ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

9. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش

9. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش

ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 722 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


9. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش

1. قوشۇۋېتىش شەكلى

شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش قوبۇل قىلىپ قوشۇۋېتىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

بىر شىركەت باشقا شىركەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ قوبۇل قىلىپ قوشۇۋېتىش بولىدۇ، قوبۇل قىلىنغان شىركەت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق شىركەت قوشۇلۇپ بىر يېڭى شىركەتنى قۇرغان بولسا، بۇ يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇۋېتىش بولىدۇ. قوشۇۋېتىلگەن ھەرقايسى تەرەپلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ.

2. قوشۇۋېتىش ۋە ئايرىشىنىڭ تەرتىپى

شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىشتا، شىركەتنىڭ پايچىلار ئۇيۇشمىسى قارار چىقىرىشى كېرەك.

شىركەتلەرنى قوشۇۋەتكەندە، قوشۇۋېتىلگەن ھەرقايسى تەرەپلەر قوشۇۋېتىش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە مال-مۈلۈك قەرز سېلىقى جەدۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. شىركەتلەر قوشۇۋېتىش قارارىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان بېرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالالمىغانلىرى بىرىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە شىركەتتىن قەرزنى تۆلەشتىن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، قەرزنى تۆلىمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلىمىگەن شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ. شىركەتلەرنى قوشۇۋەتكەندە قوشۇۋېتىلگەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى شىركەت ياكى يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدۇ.


شىركەتلەرنى ئايرىغاندا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىمۇ مۇناسىپ ھالدا بۆلۈنىدۇ. شىركەت ئايرىلغاندا مال-مۈلۈكلەرنى قەرز سېلىقى جەدىۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شىركەت ئايرىش قارارىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىت يۈزىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان بېرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالالمىغانلار 1-قېتىملىق ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە شىركەتتىن قەرزنى تۆلەشتىن تەلەپ قىلىشقا ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قەرزنى تۆلىمىگەن ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلىمىگەن شىركەتلەرنى ئايرىشقا بولمايدۇ. شىركەتنى ئايرىشتىن بۇرۇنقى قەرزلەرنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئايرىلغاندىن كېيىنكى شىركەتلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. 

3. تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ كۆپەيتىلىشى ياكى ئازايتىلىشى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى كۆپەيتكەندە، پايچىلار يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كاپىتالغا مەبلەغ قوشماقچى بولسا، «شىركەت قانۇنى» بويىچە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشغا دائىر بەلگىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.

شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتىشقا توغرا كەلسە، مال-مۈلۈك قەرز سېلىقى جەدۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شىركەت تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى ئازايتىش قارارىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە 30 كۈنى ئىچىدە گېزىت يۈزىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئېلان بېرىش كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغانلار 1-قېتىملىق ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە شىركەتتىن قەرزنى تۆلەشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتقاندىن كېيىنكى تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەكتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.


4. قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش، ئۆزگەرتىپ تىزىملاش ياكى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش 

شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىشتا، تىزىملاش ئىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلار قانۇن بويىچە شىركەتلەرنى تىزىملاش ئورگانلىرىغا بېرىپ ئۆزگەرتىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك؛ شىركەتلەرنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغانلار قانۇن بويىچە شىركەتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەك. يېڭى شىركەت قۇرماقچى بولغانلار قانۇن بويىچە شىركەت قۇرۇشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى