ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتچى خىزمەت نورمىسىنى تاماملىيالماي، ئىدارە ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

خىزمەتچى خىزمەت نورمىسىنى تاماملىيالماي، ئىدارە ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-01-06 ئاۋاتلىقى: 516 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خىزمەتچى خىزمەت نورمىسىنى تاماملىيالماي، ئىدارە ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟

 

جاۋاب: ئەگەر خىزمەتچى ئايلىق نورمىلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىسا، كارخانا ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشى، تەربىيەلىشى كېرەك، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يەنىلا بەلگىلەنگەن خىزمەت مىقدارىنى تاماملىيالمىسا، ئاندىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، يەنە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، بۇ يەردىكى «خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش»قا ئەمگەكچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھاجەتسىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كارخانىلار دائىم بۇ ماددىنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ.

 

ھازىرقى مۇھىم مەسىلە، كارخانا بەلگىلىگەن نورما ئۆلچىمى مۇۋاپىقمۇ-يوق، بەزى كارخانىلار ئەڭ ئۇستا ئىشچىلارنىڭ سۈرئىتىنى بارلىق خادىملار يېتىشكە تېگىشلىك ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلىۋالىدۇ، كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر تاماملاپ بولالمايدۇ؛ ۋەزىپىنى تاماملىمىغان ھامان، كارخانا بۇنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدۇ.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەمگەك نورما ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئەمگەكچىلەرنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاشقا ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، كارخانىلارنىڭ ئەمگەك نورمىسىنى بېكىتىدىغان مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرى چوقۇم خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنى ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتۈشى، لايىھە ۋە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى كېرەك، يۇقىرىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتۈپ بېكىتكەن ئەمگەك نورما ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملا قانۇنىي كۈچكە ئىگە قائىدە-تۈزۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى