ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئائىلىڭىزدىكىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىڭ

ئائىلىڭىزدىكىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىڭ

ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 348 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ» بۇ يەردە!

 

 ئائىلىڭىزدىكىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىڭ

 

كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۆزىگە يات كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغانچىلىكمۇ مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئاغرىنىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەلدىم. جىق ئادەملەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇلارغا تەتۈر قاراپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاقمۇ سالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىنىڭ دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى ياكى يات كىشىلەرگىمۇ يەتمەيۋاتقانلىقىنى چۆچۈگەن ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بايقىماقتا. ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ياكى ئۇلارغا ياخشى بولۇشنىڭ يات كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ قىيىن بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ جىق ئادەملەر بايقىماقتا.


ئەگەر بۇ مەسىلىگە خاتىمە بەرسىڭىز، ئائىلە تۇرمۇشىڭىز تىنچ، خاتىرجەم بولىدۇ، بىزنىڭ ئائىلە كىشىلىرىمىز بىزگە راستتىنلا يات كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىز ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ناچار تەرەپلىرىگە قارايمىز، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ناچار تەرەپلىرىمىزگە قارايدۇ. ئەمما، بىز بىر – بىرىمىزنى پىششىق بىلگەچكە، بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئىنتايىن خاتىرجەم بولىمىز، ئۆزىمىزنى قوغداش نىيىتىدە بولمايمىز، پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىپ قېلىشتىن ئەنسىرمەيمىز، بەزى دائىمىي ئادەتلىرىمىزمۇ بىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر رەنجىپ قالساق، خاپىلىق تارتساق ياكى مەيۈسلىنىپ قالساق، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىزنى ياخشى كۆرمەي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلمايمىز.
كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىزنى ئەڭ يامان ئىشلاردىن توسۇپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ بىگۇناھ ئادەت ئەمەلىيەتتىمۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن. ئائىلىمىزدىكىلەر بىز بىلەن بىللە بولغاندا پەخەس بولۇش ھاجەتسىز، مۇتلەق ئازادە تۇرىمىز. بىزنىڭ ئارتۇقچىلىق – يېتەرسىزلىكلىرىمىز ئۇلارغا بەش قولدەك ئايان. ئۇلارمۇ بىزنىڭ خۇي – پەيلىمىزنى تامامەن بىلىدۇ، بىزنىڭ بۇ ئىشلار ئۈچۈن كاج تالاش قىلغىنىمىزدىن، ئۇلارغا رەھمەت – ھەشقاللا ئېيتىپ گېپىنى ئاڭلىغىنىمىز ياخشى. ئومۇمەن، ئائىلىدە بىز ئۆزىمىزنى سورايمىز، ئائىلىدىكىلەر بىزگە كۆيۈنىدۇ.



ئەمەلىيەتتە بالىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكىمىزنى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرىدۇ. مەن بەزىدە بالىلىرىم بىلەن كاج تالىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئاندا – ساندا دەرس ئۆتۈشكە ياكى لېكسىيە سۆزلەشكە باراتتىم. بىر قېتىم ئۆيدىن چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا چوڭ قىزىم تەنە قىلىپ: «دادا! سىز تېخى خەققە ئۆزىنى قانداق ئازادە تۇتۇشنى ئۆگىتەمسىز؟ ھىم!» دەپ قويدى. ئەمما، ئۇ ھەقىقەتەن دەل جايىدا گەپ قىلغانىدى.


كۆڭۈلدىكى بۇ تۈگۈنچەكنى يېشىۋېتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش — ھەممە ئائىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىش. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ھەممسى ياخشى ئىش، ئۇ بىزگە تېخىمۇ كەمتەر بولۇشنى ئۆگىتىپلا قالماي، ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، بىر يات ئادەم يېتەرسىزلىكىڭىزنى ئايالىڭىز ياكى بالىڭىزغا ئوخشاش كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، غېمىڭىزنى يېمەيدۇ. پەقەت رېئاللىقنى قوبۇل قىلسىڭىزلا، بۇنىڭ ئائىلىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىڭىزلا، ئۇنىڭدىكى يۇمۇرلۇق ۋە گۇناھسىزلىقنى ئوچۇق كۆرەلەيسىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.


شۇڭا، ئازادە بولۇڭ! ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئاز – تولا پۇرسەت بېرىڭ. بىرمەھەللىك مۈشكۈل ئەھۋالىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئۇلار سىزگە يەنىلا ئامراق. ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىنكى سوۋغات بولۇپ، تىكەنلىك ئەتىرگۈلگە ئوخشايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى