خېرىدارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ۋە قىممىتى(benefit) يەنى بۇ ئەۋزەللىكنىڭ خېرىدارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى، مەسىلەن «سىزنىڭ خېرىدارىڭىزنىڭ رېمونت قىلىش ئورۇنلىرىغا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى مۇلازىمەتچىلىرىمىز ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك رېمونت قىلىش ئەسۋابلىرى بىلەن سىزگە ياردەم قىلىدۇ. » شۇڭلاشقا FAB نىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خېرىدارلارنىڭ سېتىۋىلىشتىكى ئويلىشىدىغان تەرەپلىرىدۇر.


 FABنىڭ مەنىسى بولسا تاۋارنى تونۇشتۇرۇپ سېتىش جەريانىدا تاۋارنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكىنى، ئارتۇقچىلىقىنى شۇنداقلا تاۋارنىڭ خېرىدارغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم لوگىكىلىق تەرتىپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
FAB ئۇسۇلى دېگىنىمىز بىر مەھسۇلاتنى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ، خاتىرىلەپ ۋە ئۇنى رەتلەپ مال تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ، خېرىدارلار ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، سودىدىكى كېلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خېرىدارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەنپەئەت نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ئاساسەن، بىز نىشان قىلغان مەنپەئەت بىلەن خېرىدار كۆزلىگەن مەنپەئەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تەھلىل قىلمايلا قارىغۇلارچە يۆتكەپ كېلىشكە بولمايدۇ.

ئۇنداقتا،  FABنىڭ كونكىرت ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ قېنى بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىگە قاراڭ!
#p#

ئالاھىدىلىكى ئارتۇقچىلىقى پايدىسى
بۇ نېمە؟ بۇ نېمە قىلالايدۇ؟ بۇ  خېرىدارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
چۈنكى... شۇڭلاشقا... سىزگە نىسبەتەن...
ئۆزگىچە ئۈچ تەرەپلىمە لايىھەلىنىشى چىشنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئاسرايدۇ. تازىلاش تەس بولغان تەرەپلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلايدۇ.
چوتكا تۈكى جىق باشقا چىش چوتكىلىرىدىن %25 يۇمشاق چىش مېلىكىنى ئاسراپ، چىشنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
چوتكا تۈكى بىلەن چىشنىڭ يۈزى تەبىئىي 45 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ Bass چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىغا چۈشىدۇ. چىش دېغىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدۇ.
پۈرمىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن. چىش ئارىلىقىنىڭ كەڭ تارلىقىغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. ھەممە چىشنى ياخشى تازىلايدۇ.
قوش ئېلاستىكىلىق تۇتقۇچ سېپىلىق چىش چوتكىلىغاندا كۈچنى مۇۋاپىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. بەك كۈچەپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
تىلنى قىرغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن تىلدىكى ئاشنىڭ قالدۇقلىرىنى، تىل گەزلىرىنى تازىلايدۇ. ئېغىزدىكى غەيرى پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.
 
 

















مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دېگەندە، «بۇ نېمە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشىمىز كېرەك. ئادەتتە مال تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا پەقەت ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۈپەتلىسەك، بۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، چۈنكى سېتىۋالغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شۇ مەھسۇلات ئېلىپ كەلگەن پايدا، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ياخشى سۈپىتى ياكى چىرايلىق ئورالمىسى بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇنىڭ ئېقتىدارى قانداق ھەم قانداق پايدا ئېلىپ كىلەلەيدۇ؟ شۇڭلاشقا سىز چوقۇم سېتىۋالغۇچى ئېھتىياجلىق بولغان مۇناسىۋەتلىك ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇنازىرە قىلىشىڭىز كېرەك، بۇ دەل مەسىلىنىڭ نېگىزى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى