قايسى ئەھۋاللاردا ئىدارە ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ «ۋاقتىنى ئۇزارتىشى» كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
قايسى ئەھۋاللاردا ئىدارە ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ «ۋاقتىنى ئۇزارتىشى» كېرەك؟
جاۋاب: ئەگەر ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، خىزمەتچىدە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى بار بولسا(«قانداق ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؟»غا قارالسۇن)، بۇ ۋاقىتتا ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ، بەلكى ئەمگەك توختامىنى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال يوقالغىچە ئۇزارتىپ شۇ چاغدا ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا، مۇشۇ ئىدارىدە كەسپىي كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت سەۋەبلىك يارىلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان دەپ بېكىتىلگەن خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىدارە خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك.