ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ۋە يۈز تۇرانە ئىمتاھاننى باشقۇرۇش قورالى

خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ۋە يۈز تۇرانە ئىمتاھاننى باشقۇرۇش قورالى

ۋاقتى: 2016-01-27 ئاۋاتلىقى: 394 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھۆددىسىدىن چىقىش ساپا  مودېلى
1973-يىلى McClelland  "ئەقىلنى ئەمەس  ھۆدىدىسىدىن چىقىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆلچەش" دېگەن  ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك  خادىملار  ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتېرىياللاردىن  خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخسىي شارائىت ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى بىۋاسىتە تېپىپ چىقتى، كېيىنچە بۇ شارائىت ۋە ئالاھىدىلىكلەر ھۆدىدىسىدىن چىقىش ساپاسى دەپ ئاتالدى.
پىسخىكىلىق سىناق ئۇسۇلى
پىسخىكىلىق سىناق بولسا  بىر قاتار ئۇسۇللار ئارقىلىق ئادەمنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى سانلىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق  خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلى سەۋىيەسى ۋە خاسلىق پەرقىنى  مۆلچەرلەيدىغان  بىر خىل ئىلمىي سىناق ئۇسۇلى
يازما ئىمتىھان
يازما ئىمتىھان بولسا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بىلەن قارمۇ–قارشى بولغان بىر خىل سىناق بولۇپ،  خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەلۇمات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم قورال. بۇ خىل ئۇسۇل خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي بىلىمى، كەسپىي بىلىمى، باشقۇرۇش بىلىمى، ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ۋە  يېزىقچە ئىپادىلەش قابىلىيىتى قاتارلىق  ساپالىرىنى ۋە تالانتلىق پەرقىنى ئۈنۈملۈك ئۆلچىيەلەيدۇ.
بېسىم يۈز تۇرانە ئىمتىھانى(压力面试)
بېسىم (Stress Interview) بولسا مەقسەتلىك ھالدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ خىزمەت بېسىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.  يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ئېلىپ بارغۇچىلار  قوپال، ئەدەپسىز سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنى بىئارام قىلىدۇ، مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىگە قارىتا سوئاللارنى ياغدۇرۇپ ، يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگۈدەك دەرىجىگە ئەكەلدۈرىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، بېسىم ئالدىدىكى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك  مۇناسىۋەت ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت.
قىلمىش  ھادىسىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى
" قىلمىش ھادىسىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى"  (Behavioral Event Interview)  بولسا  ئېچىۋېتىلگەن قىلمىشنى ئەسلەش تىپىدىكى  ئىزدەش تېخنىكىسى  بولۇپ، ھۆدىدىن چىقىش ئالاھىدىلىكىنى ئېچىشتىكى مۇھىم قورال.   بۇ John C. Flanagan نىڭ ھالقىلىق ھادىسىلەر  ئۇسۇلى (Critical Incident Technique,CIT) بىلەن  ئاساسىي تېما ئاپپېرسېپسىيە سىنىقى (Thematic Apperception Test,TAT)نى بىرلەشتۈرگەن  زىيارەت شەكلى بولۇپ، ئاساسلىق جەريانى بولسا زىيارەت قىلىنغۇچىنى ئۆتۈپ كەتكەن يېرىم يىل (ياكى بىر يىل ) دا  ئۇ ھەممىدىن بەك ئۇتۇقلۇق(ياكى مەغلۇبىيەت )  ھېس قىلغان  ھالقىلىق ئىشلارنى  ئەسلەشنى سوراشتىن ئىبارەت.
قۇرۇلمىلاشقان يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئۇسۇلى 
ئۆلچەملەشكەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان يەنە قۇرۇلمىلاشقان يۈز تۇرانە ئىمتىھان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چېتىشلىق مەزمۇنلار ، سوئاللارغا نومۇر قويۇش ئۆلچىمى، نومۇر قويۇش ئۇسۇلى، نومۇر قاتارلىقلارنى لاھىيەلەش  شۇنداقلا  قېلىپلاشتۇرۇش  ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق  قاتناشقۇچىغا  سىستېمىلىق يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا  خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ  خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىكى ۋە  مەزكۇر ئورۇندىكى خىزمەتكە ماسلىشالايدىغان –ماسلىشالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە  خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئالدىن تونۇشتۇرۇپ، كارخانا ئوبراز تەشۋىقاتى  ئېلىپ بېرىش.
ھۆججەت سېۋىتى سىناق ئۇسۇلى 
ھۆججەت سېۋىتى سىناق ئۇسۇلى يەنە ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ  سىناق قىلىنغۇچىنىڭ مەلۇم بىر رولنى تەقلىد قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە  ئالدىدىكى بىر قاتار ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر  خەت، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا، تېلېفون خاتىرىسى ،  دوكلات جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
رەھبەرسىز كىچىك گۇرۇپپىدا تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
رەھبەرسىز كىچىك گۇرۇپپىدا تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى(Leaderless Group Discussion)مەركىزى تېخنىكىنى باھالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سىناپ باھالاش تېخنىكىسى بولۇپ، كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ  ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارغا  كوللېكتىپ  يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ  بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم ساندىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىنى بىر گۇرۇپپا (6 دىن 9 غىچە ئادەم )قىلىپ تەشكىللەش ئارقىلىق، بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەھلىل ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەھلىل جەريانىدا  ھېچكىمنى رەھبەر قىلىپ تەيىنلىمەيدۇ، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇش ئورنىمۇ بەلگىلەنمەيدۇ ، قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى گۇرۇپپا تەشكىللەيدۇ،  باھالىغۇچىلار  قاتناشقۇچىلارنىڭ  تەشكىللەش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئېغىزچە ئىپادىلەش قابىلىيىتى،  مۇنازىرىدىكى قايىل قىلىش كۈچى قاتارلىق  ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدار ۋە ساپاسىنىڭ خىزمەت ئورنى تەلىپىگە يېتىدىغان-يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش دەرىجىسى ، ئىنتىلىشچانلىقى، كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىقى، ئىنكاسىنىڭ جانلىقلىقى قاتارلىق خارەكتېر ئالاھىدىلىكىنىڭ  خىزمەت ئورنىدىكى  قوشۇن مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان –كەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ سىناق قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق  ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى  پەرققە  ئۇنىۋېرسال باھا  بېرىدۇ.
ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش 
ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش بولسا  مەزكۇر ئورۇندا بەلگىلەنگەن  تەرتىپ  بويىچە  ئاشكارا تىزىملىتىش  ئىمتىھان بېرىش، تەكشۈرۈش  ئارقىلىق  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنغۇچىلارنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپتە رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش
مەكتەپتە رىقابەتلەشتۈرۈپ تەكلىپ قىلىش (Campus Recruitment) بولسا بىر خىل ئالاھىدە  سىرتقى قىسىمدا  خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يولى بولۇپ، تار مەنىدىن ئېيتقاندا  خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى تەشكىل (كارخانا قاتارلىق) نىڭ مەكتەپلەردىن  بىۋاسىتە  ھەر قايسى قاتلامدىكى مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا،  خىزمەتچى قوبۇ ل قىلغۇچى تەشكىل (كارخانا قاتارلىق) نىڭ  ھەر خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى قاتلامدىكى مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوۋلاش خارەكتېرىدىكى تەكلىپ قىلىش
"ئوۋلاش"  ئىختىساسلىقلارنى ئوۋلاشنى،  يەنى بايقاش، ئىز قوغلاش، باھالاش، تاللاش ۋە  يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.   بۇ  دۆلەت سىرتىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان  ئىختىساس ئىگىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بىر ئۇسۇلدۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى