ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى ئەمگەك قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى ئەمگەك قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى ئەمگەك قانۇنىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

 

دېلو مىسالى

 

مەلۇم ئايال بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى، 2009-يىل 5-ئايدا، ھامىلدار بولۇپ قالغان بۇ ئايال مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا بىر ئاي قالغاندا، شىركەتكە ئارام ئېلىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، شىركەت بولسا مەھەللە باشقارمىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بۇ ئايالنىڭ «ئارتۇق تۇغقان»لىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، رۇخسەت بەرمەيدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ئايال يەنە بىر قېتىم ئىككى ئاي ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوز ئىسپاتى بولمىغاچقا، شىركەت يەنە بىر قېتىم رەت قىلىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن، بۇ ئايال بالىسىنى تۇغىدۇ، تۇغۇتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىركەتنىڭ تۇغۇتىدىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنى تىزىمدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال سوتقا ئەرز سۇنىدۇ.

 

ئېنىقلا ھامىلدار بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق، ئىككىنچى بالىسى بولغاچقا، شىركەتكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرمىگەن، ئۇنداقتا شىركەتنىڭ بۇنداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟

 

قانۇن ئانالىزى

 

بۇ دېلو مىسالى شىركەت ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولغان ئايال ئىشچىنىڭ توختامىنى بىكار قىلالامدۇ يوق دېگەن ئەمگەك ماجراسى. بۇ ماجرانىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ھامىلدار بولغان ئايال ئىشچى «ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، لېكىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچى يەنىلا ئەمگەك قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ دېگەن مەسىلە. شۇڭا، بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسلىقى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال ئىشچىنىڭ «ئەمگەك قانۇنى»، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى.

 

بىرىنچىدىن، ئايال خىزمەتچى «ئۈچ ۋاقىت»(يەنى ھامىلدارلىق ۋاقتى، تۇغۇت ۋاقتى ۋە ئېمىتىش ۋاقتى) ئىچىدە، دۆلەت قانۇن، نىزاملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە قوغداش بەلگىلىمىلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. لېكىن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت سىياسىتى، شۇنداقلا ھەربىر پۇقرانىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى. شۇڭا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان ئايال ئىشچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەك، پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلمىغان ئايال خىزمەتچىنىڭ قىلمىشى قانۇنسىز. بۇنىڭغا قارىتا، «ئايال خىزمەتچىلەرنى ئەمگەكتە قوغداش قانۇنى»نىڭ ئون بەشىنچى ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئايال خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنى ئەمگەكتە قوغداش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىجىرىشى كېرەك، بۇ بەلگىلىمە قوللىنىلمايدۇ»؛ ئەسلىدىكى ئەمگەك مىنىستىرلىكى ئىشخانىسىمنىڭ «خىزمەتچىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەمگەك ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت قوشۇمچە ھۆججەت»تىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مۇنداق بەلگىلىمە بار:«بۇ خىل ئەمگەك ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەمگەك قانۇن، نىزاملىرىغا ئاساسلانغاندىن سىرت، يەنە دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئالاقىدار قانۇن، قائىدىلىرى ۋە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرنىمۇ ئاساس قىلىش كېرەك». بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغان ئايال خىزمەتچىگە ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئايال خىزمەتچىلەرنى قوغدايدىغان بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تەدبىقلاش كېرەك، ئەگەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بولمىسا، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قائىدە-تۈزۈملەرنى تەدبىقلاش كېرەك.


 

ئىككىنچىدىن، يەرلىك قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت بەلگىلىمىلىرىگە قاراپ باقايلى، مەسىلەن «بېجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»نىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«بۇ نىزامنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇنلار، قانۇن بويىچە جەمئىيەت بېقىش ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك»؛ قىرىقىنچى ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئورگان، ئىجتىمائىي كوللېكتىپ،  كارخانا كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ نىزامنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنتلىك بولسا، خىزمەتچى تەۋە بولغان ئورگان مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى قوللىنىدۇ؛ تۇغۇتىدىكى ياتاقتا يېتىش خىراجىتى ۋە داۋالاش خىراجىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، تۇغۇپ دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە مائاش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتلىرى توختىتىلىدۇ». شاڭخەي، گۇاڭدۇڭلارنىڭمۇ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بار. شۇڭا، بۇ يەرلەردىكى كارخانا كەسپىي تەشكىلاتلار بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان خىزمەتچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، يەنى پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغان خىزمەتچى تۇغۇت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ. ئەگەر يەرلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت بەلگىلىمىسى بولمىسا، كارخانا ئۆزى تۈزگەن قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن كارخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىدە:«خىزمەتچىلەر ئاڭلىق ھالدا پىلاتلىق تۇغۇت دۆلەت سىياسىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، پىلانلىق تۇغۇت دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلسا، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، بۇ بەلگىلىمە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنغا زىت كەلمەيدۇ، شۇڭا قانۇنلۇق ھەم كۈچكە ئىگە بولىدۇ، كارخانىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان خىزمەتچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسى بولالايدۇ.

 

ئۈچىنچىدىن، ئەگەر كارخانىنىڭ بۇ تۈردىكى قائىدە-تۈزۈملىرى بولمىسا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئايال خىزمەتچى، ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئارام ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئادەتتە شەخسىي ئىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىشى كېرەك، شەخسىي ئىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان مەزگىلدە مائاش بېرىلمەيدۇ. مۇشۇ دېلودىكى ئايالنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان. بۇ ئايال «دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوز ئىسپاتى»نى تاپشۇرمىغان، ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىككى ئاي ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، شىركەتنىڭ تەستىقلىمىغىنى ئورۇنلۇق. بۇ ئايالنىڭ رۇخسەت ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارام ئېلىشى ئىش تاشلىغانلىق قىلمىشىغا كىرىدۇ. بۇ ئايال ئۇدا 3 كۈندىن ئوشۇق ئىش تاشلاپ، شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا شىركەتنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشى «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، سوتنىڭ بۇ شىركەتنىڭ بۇ ئايال بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشى مۇۋاپىق دەپ ھۆكۈم قىلىشى خاتا ئەمەس.

 

قوشۇمچە قىلىپ دەپ قوياي، كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى كارخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۈزگەن ۋاقىتتا، ئەمگەك قانۇن، نىزاملىرى ۋە يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ ئايال خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە قوغداشقا ئائىت  بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندىن سىرت، يەنە مۇشۇ ئورگاندىكى ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە كارخانىنىڭ تىجارەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ قائىدە-تۈزۈمدە «ئۈچ ۋاقىت» ئىچىدىكى ئايال خىزمەتچىلەرگە بولغان مۇۋاپىق قوغداش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە شۇنداقلا «ئادەمنى ئاساس قىلىش» قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى