ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى

كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 643 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، ھېساباتنى تەلتۆكۈس تاپشۇرۇشنىڭ مەنىسى
كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلاشقان 5 ئاي ئىچىدە ياكى ئەمەلىي تىجارەت ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، باج قانۇنى، قائىدە، نىزام ۋە كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلىكىدىن يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ياكى پەسىللىك ئالدىن تاپشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، مۇشۇ يىللىق تولۇقلاشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەمدە كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئاساسلىق باج ئورگىنى ئىش بېجىرىش ئورنىغا كارخانا يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىپ، باج ئورگىنىنى  تەلەپ قىلغان ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاپ تاپشۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى، دائىرىسى
ئومۇمەن باج تاپشۇرۇش يىلىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت (سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، سىناق قىلىپ تىجارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باج تاپشۇرۇش يىلىدا تىجارەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان باج تاپشۇرغۇچى، مەيلى ئۇ باج كېمەيتىش ياكى باج كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلىدە بولسۇن، ياكى پايدا ئالسۇن ۋەياكى زىيان تارتسۇن، ئوخشاشلا «كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى»  ۋە  ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامى ۋە «كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى  يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش خىزمىتى  ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن نورما بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغان باج تاپشۇرغۇچى  يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارمايدۇ.

ئۈچىنچى، بېجىرىش مۇددىتى
باج تاپشۇرغۇچى چوقۇم باج تاپشۇرۇش يىلى ئاخىرلىشىپ 5 ئاي ئىچىدە، يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كارخانا تاپشۇرۇشقا ۋە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
#p#
باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇش يىلىدا تارقىلىپ كېتىش، ۋەيران بولۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق شەكلىدە تىجارەت توختاتقان بولسا، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلىغاندا، ھېسابات قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم  باج ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنداقلا ئەمەلىي تىجارەت توختاتقان كۈنىدىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشى، تاپشۇرۇشقا ۋە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئۈزۈشى كېرەك؛ باج تاپشۇرغۇچى باشقا ئەھۋال بىلەن قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختاتقان كۈنىدىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە باج ئورگانلىرىغا بېرىپ شۇ مەزگىلدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.
باج تاپشۇرغۇچى باج ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشى، تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ياكى ئارخىپقا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىدا، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت ئىچىدە تەلەپ بويىچە ماتېرىيالنى ئەۋەتىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باج تاپشۇرغۇچى چوقۇم بەلگىلىمىگە ئاساسەن  تاپشۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشىدىن بۇرۇن باج ئورگانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باج كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش تەستىقى ياكى ئارخىپقا ئالدۇرغان رەسمىيەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بەلگىلىمە بويىچە باج كېمەيتىش ياكى بىكار قىلىش تەستىقى ياكى ئارخىپقا ئالدۇرغان رەسمىيەتنى بېجىرمىگەنلەر باج تاپشۇرۇش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

تۆتىنچى، ماتېرىيال ئەۋەتىش
باج تاپشۇرغۇچى كارخانا يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلغاندا، ھېسابات تەكشۈرۈپ باج ئالغاندا باج تاپشۇرغۇچى تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ھەقىقىي تولدۇرۇپ تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق باج تاپشۇرۇش مەلۇم قىلىش جەدۋىلى ۋە قوشۇمچە جەدۋىلى؛
(2) يىللىق مەلۇم قىلىش ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتى؛
(3) مالىيە ئىشلىرى جەدۋىلى؛
#p#
(4) ئارخىپقا ئالدۇرغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، بۇ كارخانا  بەھرىمەن بولىۋاتقان باج كېمەيتىش ئېتىبار تۈرى ئارخىپقا ئالدۇرغان ماتېرىيالى ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ بوغالتىرلىق ھېساباتى ۋە باج قانۇنى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئارخىپقا ئېلىش مەشغۇلات ئورنى ھېساباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
(5) باش ئورگان ۋە تارماق ئورگاننىڭ ئاساسى ئەھۋالى، تارماق ئورگاننىڭ باج ئېلىش ئۇسۇلى، تارماق ئورگاننىڭ ئالدىن باج تاپشۇرۇش ئەھۋالى؛
(6) ھاۋالە قىلىنغان ۋاستىچى ئورگان باج مەلۇم قىلغاندا، چوقۇم ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىمزا قويغان ھاۋالە توختامى، شۇنداقلا قوشۇمچە ھاۋالە قىلىنغان ۋاستىچى ئورگان چىقارغان چوقۇم باج تەڭشەش تۈرى، سەۋەبى، ئاساسى، ھېسابلاش جەريانى، تەڭشىگەن قىممىتى قاتارلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى قوشۇپ ئەۋەتىشى كېرەك؛
(7) مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ كەسىپ ئالاقىسىگە چېتىشلىق بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانا يىللىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئالاقە دوكلات جەدۋىلى» نىمۇ ئەۋەتىشى كېرەك؛
(8) ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى قۇرۇلۇش تاماملانغان تۈردە، مۇشۇ تۈردە ئاچقان مەھسۇلات ئەمەلىي ئومۇمىي پايدىسى  ۋە ئالدىن ھېسابلانغان ئومۇمىي پايدا پەرقىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى؛ زىيان تارتقان كارخانا تاپاۋەت بېجى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ئىسپاتلىقتىن ئۆتكۈزۈش (ھېساب تەكشۈرۈش ) دوكلاتىنى چىقىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛
(9) "ئۈچ مەبلەغ" كارخانىسى چوقۇم تەپتىش قىلىش دوكلاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛
(10) باج ئورگانلىرى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللار.
باج ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن باج تاپشۇرغۇچى تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ھەققىي تولدۇرۇپ ئەۋەتىشى كېرەك:
(1)  كارخانا يىللىق باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلى؛
(2) مالىيە دوكلات جەدۋىلى؛
(3) باج ئورگانلىرى تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللار.
#p#
بەشىنچى، رايون ئاتلاپ تىجارەت قىلغان ئومۇملاشتۇرۇپ باج تاپشۇرغۇچى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلىپى
رايون ئاتلاپ تىجارەت قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچى بېجى تاپشۇرۇشتا، تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سومما ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى باش ئورگان بىر تۇتاش ھېسابلىغانلىقتىن، باش ئورگانغا يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئىچىدە تۇرۇشلۇق باج ئورگانلىرىغا بېرىپ كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق مەلۇمات جەدۋىلىنى بېجىرىشى، يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. تارماق ئورگان يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارمايدۇ، بىراق تارماق ئورگاننىڭ تىجارەت كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى باش ئورگان بىر تۇتاش خۇلاسە قىلىپ يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشتىن ئاۋۋال تارماق ئورگانغا تۇرۇشلۇق باج ئورگانلىرىغا ئەۋەتىشى كېرەك. باش ئورگان چوقۇم تارماق ئورگان  ۋە ئۆزىگە تەۋە ئورگاننىڭ تىجارەت كىرىم چىقىمىنى باش ئورگان يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ھەر قايسى تارماق ئورگان تۇرۇشلۇق ئاساسلىق مەسئۇل باج ئورگىنىغا ئەۋەتىشى كېرەك.
ئالتىنچى، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى
باج تاپشۇرغۇچى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئىچىدە شۇ يىلقى كارخانا تاپاۋەت بېجى مەلۇم قىلشتا خاتالىق بارلىقىنى بايقىغاندا، يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئىچىدە كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق باج تاپشۇرۇش دوكلاتىنى قايتىدىن بېجىرسە بولىدۇ.
باج تاپشۇرغۇچى يىللىق باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە كارخانا ئالدىن تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى كارخانا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج قىممىتىدىن ئاز بولسا، چوقۇم ھېسابات مەزگىلى ئىچىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك؛ مۆلچەرلىگەن باج قىممتى ئەمەلىي تاپشۇرغان باج قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، باشقۇرغۇچى باج ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇش ياكى باج تاپشۇرغۇچى ماقۇل بولغاندىن كېيىن كېيىنكى يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجغا قوشۇپ بېرىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى