ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەپ غەلىبە قىلىشتىكى 25 ئالتۇن نىزام

ئىگىلىك تىكلەپ غەلىبە قىلىشتىكى 25 ئالتۇن نىزام

ۋاقتى: 2015-10-08 ئاۋاتلىقى: 834 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەشكە قەيسەرلىك كېرەك، ئۇ ئاجىزلارغا ماس كەلمەيدۇ
ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى قەلبىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىش چۈشىنى ساقلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزىمۇ ئويلاپ يەتمىگەن ھايات-ماماتلىق سەپىرىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، قانچە ئىككىلەنگەنسېرى شۇنچە بىخۇدلىشىپ قالىدۇ، ھالبۇكى قەلبىدىكى ئىرادىسى ئۆزى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە كەسكىن بولىدۇ. دۇچ كېلىدىغان سىناق بولسا شۇ ئېگىز پەس جەرياندىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقىنى يېڭىشتۇر.
شىركەت قۇرۇش دەسلەپكى ھاياجانلىنىش ۋە خۇشاللىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەمدىلا قۇرۇلغان بىر شىركەت ھەقىقىي شەپقەتسىز ئەمەلىيەتكە دۇچ كېلىدۇ: بۇ بىر گۇمانغا تولغان دۇنيا. ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە چوقۇم ھەر خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشنى شۇنداقلا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە كۆڭۈل قويۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ھالقىسى بولسا، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىگىلىك تىلىگەندىن كېيىن، سىز يېتەرلىك مەبلەغ بىلەن شىركەتنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز.
پۇل تېپىش ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئەمەس، ئەڭ ئاخىرقى نىشان بولسا ئەلا بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى يارىتىش. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سەۋەبىدىن توختاپ قالىدۇ، بىراق يەنىلا شۇنداق ئىگىلىك تىكلەشكە قايناق ھېسسىيات بىلەن تولغان كىشىلەر يەنىلا قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىدۇ.
قايسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى سۆيمەيدۇ؟ دەل مۇشۇ خىزمىتىنى سۆيۈش، قىزغىنلىقى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشكە ھەمراھ بولىدۇ. بۇ بىر لوگىكىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىش، خام خىيال قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدۇر.
ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، ئىشلارنىڭ پىلانلاپ قويغاندەك تەرەققىي قىلىشى ناتايىن، ئۇ دائىم ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. 
ئىگىلىك تىكلەش سەپىرى خەتەرگە تولغان، بىراق خەتەر بولغان بىلەن ئۇنى توغرا مۆلچەرلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەشتىن ئاۋۋال دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قاراپ بېقىڭ.
#p#
1. مۇنەۋۋەر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقىش
ھەر قانداق دەسلەپكى قۇرۇلغان شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ. بۇ كوللېكتىپ چوقۇم ئەلا ئىقتىدار ۋە بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇشى كېرەك.
بىر چوڭ كوللېكتىپ ئىمكانقەدەر ھەر خىل كەسىپ جەھەتتىكى بىلىمدىن خەۋەردار بولۇشى، ئاز بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆزى تەۋە بولغان ساھەدىكى كەسپىي بىلىمگە پىششىق بولۇشى كېرەك.
ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىش بولسا بىر قىزغىنلىقغا تولغان خىزمەت كوللېكتىپىنى تېپىپ ئۇلارغا قوشۇلۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ قىينچىلىقتا قالغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇشۇنداق بىر ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولغان كوللېكتىپ كەم بولسا بولمايدۇ.
خىزمەت قىزغىنلىقىنى باشقىلارغا يۇقتۇرغىلى بولىدۇ، بىر ھورۇن پاسسىپ ئادەم ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
 
2. كەسىپ تۈرى بىلەن پىششىق تونۇشۇش
ئۇلۇغۋار ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كارخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:
1) ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى
2) شىركەت نىشانى
3) شىركەت كەلگۈسى تەرەققىياتى
4) كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىنچكە ھالقىلار
5) كوللېكتىپ
#p#
3. ئىگىلىك تىكلەپ قۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش
دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىجرا قىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك.
سىز تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت چوقۇم خاسلىققا ئىگە بولۇشى، پەقەت بىر ئوخشاش سۈپەتلىك نۇسخىلانغان مەھسۇلات بولماستىن، بەلكى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك، مۇشۇ نۇقتىغا يېتىش ئۈچۈن، تەپسىلىي بولغان ئىجرا قىلىش پىلانى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەمدىلا قۇرۇلغان شىركەت شىددەتلىك رىقابەت ئالدىدا، ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئاۋۋال تۆۋەندىكى مەسىلىگە جاۋاپ تېپىپ چىقىشى زۆرۈر:
1) سىز تەمىنلەيدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت زادى نېمە؟ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى قەيەردە؟
2) سىزنىڭ خېرىدارىڭىز كىم؟ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى نېمە؟
3) سىزنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان بازار قانچىلىك؟ زور بولۇپ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىيالامدۇ ياكى پەقەتلا يەرلىك بىلەن چەكلىنەمدۇ؟
4) سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ قۇرىدىغان شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىيات پىلانى قانداق؟
5) مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا چېتىلىدىغان مەبلەغ قانچىلىك؟
#p#
4. رىقابەتچىنى مۆلچەرلەش
سىز پەقەتلا ئاددى قىلىپ مەھسۇلاتىڭىز قانچىلىك ئالاھىدە، قانداق ئالاھىدىلىكى بار دېگەنلەرنى تونۇشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. كەسكىن رىقابەتچى ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك رىقابەت ئىقتىدارى بار، سىز بۇنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىشىشىڭىز كېرەك.
ئوي-خىيالىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئاۋۋال، رىقابەتچىڭىزنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ. پەرقنىڭ زارى قەيەردە ئىكەنلىكىنى چوقۇم چۈشىنىش كېرەك.
تەھلىل قىلىپ بېقىڭ، ھازىرقى بازاردا ساقلانغان رىقابەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مۇشۇ بازارغا ئىچكىرىلەپ كىرىشتە يەنە قانچىلىك ئېھتىماللىق بار؟
ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەمەلىيەتتىكى ئارزۇسى بىلەن ئىجادىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ-كىچىكلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ چوڭ دەرىجىدە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتە ئىجادىيەت يارىتىش كېرەك، بۇنداق بولغان ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
 
5. ئۆزىڭىزدىكى مەنمەنلىكنى تاشلاڭ
بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، باشقىلاردىن ياردەم ئىزدەپ، ئۆزىنى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈشى، شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك.
ئەڭ ياخشى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئادەتتە ئەڭ ياخشى بولغان ئىجادىيەتنى قوبۇل قىلالايدۇ، شۇنداقلا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچى باشقىلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ ئۆزىنى مەركەز قىلماسلىقى، كارخانىلارغا ماس بولغان كۆڭلى كۆكسى كەڭ نەزەر دائىرىسى چەكسىزلىككە تولغان، باشقىلارنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرىنى ئاڭلاپ كېرەكلىك بولغانلىرىنى قوللىنالايدىغان بولۇش كېرەك.
مەنمەنلىك بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ۋە غەلىبە قىلىش بىر-بىرىگە قارىشى، كىمنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئىجادىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش.
#p#
6. سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىش
سەمىمىيەت بىر شىركەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلى، ئەگەر ئۇل تېشى ھالقىسىدا ئاجىز بولۇپ قالسا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشى قىيىن بولۇپ قالىدۇ.
سەمىمىيەت گەپ-سۆز بىلەن ھەرىكەت بىردەك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ماركا تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى. كۆز ئالدىدىكى بارلىق تەسىر قىلغۇچ ئامىل ۋە باشقا ماركىغا دىققەت قىلىش، ماركا بولسا سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنى بىردەك قىلىپ مۇلازىمەت قىلغاننىڭ نەتىجىسى، بۇ يەنە خېرىدارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ماركىغا ئامراق بولۇشىنىڭ سەۋەبى.
 
7. ئەمگەك كۆپ خىل بولۇش
خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ئاساسىدا، ئوخشاش بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە خىزمەتچىنى ئىشلىتىش، ئوخشاش مەدەنىيەت ۋە ئوخشاش ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە خىزمەتچىنى ئىشلەتكەندىن كۆپ ياخشى.
ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە، ئوخشاش بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە خىزمەتچى كوللېكتىپنىڭ ئىجادىيەتچانلىقنى رەڭدار قىلىدۇ. ھەربىر يەككە شەخس مۇشۇ كوللېكتىپ ئۈچۈن يېڭى بولغان گېن ئېلىپ كېلىپ، شىركەت ئۈچۈن يېڭى قىممەت يارىتىدۇ.
 
8. يادرولۇق كوللېكتىپنىڭ سۈپىتى
مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىۋاسىتە شىركەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مول بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە شۇنداقلا ئىگىلىكى مول بولغان تەجرىبە ساۋاق، پىششىق بولغان ئىقتىدارى شىركەت ئۈچۈن چىقارغان كۆرسەتمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىركەتكە بىۋاسىتە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇلۇغۋار شىركەتلەردە ئاز بولمىغان ئۇلۇغۋار يېتەكلىگۈچى بولىدۇ. ئۇلار مۇدىرىيەت ئەزالىرى، مەسلىھەت بەرگۈچى، يەنە تېخنىك ئۇستىسى قاتارلىق تالانتلىق كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.
بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىز كوللېكتىپتىكى مۇشۇنداق يادرولۇق خادىملارغا ئېھتىياجلىق بولىسىز.
#p#
9. ئىجادىيەتنى تەكشۈرۈش
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلەشتە، سىز چوقۇم سودا پىلانى ئارقىلىق ئىجادىيەتكە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ. ئىجادىيەت، لايىھە، مەھسۇلات ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىز دۇچ كېلىدىغان سىناق، ھالبۇكى ئەڭ قىيىن بولغىنى ئەڭ ئاخىرقى سېتىش باسقۇچى.
كۆپلىگەن تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دائىم ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ: مۇشۇ مەھسۇلاتقا كىم ئەڭ ئېھتىياجلىق؟ باشقىلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزغا قىزىقامدۇ؟ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازىرى بارمۇ؟ قانداق قىلىپ مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ؟
ھەرىكەتلىنىشتىن ئىلگىرى، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرىنى ئاڭلاڭ. بازار تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ئارقىلىق كېيىنكى بازارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرىكەتلىنشىتن ئاۋۋال، پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتىنى سىناپ بېقىش زۆرۈر. 
 
10. مەبلەغ مەنبەسى
مەيلى ماي باكىدا قانچىلىك ماي بولسۇن، ھامان ماي قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشمۇ ئوخشاش. ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم ئىشلىتىدىغان مەبلەغنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىق مەبلەغ كېتىدىغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا مەبلەغگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش لازىم.
شىركەتنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەندە، مەبلەغگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ھالبۇكى ئەڭ ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى تاللاش شىركەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ ۋاقىتتا، سىز ھەرخىل شەكلىدىكى مەبلەغ توپلاش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىسىز، مەسىلەن دوستلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئۆزىگە مەبلەغ سېلىش، VC مەبلەغ سېلىش، بانكىدىن قەرز ئېلىش ۋە IPO قاتالىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىز كېرەكلىك بولغان مەبلەغگە ئېرىشەلەيسىز.
#p#
11. يېڭىلىق يارىتىش، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش
ھەر قانداق بىر مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئادەتتىكىچە بولۇپ قالسا ھېچقانداق چىقىش يولى بولمايدۇ، ئىلغار بولغان سۈپەت ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا مۇھتاج. پەقەت بەزى ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ئالاھىدە مەھسۇلات ئاندىن كەسكىن بازار رىقابىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بەزى يېڭى يولنى سىناپ كۆرۈپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقىمىغان مەھسۇلاتنى ئېچىپ چىقسا بولىدۇ. بىر كارخانىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ: خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ياكى بولمىسا يېڭىدىن ئېھتىياج يارىتىش.
بىزگە تونۇشلۇق بولغان iPod بولسا بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھالبۇكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بولسا يەنە بىر يېڭى يول ئارقىلىق خېرىدار ئېھتىياجىنى رازى قىلىشنىڭ مىسالى.
 
12. ماس كېلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش
بىر ئەمدىلا قۇرۇلغان كارخانا دەسلەپكى كوللېكتىپ ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. دەسلەپكى كارخانا پەقەت ئۆزلىكىدىن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغانلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ئەڭ مۇھىم خىزمەتكە قويۇش، ھەرگىزمۇ ئىختىساسلىقلار ساپاسى ئۈستىدە بىخۇدلۇق قىلماسلىق كېرەك.
ئىلغار مۇتەخەسسىسلەرنى تېپىپ، ئۇلارغا ھوقۇق ۋە سەھنە بېرىپ، ئۇلارنى شىركەتنى تىزگىنلەشكە قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش..
كوللېكتىپ قۇرۇش --- بىر نەپەس بىرلىكتە ھەمكارلاشقان كارخانا مۇھىتى يارىتىش، كىشىلەر بىرلىكتە ھەمكارلاشقان مۇھىت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ.
#p#
13. پىلاندىن چېكىنىپ چىقىشنى تەشكىللەش
 كۆپلىگەن كىشىلەر چېكىنىپ چىقىش تاللىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاران تەستە قۇرۇغان شىركەتنى سېتىۋېتىپ ياكى باشقا ھەر قانداق ئۇسسۇلدىكى چېكىنىپ چىقىش ئۇسۇلىنى چۈشەنمەيدۇ.
چېكىنىپ چىقىشنى پىلانلىغاندىن كېيىنكى يول ناھايىتى مۇھىم. ئەڭ ئومۇميۈزلۈك سېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلى باشقا شىركەت ياكى مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش ياكى سېتىۋېلىنىش.
يەنە باشقا كارخانا بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈش ياكى IPO ئۇسۇلى بىلەن چېكىنىپ چىقىش.
 
14. تەننەرخ، مالىيە يۈرۈشتۈرۈش
كارخانا تەننەرخى قانچىلىك؟ مالىيە چىقىمى قانداق باشقۇرۇلىدۇ؟ 
ئىگىلىك تىكلەش باشلانغاندا، ئاۋۋال مالىيە، بوغالتىر قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتنى ياخشى چۈشىنىش، مالىيە چىقىمىنى تەرتىپكە سېلىش، بۇ شىركەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولۇپمۇ تېخنىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مالىيەنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ.
بىراق، مەبلەغ، مالىيە بولغان چۈشەنچىسى بولمىغاندا، شىركەت يۈرگۈزۈلۈشى قالايمىقانلىشىدۇ.
15. پاي ئايرىلغان شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقى
ئاۋۋال كارخانا پاي مەسىلىسىنى چۈشىنىپ باقايلى.
دەسلەپكى قۇرۇلغان كارخانا مەيلى قايسى ۋاقىتتىكى باشلىنىش مەزگىلى بولسۇن، چوقۇم ئالدىن پاي مەسىلىسىنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك.
كۆپلىگەن كارخانىنىڭ مەغلۇب بولۇشى زور دەرىجىدە پاي ھوقۇقىنى تولۇق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
#p#
قۇرغۇچى كىشى ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرى چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنىڭ پاي ھوقۇقى بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكى نىسبەتكە ئۇيغۇن كەلگەن بولىدۇ:
قۇرغۇچى| مۇدىرىيەت ئەزالىرى| باشقۇرۇش قاتلىمى: %34
خەتەر: %33
خىزمەتچى: %34
 
16. ئېنىق بولمىغان ئامىللارنى قوبۇل قىلىش
دەسلەپكى قۇرۇلغان كارخانىنىڭ تەرەققىيات يولىنى مۆلچەرلەش قىيىن. قۇرغۇچى كوللېكتىپنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر خىل سىناقلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئالاھىدە مەزگىلدىن ئۆتۈش.
سىز دۇچ كېلىدىغان مەسىلە بولسا تېخنىكا مەسىلىسى، مالىيە مەبلەغ مەسىلىسى، مەھسۇلات مەغلۇب بولۇش، ئىچكى جەھەتتىن توقۇنۇش پەيدا بولۇش، تەبئىي ئاپەت ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھەر قانداق مەسىلىدە بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا بىر پۈتۈن مەغلۇبىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.
 
17. خاتالىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش
ھەر بىر ئادەم مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىپ باققان، ئەمەلىيەتتە، خىزمەت جەريانىدا خاتالىقتىن ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خاتالىق خىزمەتنىڭ بىر قىسىمى.
مەغلۇبىيەت ھەرگىزمۇ بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خەتەردىن قورقماي، خاتالىقنى تونۇشقا جۈرئەت قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
#p#
18. جىددىيلىك ھېسسىياتىنى ساقلاش
ۋاقىت مىنۇت سېكۇنتتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تېخىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي شىركەت مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. بىلىشىڭىز كېرەككى، دۇنيادا بىكارچىلىقتىن باشقا نەرسە يوق، سىزنىڭ شىركىتىڭىزمۇ ئاشۇ بىكارچىلىق نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئۇنداق تەلەيلىك ئەمەس. شۇڭا تەلەي سىنىماڭ.  
ئەگەر ئىسراپ قىلغان ئاشۇ ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر سىكۇنت ۋاقىتتا سىز كۈچەپ تىرىشىدىغان بولسىڭىز غەلىبىگە تېخىمۇ يېقىنلىشالايسىز.
 
19. قانۇن بىلەن تونۇشۇش
پىلانلاش مەزگىلىدە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلىملىرىنى رەتلەپ، تونۇشۇپ چىقىڭ ھەمدە قايسى ۋاقىتتا قايسى قانۇن بىلىمىنى ئىشلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.
 
20. يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىڭ
شۇنچە تالانتلىق ئېدىسون لامپۇچكىنى 25 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان.
ئۇلۇغۋار ئىجادىيەت ھەرگىزمۇ دەرھاللا سىناق قىلىنىپ غەلىبە قىلىنغان ئەمەس، ئۇ دائىم بىر مەزگىللىك ۋاقىت ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا مۇھتاج. بۇ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ۋە قەيسەرلىك بىلەن مەھسۇلات ئىسلاھات قىلىشقا ئېھتىياجلىق.
يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ سىناپ كۆرۈڭ. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كارخانا ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالغا قالسا، ئۇنداقتا شىركەت يەنە ئىزچىل باشقا يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
#p#
21. ماركا تىكلەش
ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى تىكلەپ چىقىشى كېرەك. ماركا تىكلەش تۆت باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ، ماركا تونۇش، بۇ جەرياندا، خېرىدار تونۇماسلىقتىن سىزنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ماركا سۈپىتى، يەنى خېرىدارنىڭ سىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىڭىزگە ئىشەنچ قىلىشى؛ ماركا يادىغا كەلتۈرۈش، يەنى خېرىدارنىڭ ماركىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى، يەنە يېقىنلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ماركا ئىخلاسمەنلىكى، يەنى خېرىدارنىڭ سىزنىڭ ماركىڭىزنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشى ۋە تەۋسىيە قىلىشى.
 
22. خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى قىسقارتىش
ئالاقە شىركەتنىڭ قوشۇمچە مەبلىغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى كوللېكتىپ يۇقىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغاندا، ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزە پەيدا بولىدۇ، لېكىن پەقەت بەزى بىر كىچىك بولغان ئالاقە مەسىلىسى كۆرۈلگەندە بولسا، بەزى چوڭ ئىشلارغا دەخلى قىلىشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىنىڭ يېقىنلىشىشى قانداق؟ ئەگەر خىزمەتچى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا ناھايىتى يىراق بولسا، ئۇنداقتا كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇ ئالاقە مەسىلىسىدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ-دە، ئەڭ ئاخىرىدا قارار چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كوللېكتىپ ئالاقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنى بولسا ئىجادىيەتنى ئەڭ ئاخىرىدا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇش.
 
23. كارخانىدا نۇرغۇنلىغان ئادەم قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك
كارخانا بىر ياخشى بولغان قۇرۇلمىغا مۇھتاج، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىشىغا پايدىلىق. ئىگىلىك تىكلەپ شىركەت قۇرغۇچى شىركەتتىن ئايرىلغاندا، كارخانا چوقۇم يەنىلا ياخشى بولغان ئورگان قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ ئىلغارلارنى تاللاپ ئونىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى كېرەك. لېكىن بىر ئادەمگە ھەددىدىن زىيادە يېلىنىش شىركەتنى ھەرگىزمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەيدۇ.
#p#
24. توغرا بولغان باھا ئىستراتېگىيەسى
مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت مەبلەغ مەسىلىسى ناھايىتى باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە. كۆپلىگەن كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسى شىركەت مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ياكى ئاز بولۇش سەۋەبىدىن مەغلۇب بولىدۇ.
توغرا بولغان باھا بېكىتىشتىن ئىلگىرى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت تەننەرخى ۋە بارلىق باشقا سەرپىياتىنى تەھلىل قىلىپ چىقىپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش، مۇلازىمەت جەھەتتىكى ۋاقىتنى سىتاستىكىلاپ چىقىش قاتارلىقلار.
بىر توغرا بولغان باھا بېكىتىش مۇشۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ غەلىبە قىلىش قىلالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.
 
25. جانلىقلىقنى ساقلاش
ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىر قىيا ئالدىدا تۇرغاندەك بولىدۇ، يەنى بۇ بىر خەتەرگە تولغان جاي.
كۆپلىگەن ئىگىلىك تىككۈچىلەر ناھايىتى تىرىشىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمەلىيەت ناھايىتى رەزىل بولىدۇ، سىز مۇشۇ ئىگىلىك تىكلەش دېگەن دېڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئېتىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئۆزىڭىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن مەن مۇشۇ بېسىم ۋە زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيمەنمۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمىدىم؟ دېگەننى سوراپ كۆرۈشىڭىز كېرەك.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى، كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشلاشنى بىلىپ، ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان.
غەلىبە قىلغانلار بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىجادىيەتنى بايقاپ پىلاننى ئىنچكىلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلىنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئىلگىرىلەيدۇ.
سىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ مەلۇم بىر مۇھىم ۋاقىتقا كەلگەندە، ئەڭ مۇھىم ئىش بەرداشلىق بېرىش، پەقەت بەرداشلىق بەرگەندىلا ئوڭۇشىسزلىقنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى