ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--ئالىم ئەھەت

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--ئالىم ئەھەت

ۋاقتى: 2015-11-15 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، يۇمشاق دېتىل ئېنژىنىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئالىي لىكتور، «كومپيۇتېر يۇمشاق دىتال كەسپى»دە ماگىستېر ئاسپىرانت، «قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپى»دە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ئاﻟﯩﻢ ئەھﻪﺕ 1974-ﻳﯩﻠﻰ 6-ئاﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ئاﻗﺴﯘ ﺷﺎﻳﺎﺭ ناھىيەسىدە ﺗﯘﻏﯘلغان. 1980-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ 1-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ 1-ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ئوقۇغان. 1991-ﻳﯩﻠﻰ 7-ئاﻳﺪﺍ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىغا ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ئاﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئەﻻ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ ھېسابلاش ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ قىلىنغان. ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ئاﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ئاكىسى ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮىشكەن. ئاكىسى ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺕ 1989-ﻳﯩﻠﻰ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىدا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ئەﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ئۆﺯ ئاﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، شارائىت ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ بېرىپ، ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ئاﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ Apple ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. (ئىزاھات: ياسىن ئەھەت ھازىر ئامېرىكىدا ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ئوﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، دىيارىمىزدا بىرەر ئىش قىلغۇسى بار.)
ئالىم ئەھەت ھەپتە ئاخىرى ئاكىسىنىڭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ كومپيۇتېر قاتارلىق ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ قالىدۇ. ياسىن ئەھەت ئۇنىڭغا BASIC ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎشلايدۇ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎئەﺕ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ 2-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ پىروگرامما ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮيىدۇ. ئالىم ئەھەت ئۆزىدىكى ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ئاﺯ-ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪنلىك سەۋەبىدىن، ﺑﯘ پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ چۈشىنىۋالىدۇ ھەم ئۆزى ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ھەر ﺧﯩﻞ ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﭖ باقىدۇ. ﺑﯘ 1991-ﻳﯩﻠﻰ 10-ئاﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
#p#
1993-ﻳﯩﻠﻰ 3-ئاﻳﺪﺍ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاﭼﻘﺎندا ئالىم ئەھەت ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ تىزىملىتىدۇ، ھەمدە MS-DOS  ﯞﻩ C ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىسى ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانى ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺳﻮئاﻝ-ﺳﻮﺭﺍﭖ ئاﯞﺍﺭﻩ قىلىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللا ھوشۇر ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮ ئاﺳﭙﺮﺍﻧﺖ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ھوﺷﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ئاﻳﺪﺍ، ئالىم ئەھەت 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ 286 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮىشىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللادىن ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ئۆگىنىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانىڭ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺩﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ قىلىدۇ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯘﺭﺳﺎﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ سۆزلەيدۇ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ 1994-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانى ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالىم ئەھەت ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 150 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ قالىدۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺖ رەھبەرلىرى ئۇنى ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ، "ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﯕﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﭗ، ھەتتا ﻛﯘﺭﺱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺴﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئەﯞﻩﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ قىلغىن"-دەيدۇ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ، ئالىم ئەھەت ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ سالاھىيىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺎئەت ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ (北京理工大学) ﻏﺎ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ئەۋەتىلىدۇ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ئاﺳﺴﯧﻤﺒﯩﻞ ﺗﯩﻠﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ پۈرﯨﻨﺴﯩﺴﭙﻰ، Windows مۇھىتىدا پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ،... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ كېلىدۇ. ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ماقالىسىغا "ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰىيەدە ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ پۈتتۈرىدۇ. ﺑﯘ ﯞﯦﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﻪﺕ ئاﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ماقالىسىگە ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ئاﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ئاﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ئىبراھىم ﺧﺎﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ باھا بېرىدۇ. ﺑﯘ ئۇنىڭغا ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﻮلىدۇ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﯗﺱ ئوقۇشىنى ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، 1996-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ (ھازىرقى ﻧﺎﻣﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ) ﺩﺍ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ قىلىۋاتىدۇ.
#p#
ئالىم ئەھەت ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ھاياتىنى ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ﺑﻮﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆگىنىدۇ. 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ئوﻗﯘﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ئۆﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ئۆﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭىدۇ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ تەربىيەلىنىپ ﯞﻩ ﭘﯘﺧﺘﺎ ئاساس سالىدۇ. ئالىم ئەھەت ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ساھەسىگە كىرگەن.

ئالىم ئەھەت 1998-يىلى 6-ئايدا، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇرسوفت-ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت-كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت-لۇغەت» قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ چىققان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قوللىنىشچان ئەمەلىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرغان.  ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال بازىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رادىيو-تېلېۋىزىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ تىللىق رادىيو ئاڭلىتىش يۇمشاق دىتالى، ATM (ئاپتوبانكا) پۇل ئېلىش ماشىنىسى سىستېمىسى، سىفىرلىق تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچ سىستېمىسى... قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرگەن. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 
2008-يىلى 11-ئايدا 4-نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگە 10 مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى