ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر نەچچە خىل زايوم ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى

بىر نەچچە خىل زايوم ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-09-19 ئاۋاتلىقى: 1193 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان باھالىق چەك بولۇپ، زايومغا مەبلەغ سېلىش نۆۋەتتە ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىدۇر، ئۇ ھۆكۈمەت ئىناۋىتى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل پۇل مۇئامىلە قورالى. ھازىر تارقىتىلىۋاتقان زايوملار دوكۇمېنتلىق زايوم، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ۋە پۇل ئامانەت زايومى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايوم بىلەن ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنىڭ تارقىتىلىش ئۇسۇلى، ئوبوروت قىلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىلىش ۋە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بار.

دوكۇمېنتلىق زايومنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايومغا زايوم سېتىۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىسمى يېزىلىدۇ ۋە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئوبوروت قىلغىلى بولمايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار زايوم سېتىۋالغاندىن كېيىن، زايومنى جىددىي نەقلەشتۈرىدىغان بولۇپ قالسا، شۇ زايومنى سېتىۋالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشىۋالسا بولىدۇ. زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە، زايومنىڭ دىرىنى ئالغاندىن سىرت، زايومنىڭ قەرەلى يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسا، ئەمەلىي كۈن سانى ۋە مۇناسىپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دوكۇمېنتلىق زايوم مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇقىم ئۈنۈم بېرەلەيدۇ، دوكۇمېنتلىق زايوم سېتىۋالغۇچىلار زايومغا ئۆسۈم ھېسابلاپ بېرىشتىكى كونكرېت بەلگىلىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالسا، تارقىتىلىش مۇددىتىدە ھېسابلاپ بېرىلمەيدۇ، يېرىم يىل ئىچىدە بولسا ئوخشاش قەرەلدىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالسا، ئالغان دىرىنىڭ ‰1 بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. شۇڭا دوكۇمېنتلىق زايوم مەبلىغىنى ئۇزاق مۇددەتكىچە ئىشلەتمەيدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم مەبلىغىنى ئامانەت قويۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە ئىشلىتىشنى ئويلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.


ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى تارقىتىدىغان، بانكا ياكى ئاكسىيە شىركەتلىرى سېتىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا ھېساب خاتىرىلەش ئۇسۇلى بويىچە خاتىرىلەشكە ھوقۇق بېرىلىدىغان، شۇنداقلا ئاكسىيە بېرژاسىدا بازارغا سېلىپ سودا قىلىدىغان، خاراكتېرى پاي چېكىگە ئوخشايدىغان زايوم. ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنى ئەركىن ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ، ئۇنى ئاكسىيە بېرژاسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بازىرىدا ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ، ئوبوروت قىلىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش دوكۇمېنتلىق زايومدىن تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، دوكۇمېنتلىق زايومغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ئۈچ يىل ئىچىدە مەبلەغ سېلىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى بىلەن ئوبوروتچانلىقى دوكۇمېنتلىق زايومنىڭكىدىن ياخشى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياش مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇچۇر ۋە بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ياشلارنىڭ سېتىۋېلىپ مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. زايومنىڭ ئۆسۈمى يىللىق تاپاۋەتكە كىرگۈزۈلمەيدۇ. زايومغا مەبلەغ سېلىشتا مالىيە مىنىستىرلىقى چىقارغان زايوم تارقىتىش ۋە زايوم سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك.

پۇل ئامانەت زايومى پۇل ئامانەت قويۇش تۈرى سۈپىتىدە تارقىتىلىدىغان، ئېلېكتىرونلۇق شەكلىدە ھەقدارلىق خاتىرىلىنىدىغان ئوبوروت قىلغىلى بولمايدىغان زايوم، بۇنداق زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكىلى بولىدۇ. 2012–يىلى 10–نويابىردىن 19–نويابىرغىچە مالىيە مىنىستىرلىقى 2012–يىللىق 13– ۋە 14– قارارلىق ئېلېكتىرونلۇق پۇل ئامانەت زايومى تارقاتتى. بۇ قېتىملىق پۇل ئامانەت زايومى تور بانكىسىدا سېتىلدى. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى ۋە گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئالتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئېلېكتىرونلۇق پۇل ئامانەت زايومىنى تور بانكىسىدا سېتىشنى سىناق قىلغاندىن بۇيان، تور بانكىسىدا پۇل ئامانەت زايومى سېتىۋېلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى. ئەمما پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى ۋە تېخنىكىلىق ئامىللار تور بانكىسىدا زايوم سېتىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. توردا زايوم سېتىۋېلىش مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ئىلگىرى بانكىلار مالىيە تارماقلىرىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە سىرتقا زايوم ساتقاندا مۇئامىلىدارلار بانكىلارنىڭ تىجارەت زالىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ زايوم سېتىۋالاتتى. زايومنى تور بانكىسىدا سېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مەبلەغ سالغۇچىلار تور بانكا كەسپىنى ئېچىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ زايوم سېتىۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىردى، بانكىغا بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن قۇتۇلدى.


پۇل ئامانەت زايومى تارقىتىش مۇددىتى ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ تور بانكىسىغا چىقىپ، ‹‹توردا زايوم سېتىۋېلىش›› دېگەن خەتنى چېكىپ، ئېلېكتىرون شەكلىدىكى ‹‹پۇل ئامانەت زايومى›› دېگەن ئىستونغا كىرىپ، زايوم سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ھېساب ئېچىش ۋە زايوم سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئېلېكتىرون شەكلىدىكى ئامانەت پۇل زايومىنىڭ ئۆسۈمىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئالغىلى بولىدىغانلىقتىن، ئۇ قەرەللىك ئامانەتكە قارىغاندا يەنىلا مۇئەييەن ئەۋزەللىككە ئىگە.

نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچى تور بانكىسىغا چىقىپ زايوم سېتىۋېلىش بىخەتەر ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە تور بانكىسىغا چىقىپ زايوم سېتىۋېلىشتا خېيىم-خەتەرنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئەمما تور بانكىسى بىلەن ئۇلانمىغان كۆزنەك، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق يوللار بىلەن تەمىنلىگەن بانكا تور بېكەتلىرىنى خالىغانچە چېكىپ، توزاق تورغا كىرىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. تور بانكا، يان تېلېفون بانكىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ياخشى ساقلاش كېرەك، مەخپىي نومۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلغاندا مەخپىي نومۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى