ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بايلار ۋە نامراتلار

بايلار ۋە نامراتلار

ۋاقتى: 2016-10-29 ئاۋاتلىقى: 935 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. نامراتلار تاماق يېيىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، بايلار كۈچ توپلاش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ.

2. نامراتلار مەسئۇلىيەتنى يۈك دەپ تونۇيدۇ، بايلار مەسئۇلىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ بىلىدۇ.

3. نامراتلار ئازراق ئۈمىد بولمىسا قول ئۈزىدۇ، بايلار ئازراق ئۈمىد بولسىلا كۈرەشكە تەييارلىنىدۇ.

4. نامراتلار پۇرسەتنى ساقلايدۇ، بايلار پۇرسەتنى يارىتىدۇ.

5. نامراتلار ئەنئەنىنى قالقان قىلىدۇ، بايلار ئادەتنى بۇزۇشقا ئۇرىنىدۇ.

6. نامراتلار نامراتلىقىدىن خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولىدۇ، بايلار يەنە بايلىق ئۈچۈن تەلپۈنىدۇ.
 

7. نامراتلار قۇدۇق قېزىشنى ياقتۇرىدۇ، بايلار توختىماي يول ياسايدۇ.

8. نامراتلار پۇل تېپىشتا ئاز- كۆپلۈكىگە قارايدۇ، بايلار پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلىغا قارايدۇ.

#p#分页标题#e#9. نامراتلار پۇل تېپىشتا ئۆلۈم يولىنى تاللايدۇ، بايلار پۇل تېپىشتا ھاياتلىقنى چوڭ بىلىدۇ.

10. نامراتلار تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش كويىدا بولىدۇ، بايلار تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

11. نامراتلار دوغا تىككىنىدە ئۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بايلار قانۇنىيەتنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

12. نامراتلار تىجارەتنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ، بايلار تىجارەت ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ.

13. نامراتلار پۇرسەتنى ئۇن تارتىدىغان تۈگمەن تېشى قىلىۋالىدۇ، بايلار پۇرسەتنى قاشتېشىغا ئايلاندۇرىدۇ.

14. نامراتلار بىر ساھەدە ئىشلەپ ئۇستا بولۇپ چېكىنىدۇ، بايلار بىر ساھەدە ئىشلەپ تونۇپ يېتىپلا چېكىنىدۇ.

15. نامراتلار باشقىلارنىڭ مېلىغا قارا سانايدۇ، بايلار باشقىلارنىڭ باي بولۇش يولىغا قارا سانايدۇ.

16. نامراتلار پۇل ئۈچۈن جان بېرىدۇ، بايلار پۇل تېپىش ئۈچۈن.

17. نامراتلار كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بايلار كۈرەش قىلىش كويىدىلا يۈرىدۇ.

18. نامراتلار بىر خاتالاشسا بىر ئۆمۈر ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ، بايلار بىر خاتالاشسا بىر مەزگىل ۋاز كېچىدۇ.#p#分页标题#e#

19. نامراتلار بىر مەغلۇپ بولسا ھوشىغا كېلەلمەيدۇ، بايلار مەغلۇپ بولغانسېرى يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ.

20. نامراتلار مازاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بايلار ئىسپاتلاشنى ئاساس قىلىدۇ.

21. نامراتلار بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشنى بىلىدۇ، بايلار ئۇرۇن ئالماشتۇرۇشنى بىلىدۇ.

22. نامراتلار مال - مۈلكى توغرىسىدا ھېساب كىتاب قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى توغرىسىدا ھېساب - كىتاب قىلىدۇ.

23. نامراتلار مەغلۇپ بولغاندا مەغلۇپ بولۇشنىڭ باھانىسى توغرىلىق ئىزدىنىدۇ، بايلار مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئىزدىنىدۇ.

24. نامرات پۇل تاپسا جەمئىيەتتە جىنايەت كۆپىيىدۇ، بايلار پۇل تاپسا جەمئىيەتتە جىنايەت ئازىيىدۇ.

25. نامراتلار باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىنى تاللايدۇ، بايلار باشقۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ.

26. نامراتلار باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن توغرا - خاتاغا ھۆكۈم قىلىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن توغرا - خاتانى ئىسپاتلايدۇ.

27. نامراتلار نامراتلار بىلەن دوست بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، بايلارنىڭ نامرات دوستى بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى