ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ باشقۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىشى

ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ باشقۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىشى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 475 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ قىممىتى» بۇ يەردە!

 

 ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنىڭ باشقۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىشى


ماسلوۋ ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى تۆۋەندىكىدەك بەش قاتلامغا بۆلگەن: فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، ئىجتىمائىي ئېھتىياج (دوستلۇق ۋە تەۋەلىك ئېھتىياجى)، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى، ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسىنى ئىشلىتىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوخشىمىغان تەشكىلاتتا ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا باشقۇرغۇچى دائىم ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىقلاپ تۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
 
ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش


Douglas T Hall بىلەن Khalil Nougaim بەش يىل مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنىدىغانلىقى توغرىلىق يېتەرلىك ئىسپات تاپالمىغان.   


ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قەدەممۇ-قەدەم ئازىيىشقا يۈزلەنگەن، تەۋەلىك ئېھتىياجى، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ۋە ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجى كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن. يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياجنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشى تۆۋەن دەرىجىلىك ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئېھتىياج قاتلاملارغا بۆلۈنمەيدۇ. مەسىلەن جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىش دېگەندەك پەس ئارزۇ-ھەۋەس فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى پىرېزىدېنت، CEO، دۇنيا بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلاردىمۇ ئۇچرىتالايمىز.


ئېھتىياجنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈش نەزەرىيەسى پەقەتلا ئېھتىياجنىڭ ئىقتىساد نەزەرىيەسىگە يېپىلغان «ئىلمىيلىك» تونىدىن ئىبارەت.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى