ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پىروگرامما ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات

پىروگرامما ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات

ۋاقتى: 2015-12-18 ئاۋاتلىقى: 831 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىمىھالىڭىز ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئىسىم–فامىلەم ئابلەتجان ئىسمايىل، 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كورلىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتۇمدا ئوقۇدۇم. 2002–يىلى 7–ئايدا بايىنغولىن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا باشلىغان، ھازىر يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىدە پىروگرامما لايىھەلەشتە ئىقتىدارى بار بىر تۈركۈم ياشلارنى تەشكىللەپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش، يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. 
بىلىشىمىزچە سىز ئىلگىرى بارخان يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرغان ئىكەنسىز، بۇ شىركەت ۋە شۇ چاغدىكى ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەن بولسىڭىز.
بارخان شىركىتىنى 2005-يىلى 5-ئايدا ئىككى دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان بولۇپ، ھەقلىق يۇمشاق دېتاللىرىمىزدىن تۇنجى بولۇپ بازارغا سېلىنغىنىUUS  دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى بولدى. دەسلەپكى مەزگىلدە »بارخان سودا باشقۇرۇش سىستېمىسى«، »بارخان ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى«، »يەلتاپان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى« قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا سالدۇق.
كېيىنكى مەزگىلدە ئۇيغۇرچە تور ئالاقە قورالىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، »بارخان مۇڭداشقۇ«نىڭ تۇنجى نەشرىنى ئىشلەپ سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىققان پاراڭلىشىش قورالى يوق بولۇشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەرمەكچى بولدۇق. لېكىن، ئۇ چاغلاردا يۇنىكود ئەمدىلا بارلىققا كېلىپ ئومۇملىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، بىز بۇ دېتالنى يۇنىكودسىز ئۆلچەمدە تۈزگەن ئىدۇق. بۇ مۇڭداشقۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلدى. ئاساسلىق سەۋەب مۇڭداشقۇنىڭ يۇنىكودسىز بولغانلىقىدىن بولدى. بىز بۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۆزگەرتىپ تارقاتقان بولساقمۇ، يەنىلا قوللاشقا ئېرىشەلمىدى.
 
ھازىر يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋېتىپسىز. بۇ مەركەز ۋە يېڭى ئىشلەپ چىققان دېتاللىرىڭلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساق.
يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى 2008-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، «يەلتاپان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈنمە يۈزىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بارا-بارا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ، ئەسلىدىكى 45 خىل ئىقتىداردىن تۈزۈلگەن ئاددىي ھەم ئىپتىدائىي سىستېمىدىن ھازىرقى 127 خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، مۇكەممەل ۋە مۇنتىزىم سىستېمىغا ئۆزگەرتىپ چىقتۇق. «خەزىنە ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «ئىللىق ئۆتەڭ مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «ھەميان كارتا باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «دىكتورلار ياردەمچىسى»، «قانۇن قامۇسى»، «UUS دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش  سىستېمىسى»، «ئۇچار گىلەم ئايروپىلان بېلىتى سېتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «كاتىپىم كىتاب، دىسكا ئىجارە بېرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» ... قاتارلىق ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا سېلىش بىلەن بىللە «ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، سىلاۋىيانچە ئۈچ خىل يېزىقتا تور بېكەت يېزىق ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى، شىنجاڭ يارىپ تورى، شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى تورى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى تورى ئىشلىتىۋاتىدۇ)»، «تور بېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى»، «لۇغەت سۆزلۈكىنى ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى»، «ئۇيغۇرچە يېزىق پەرقلەندۈرۈش (OCR) تېخنىكىسى»، «ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى» قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. «يېڭى ئېرا ئۇنىۋېرسال لۇغىتى (ئۆزگىچە ئىزدەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان)»نى ھەقسىز تارقاتتۇق، بۇنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ مېڭىۋاتىمىز.
#p#
مەركىزىمىز ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلەش بىلەن بىللە يەنە 20 نەچچە خىل ھەقسىز قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ، تور بېتىمىزدە تارقىتىپ تورداشلارغا تەمىنلىدۇق. بۇ جەرياندا «ئۇيغۇرچە دامكا ئويۇنى (خادىمىمىز ياسىغان)»، «ئۇيغۇرچە رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى»، «ئۇيغۇرچە سۆز تېپىش ئويۇنى» قاتارلىق ئانا تىلىمىزدىكى ئويۇنلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. ھازىر شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى بولغان «ئۇيغۇرچە 9 قاتار ئويۇنى» تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ئىشلەپ تارقىتىشقا داۋاملىق تىرىشىمىز.
ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسى شىركەتلەرنىڭ 10 نەچچە تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق.
ھەرخىل ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلاردىن 20 دىن ئارتۇقنى ھەقسىز تارقاتتۇق.
يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ تارقىتىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە خىل يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى يېقىن كەلگۈسىدە خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. 
 
ھازىر كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى ئاشخانىلاردا سىلەر ئىشلىگەن تاماق بۇيرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نۆۋەتتىكى ئومۇملىشىش، قىممەت يارىتىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولساق.
كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىنى باشقۇرۇش كەسپىگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى، يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلىرىمىز تاماقخانىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا يۈزلەندى ۋە بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردى. مەركىزىمىز ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، «يەلتاپان يېمەك–ئىچمەك باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى ئىشلەپ بازارغا سالدۇق. 
يەلتاپان يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان قولايلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئەڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تاماق تۈرىنى بېكىتىش جەھەتتە:
تاماقلارنى خالىغانچە تۈرگە ئايرىپ، شۇ تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە قانداق كىچىك تۈرلەرنىڭ بارلىقىنى خالىغانچە بېكىتىۋېلىشقا، تاماقنىڭ ئادەتتىكى رايوندىكى ۋە ئايرىمخانىدىكى باھاسىنى خالىغانچە بېكىتىۋېلىشقا بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا يۈرۈشلۈك تاماق ۋە ئالاھىدە تاماقلارنىمۇ خالىغانچە تاللاپ تۈرلىۋېلىشقا ۋە باھا تەڭشەشكە بولىدۇ.
2. تاماق تىزىملاش جەھەتتە:
مەيلى سىمسىز تاماق تىزىملىغۇچ ئارقىلىق بولسۇن مەيلى كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدە بولسۇن، تاماقنىڭ بىۋاسىتە ئىسمىنى چېكىپ تاللاشقا ياكى تېز كۇنۇپكا ئارقىلىق تاماق تاللاپ تىزىملاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئىش سۈرئىتى قەلەم بىلەن قەغەزگە يازغانغا قارىغاندا ناھايىتى تېز ھەم قۇلاي بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
#p#
3. بېسىپ چىقىرىش ۋە قوشۇمچە تەلەپ:
تاماق تىزىملىغۇچى مەيلى قايسى تاماقنى تىزىملىشىدىن قەتئىينەزەر ئۈستەل نومۇرى، تاماق نامى، تاماق سانى  ۋە قوشۇمچە تەلەپ (ئىسسىق، سوغۇق، ئاچچىق، تاتلىق دېگەندەك) بويىچە ئارقا سەپ پرىنتېرى تالون بېسىپ چىقىرىدۇ، تالون شەكلىنى خالىغانچە تاللاپ ئۆزگەرتىۋېلىشقا بولىدۇ، ھېسابات ئۈستىلىدىكى كومپيۇتېردا قايسى پىرىنتېرغا قانداق تالوننىڭ يوللانغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولغاچقا نازارەت قىلىشقىمۇ ئوڭاي، ناۋادا بىرەر پرىنتېردىن تالون چىقماي قالسا سىستېما شۇ ھامان ئەسكەرتمە ئۇچۇرى چىقىرىدۇ، چىقمىغان تاماق تالونىنى قايتا بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ، ھەرگىزمۇ تاماق تالونى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ.
4. تاماق سېتىپ چىقىرىش شەكلى جەھەتتە:
ئادەتتىكى نورمال تىجارەت شەكلى، ئېتىبار كارتىسى ئارقىلىق ھېسابات قىلىش شەكلى، نېسى ھېسابات قىلىش شەكلى قاتارلىق ئۈچ خىل شەكىلدە تاماق سېتىپ ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ.
5. ئىستاتىستىكا ۋە خۇلاسە جەھەتتە:
خالىغان كۈنى خالىغان ۋاقىتتا كىمنىڭ قانچىلىك قانچە پۇللۇق تاماق تىزىملىغانلىقى، قايسى تاماقنىڭ قانچىلىك، قانچە پۇللۇق سېتىلغانلىقىدىن تارتىپ تاكى كىرىم-چىقىم ۋە نەق-نېسى سودا، ئامبار ھېساباتى، كارتا ھېساباتى، خىزمەتچىلەر مائاشى قاتارلىقلارنى بىراقلا ھەم ئايرىم-ئايرىم ئىستاتىستىكىلاپ چىقىشقا بولىدۇ، ئومۇمەن، ھەرخىل ئىستاتىستىكا نەتىجىلىرى باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.
6. سىستېما بىخەتەرلىكى جەھەتتە:
سىستېمىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە تىزىملىتىش نامى ۋە مەخپىي شىفىر بەلگىلەپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەركىم ئۆزىنىڭ مەخپىي شىفىرى ۋە تىزىملىتىش نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭ مەشغۇلات رايونىغا چەك قويۇشقا بولىدۇ ھەم كىمنىڭ قايسى كۆزنەكتە نېمە مەشغۇلات قىلغانلىقى سىستېما مەشغۇلات خاتىرىسىدە ساقلىنىپ ماڭىدۇ. سىستېما ئۇچۇرلىرىنىڭ ۋە ئاشخانا ھېساباتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سىستېمىدا »زاپاسلاش« ۋە »ئەسلىگە كەلتۈرۈش« ئىقتىدارى بار بولۇپ، خالىغان چاغدا خالىغان ئورۇنغا زاپاسلاپ ئالغىلى بولىدۇ. ئاپتوماتىك زاپاسلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ قۇلاي بولۇپ، زاپاسلانغان ھۆججەت ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
بۇ سىستېمىنى ئۆزىمىز پۈتۈنلەي نۆلدىن باشلاپ  يېزىپ چىققان. سىستېما ئۇيغۇر تاماقخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا لايىھەلەنگەن، كۆرۈنمە يۈزى ۋە تىزىملىكلىرى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سىستېمىنىڭ ياردەم ھۆججىتى ناھايىتى تەپسىلىي، شۇنىڭغا قاراپ يېزىق بىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم بىر تەرەپتىن ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنەلەيدۇ، يەنى ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر كۆزنەكتە مەشغۇلات قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسا، شۇ كۆزنەكنىڭ ئۆزىدىكى «ياردەم» كۇنۇپكىسىنى باسقان ھامان قانائەتلىنەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. سىستېما ۋە ياردەم ھۆججىتى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بولغاچقا، سىستېمىنى ئۆگىنىش ھېچقانچە قىيىنغا توختىمايدۇ.
قىسقىسى، بۇ سىستېما  تېز تاماقخانا، ئاشخانا ۋە ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق يېمەك–ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تىجارىتىگە كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. رايونىمىز يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى بايراقدارلاردىن بولغان باغۋەن تائام سارىيى، قورغان تائاملىرى، زەمزەم تائاملىرى، جەۋھەر تېز تاماقخانىسى قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق تېز تاماقخانا بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، كورلا قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋاكالەتچى ئورۇنلىرىمىز ئەلا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.
#p#
«تور بېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
«تور بېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى» مەركىزىمىز ئۆز ئالدىغا پىلان لايىھەسى تۈزۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان ئىزدەش ماتورى.
ئۇ ئاساسلىق 3 بۆلەك قىسىمدىن تەركىب تاپقان:
(1) Internet  دۇنياسىدىن ئۇچۇر توپلاش.
(2) توپلانغان ئۇچۇرلارنى رەتلەش ۋە ئىندېكىسلاش
(3) ئىندېكىسلانغان مەزمۇننى ئىزدىگۈچىگە تېز سۈرەتتە تېپىپ بېرىش.
بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ئۆزىمىز نۆلدىن باشلاپ ھەل قىلدۇق، دەپ ئېيتالايمىز.
بۇرۇن بىر قىسىم ئىزدەش تور بەتلىرى قۇرۇلغان، لېكىن، ئۇلار گۇگېلنىڭ ئىزدەش ماتورىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئىزدەپ، ئېرىشكەن نەتىجىنى ئابۇنتقا كۆرسىتىپ بېرەتتى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى يوق ئىدى، شۇڭا گۇگېل بولمىسا ھېچقايسىسى نورمال ئىشلىمەيتتى، بۇ تور بەتچىلىكىمىزدىكى تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇق ئىدى. بىزدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى بىرنى مۇشۇ تېخنىكىنى ھەل قىلىپ، بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۈندىدى. شۇڭا، يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىز «تور بېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى تېخنىكىسى»نى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل لايىھەلەپ چىققان «ئىزدەش ماتورى» بولۇپ، بىر ئاددىي كومپيۇتېرنى مۇلازىمېتىر قىلىپ، «تور بېكەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويغاندا ئىزدەش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنى نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق  سەۋىيەگە  خېلىلا يېقىنلاشقان دېيىشكە بولىدۇ.
 
«لۇغەت سۆزلۈكى ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى»، «OCR»، «ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەشتۈرۈش تېخنىكىسى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
لۇغەت سۆزلۈكى ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى: بىزنىڭ بۇرۇنقى لۇغەتچىلىكىمىز نوقۇل ھالدا سۆزلۈكنى تەييارلاپ Access ۋە باشقا ئۆلچەملەشكەن ساندان ھۆججىتىگە قوشۇپ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە شىفىرلاپ،SQL  جۈملىسىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەش ئىدى. بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان، ئىزدەش قۇلايلىق بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ، بىز «تور بەتتىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش تېخنىكىسى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئەگەر ساندان ياخشى لايىھەلەنمىسە، سانداندا ئۇچۇرلار بەك كۆپ بولسا، ئىزدەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنى بەك ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇمشاق دېتاللارمۇ سەرخىللاشتى، ھەرخىل يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەر (يانفون، ( IPad قاتارلىقلارغا يۇمشاق دېتال ئېچىش ئىشلىرىمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى. شۇڭا بىخەتەر، يەڭگىل، ئۆزىمىزگە خاس بىرخىل ئىزدەش تېخنىكىسىنى يارىتىش ئويىغا كېلىپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇنىڭ ئىزدەش سۈرئىتى تېز، ئىندېكىسلانغان ھۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىك، ئىندېكىسلاش قۇلاي ھەم ئاسان، بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئىگىلەيدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ كىچىك ھەم مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېسابلاش يۈكىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئاساس قىلىش تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەچكە بۇ تېخنىكىنى Windows  نىڭ بارلىق نەشرىدىن باشقا،Linux  ۋە ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھەمWindows Mobile  غا تەتبىقلاشقا بولىدۇ.
OCR : بۇ تېخنىكا بىخ ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  دەسلەپكى قەدەمدە ئاق-قارا، ساپ يېزىق ھالەتتىكى رەسىمدىن بىر خىل خەت شەكلى UKIJ Tuz  غا تونۇتۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بارلىق خەت شەكلىنى تونۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، كۆزنەكلەرنى كۆركەملەشتۈرۈش، باشقا قوشۇمچە ئىقتىدار ۋە مەھسۇلاتلاشتۇرۇش باسقۇچلىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان خىزمەتلەردۇر.
ئۇيغۇرچە قوليازما پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى: بۇ تېخنىكىدا ھازىر ئېكرانغا مائۇس بىلەن يازغان ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تونۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پوچېركىسىنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، پوچېركا يىغىپ ئالاھىدىلىكىنى ئېلىش، ھەرپ تونۇشتىن تەرەققىي قىلىپ سۆز تونۇش ۋە ئاۋاز تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ نىشانىمىز.
#p#
رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار ۋە ئىنتېرنېتنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە قانداق قاراشلىرىڭىز بار؟
كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال ساھەسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ھەممە ساھەگە دېگۈدەك تۇتۇشىدۇ. رايونىمىزدىكى كومپيۇتېر ئىشلىرى بۇرۇنقى خەت كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ياساش ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا تەربىيەلەشتىن تەرەققىي قىلىپ توربەتچىلىك، لۇغەتچىلىك ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەمدە كۆپ مېدىئا تەربىيەلەش ۋە قاتتىق دېتال قاتارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ھەرقايسى جەھەتلەردە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى يۇمشاق دېتال تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا دىيارىمىزدا كۆلەملەشكەن، كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسى ۋە زىچ ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پىروگراممېرلار قوشۇنى، يۇمشاق دېتال ئېچىش ئورۇنلىرى يوق دېيەرلىك. رايونىمىزنىڭ يۇمشاق دېتالچىلىق تەرەققىياتى خەلقئارالىق سەۋىيەدىن خېلىلا تۆۋەن. شۇنداق بولغاچقا، يۇمشاق دېتالچىلىقىمىز  ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ۋە مىللىي يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، شۇڭا بىز ھەممىمىز داۋاملىق تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىشكە، بىلىمگە مەبلەغ سېلىشقا ئۆزئارا قوللاشقا مۇھتاج.
رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسى يېزىق كىرگۈزگۈچ ياساشتىن باشلىنىپ، تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارغا تەرەققىي قىلىپ، لۇغەت، يېزىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى، كوررېكتورلۇق دېتاللىرى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىچە تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى يۆنىلىش ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ سىڭىپ كىرىش بولىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارغا قارىغاندا تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تەييار تور بەت كودلىرىنى تاپماق ئاسان، تور بەت قۇرۇشقا كېتىدىغان كۈچ ۋە مەبلەغ يۇمشاق دېتال ئېچىشقا قارىغاندا ئاز، بازار ئېچىشمۇ تېز.
مېنى خۇش قىلىدىغان بىر ئىش بار: دەسلەپتە تور بەتچىلىكىمىز تەييار ئوچۇق كودلۇق تور بەتلەرنى تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىدى، ھازىرمۇ ئۇنىۋېرسال تور بېكەتلەر ۋە مۇنبەرنى ئاساس قىلغان تور بېكەتلەر شۇ ئاساستا داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاز ساندىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە، ئۆزى يازغان ياخشى تور بەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى ھەم كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ. 
 
پىروگرامما ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىزنى، ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
كومپيۇتېر كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ياكى كومپيۇتېرغا قىزىقىپ كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتقان ياشلارغا كەلسەك، يۇمشاق دېتال خىزمىتى شۇغۇللانغۇچىدىن ئاۋۋال شۇغۇللىنىدىغان ساھەسىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئاندىن شۇ ساھەدە توختىماي ئۆگىنىشنى، ئىزدىنىشنى، چىدامچانلىقنى ۋە ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. چۈنكى، كومپيۇتېر ھامان مەلۇم كەسىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بىز ئاشۇ كەسىپ ئۈچۈن كومپيۇتېرنى قانداق خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلگىنىمىزدىلا، ئاندىن يۇمشاق دېتال ئېچىش بىلىمىمىزگە تايىنىپ شۇ كەسىپنى ئاپتوماتلاشتۇرىدىغان يۇمشاق دېتالنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. 
يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپىگە يېڭى قەدەم قويغانلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا ئاساسەن مەلۇم بىر تىلنى تاللاپ پىششىق ئۆگىنىش كېرەك، تىلدىن تىلغا ئاتلاش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
توغرا بولغان رىقابەت قارىشىنى تىكلەپ، بازارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، مەلۇم بىر ساھەنى چىڭ تۇتۇپ، شۇ ساھەدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
#p#
مەركىزىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى ۋە پىلانى ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولارمۇ؟
مەركىزىمىز ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تور بېكەت قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەركىزىمىز ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتاللار يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىشلەپ بازارغا سالغان ئىكەنمىز سېتىپ چىقىرىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرماي بولمايدۇ. شۇڭا،  يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىڭ مۇلازىمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
مەركىزىمىز ھازىرغىچە »ئۇيغۇرسوفت«، »ئىقبال مائارىپ پەن-تېخنىكا شىركىتى «قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى ئورناتتۇق، ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ رايونىمىزدىكى شىركەت ۋە شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىمىز.
يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانىمىز: بازار رىقابىتىدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللىنىشچان پىروگرامما ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تور بەت ياساش، خادىم تەربىيەلەش، يەنى يۇمشاق دېتال سېتىش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي تېخنىكا سېتىش، يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى ۋە تور بېتىمىزدىكى سوئال-جاۋاب خاراكتېرلىك مۇلازىمەتتىن تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى مۇلازىمەت تۈرىگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت.
 
سىلەر لايىھەلىگەن يۇمشاق دېتال ۋە تور بەتلەرنى ئىشلىتىپ، مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلغان ئورۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.
1. يەلتاپان يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلار
ئامان تېز تاماقخانىسى
زەمزەم تېز تاماقخانىسى
قورغان تېز تاماقخانىسى
يۇرتۇم تېز تاماقخانىسى
باغۋەن تائام سارىيى
ئاتا باغۋەن تېز تاماقخانىسى
جەۋھەر تېز تاماقخانىسى
ئەتھەر تائاملىرى
شاھ ئوردا تائاملىرى
ئانار كۆل تېز تاماقخانىسى
مىزاج تائاملىرى
تىللا تائاملىرى
خانتەڭرى تائاملىرى
ئۈزۈمزار تېز تاماقخانىسى
#p#
2. خەزىنە ھېسابات باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىللىق ئۆتەڭ مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلار
خوتەن خورمىزار ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى
تەشنا تاللا بازىرى
دۇبەي مال سېتىش ئورنى
سادىق خەۋەرلىشىشى
مەدىنە مۇنەۋۋەر خورمىلىرى
تالغار مال سېتىش ئورنى
ئەل تۈرۈك ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى
ئۆزتۈرك ياغلىقلىرى
قاغىلىق خان ساراي ئاياغ تاللا بازىرى
خوتەن ئوغۇزخان يېمەك–ئىچمەك كارخانىسى
يەكەن ئالتۇن ئارال مېھمانخانىسى
سابا مېھمانخانىسى
نازىنا ئالىي مېھمانسارىيى
 
3. مەركىزىمىز لايىھەلىگەن تور بېكەتلەر 
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېتى
يارىپ ئامبۇلاتورىيەسى تورى
شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى تورى
ھۆرىيەت تورى
قانۇن تورى
شەھلا خانىم-قىزلار تورى
ئۆتكۈر پىچاقچىلىقى تورى
ئۇيغۇر ئۈمىد ساغلاملىق تورى
زۇلپىقار پىچاقچىلىقى تورى
 
* زىيارەت قىلغۇچى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
----------------------------------------
بۇ ماقالە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى