ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لى كەيفۇ: سەمىمىيلىك ھەققىدە

لى كەيفۇ: سەمىمىيلىك ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-08-21 ئاۋاتلىقى: 1375 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت (1-پارچە)

لى كەيفۇ

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىنجان (YasinJan0997)
تەھرىر ۋە ئۆزلەشتۈرگۈچى: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت


مەزكۇر تەرجىمە ماقالىسى گۇرۇپپىمىز (ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپپىسى) ئەزاسى YasinJan0997 نىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا-قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن YasinJan0997 نىڭ بۇ ئەجرىگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
بىز تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما سەۋىيەيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى ۋە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمگىكىمىزنىڭ %100 ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بىزنىڭ خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىمىز ھەقىقەتەن تەس، خۇددى %100 لىك ئالتۇن بولمىغىنىغا ئوخشاش بۇ تەرجىمىنىڭ ۋە تەھرىرلىك ئىشلىرىنىڭمۇ  %100 بولۇپ چىقىشى ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىندىن تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى

 


دوكتور لى كەيفۇ ھەققىدە:
لى كەيفۇ: ئاتا بوۋىسى سىچۈەندىن، ئۆزى تەيۋەندە تۇغۇلغان، كېيىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان، ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ . يېڭىلىق يارىتىش سەيناسى (创新工场) نىڭ باش لىدىرى ۋە باش ئىجرا قىلغۇچىسى. ئامېرىكىدىكى مەشھۇر جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار تەشكىلىنىڭ «يۈز كىشىلىك يېغىنى(百人会) » نىڭ مۇئاۋىن تەشكىلات باشلىقى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ Google نىڭ خەلقئارالىق مۇئاۋىن زۇڭسەي ۋە جۇڭگو رايونىنىڭ باش زۇڭسەي ۋەزىپىسىنى، كېيىن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇئاۋىن زۇڭسەي، مىكروسوفت جۇڭگو تەتقىقات ئورنى (ھازىرقى ئاسىيا تەتقىقات ئورنى)نىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى، SGI شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭسەي ۋە باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى، ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭسەي قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
دوكتور لى كەيفۇ ئامېرىكا ئېلېكتىرو ۋە ئېلېكتىرون ئىنژېنېرلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى.  لى كەيفۇ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئايرىلالمايدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر سۇپا___ مەن ئۆگىنىمەن تورى(我学网) نى قۇرۇپ چىققان. مەن ئۆگىنىمەن تورىنىڭ كېڭەش باشلىقى. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قايمۇقۇپ قالغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. نۇرغۇن قېتىم ياش ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەنگەن مەكتەپلەر ئارا نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ (做最好的自己)»، «كەلگۈسىگە كىرىش (与未来同行)» ۋە «تور بەت مۇھەببىتى (一网情深)» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان.
دوكتور لى كەيفۇنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «دۇنيا سىزگە باغلىق (世界因你不同)» ناملىق كىتابى ناھايىتى زور تەسىر قوزغاۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ پۇرسەت يار بەرسە ئوقۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىزنىڭ لى كەيفۇنىڭ ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتىمىز، مەزكۇر ماقالىلەرنى ھەقىقەتەن مۇھىم ئۆگىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنى ئاز-تۇلا پايدىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتۇق. تورداشلارنىڭ «مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ شاكىلىنى تاشلاش» پىرىنسىپى بۇيىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 
#p#
بىرىنچى پارچە خەت ‏ـــــ سەمىمىيلىك ھەققىدە
بۇ يىل (2000-يىلى) 5-ئاينىڭ 23- كۈنى، بىل گېيتىس «ۋولسېرت كوچىسى ھەپتىلىك گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ توغرىلىق ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ماقالىسىدە يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك سۆھبىتىنى ۋە شۇ چاغدىكى تەسىراتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق بىر ئويغا كېلىپ قالدىم، جۇڭگودا ئۆتكەن يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە خىزمىتىمدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىنارلىق ئىش دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپتۇ. زىيارەت جەريانىدا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان كەسىپ، كەلگۈسى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈزمۇ‏-يۈز پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىللىقلىقى، ئۆگىنىشنى سۆيۈشى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەندىن ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈنسە، دۆلەت ئىچىدە قېلىشنى قارار قىلغان ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا بىر توغرا يولنى تاللىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا تېز نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئېيتىشتى. يەنە بەزى ئەمدىلا ئالى مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم باسقان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى تەجرىبە‏-ساۋاقلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈنىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تور ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قىزىقىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلەيدىغانلىقى ۋە باي بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئېيتىشتى.
مۇنچىۋالا كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلگەن ۋە ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىگە قاراپ، شۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ زۆرۈرىيەت جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىش ئىدى. يەنى ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا پەيدا بولغان بەزى ئوي خىياللىرىمنى ۋە مەسلىھەتلىرىمنى ئۇلارغا خەت يېزىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش، خىزمەت ياكى ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش ئىدى.

سەمىمىي تۈز بولۇش پىرىنسىپى
ئالما شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى مەن مۇدىرلىققا ئۆستۈرگەن بىر مۇدىر ناھايىتى مەيۈس ھالدا يېنىمغا كىرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۇنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ۋە خىزمىتىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن: «سىزچە سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا: «مەن بىر سەمىمىي تۈز ئادەم» دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭغا يەنە: «ئەينى ۋاقىتتا سىزنى مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈشۈمدىكى سەۋەب دەل سىزنىڭ بىر سەمىمىي تۈز ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ئىدى. باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كېيىنچە ئۆگىنىپ كېتىسىز. ئەمما سىزدەك سەمىمىي تۈز ئادەمنى تاپماق ئاسان ئەمەس.» دېگىنىمدە ئۇ بىر مەھەل ئويلانغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەپ قالدى. مەن قول ئاستىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش جەھەتتە ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم بەردىم. كېيىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بىر تالانتلىق باشقۇرغۇچى بۇلۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇ ھازىر شىركەتتە ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۈشلۇق بولىۋاتقان بىرىنچى قول تېخنىك مۇدىرى بولۇپ قالدى.
#p#
ئەمىلىيەتتە، ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشقا يېڭى كىرىشكەندە ھەر خىل قىيىنچىلىقلاردىن خالىي بولالمايدىكەن. مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا ئاساسەن مەكتەپتىكى بىر خىل ھەممە ئىشلار ئاساسەن ئاسانلا ئوڭۈشلۇق بولىدىغان مۇھىت (قىسقىسى توققۇزى تەل مۇھىت) تا ياشاپ، قىيىنچىلىق دېگەننىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە بولسا ئادەم ھەقىقىي قىيىنچىلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدىكەنمىز. ئەمما جەمئىيەتتە ئۇنداق بولمايدىكەن. مەن (ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت)مۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ھازىرقى شىركەتكە يېڭى كىرگىنىمدە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تەجرىبەمنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن شىركەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش جەھەتتە ھەقىقەتەن كۆپ قىيىنچىلىققا يۇلۇقتۇم، خۇددى مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئېلىنغان مۇدىردەك مەنمۇ بىر قانچە قېتىم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەنقىدلىشى (بەلكىم بۇ يەردە ئەيىپلەش دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك.)گە دۇچ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن ھە دېسىلا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە يۇقىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلدىم. مەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماڭا قويغان بەزى ئورۇنلۇق تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكىمنى تۈزەتكەن بولساممۇ لېكىن يەنە بەزى ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ بېرىشنى خالىمىدىم. مەن ھەتتا كۆپ ئۈمىدسىزلەندىم. نېمىشقا ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنى ئۆز خىزمىتىگە بېغىشلىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھە دېسىلا ئادەمگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ؟ مەن كۆپ ئويلاندىم، ئادەم بىر نەرسىگە قانچە چوڭ ئۈمىد باغلىسا، نەتىجە ئۈمىد قىلغاندەك چىقمىسا، ئادەم ئۇ نەرسىدىن شۇنچە ئۈمىدسىزلىككە تولىدىكەن. ئادەمدە ئازراق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە سەمىمىيلىك بولمىسا ھەقىقەتەن ئادەمگە ئوخشىماي قالىدىكەن. ھازىر رايۇنىمىزدا ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئىش تاپالماسلىق، ئادەمگە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار ئىختىساسلىقلارنى تاپالماسلىقتەك بىر خىل تەتۈر كەيپىيات بەك ئېغىر ئىكەن. نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ شۇنچە كۆپ شىركەتلىرىمىز ئىختىساسلىقلارنى تاپالماي بېشى قېتىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنە بىزنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىش تاپالمايدۇ؟ مېنىڭ شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ھېس قىلغانلىرىم، بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بەك كەمچىل. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا تېخىچە جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك رىقابەتكە تولغانلىقى ھەققىدە تۇنۇش يوق. ئۇلار ھازىرقى جەمئىيەتتە، «بۈگۈن تىرىشىپ ئىشلىمىسەڭ، ئەتە تىرىشىپ ئىش ئىزدەيسەن.» دېگەن ئاقىللار سۆزىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ يەتمىگەن. بىزنىڭ ياشلىرىمىز ھە دېسىلا يەنە شۇ كونا قاتمال ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان. نۇرغۇن ياشلار شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەشتىن باش تارتىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرى گەرچە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، شىركەتكە كىرىپ ئىشلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتنى خۇددى ئالۋانغا قىلغاندەكلا قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىش، ئاقىۋىتىگە قىلچە مەسئۇل بولماسلىق پىسخىكىسى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن. مېنىڭچە شىركەتلەردە ئىشلەشتە پەقەت ئىشنى ئەستايىدىل، سەمىمىي، كۆڭۈل قويۇپ قىلسىلا قىلالمايدىغان ئىش يوق. لېكىن بىزنىڭ ياشلىرىمىز دەل تاپشۇرۇلغان ئىشنى ئەستايىدىل، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا مەسئۇلىيەتسىزلىك كېلىپ چىققان. ئەگەر ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ، ئەستايىدىل، سەمىمىي بولۇپ ئىشلىسە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى ئاساسەن مەۋجۈت بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلىگەن بولغاچقا، خىزمىتىدە ئاساسەن خاتالىق سادىر بولمايدۇ، ئەگەردە ئۇلار شۇنداق ئەستايىدىل، سەمىمىي ئېلىپ بارغان خىزمەتتە ئانچىكى خاتالىق كۆرۈلسە بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئادەم بولغان ئىكەن خاتالىقتىن ساقلىنىش ناھايىتى قىيىن.
#p#
بىزنىڭ شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسى بويىچە ئېيتقاندا بىرىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىش بىلمەسلىكتىن، ئىككىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىش سەۋەنلىكتىن، ئۈچىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىش قەستەنلىكتىن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق خاتالىقتىن ساقلىش مەسىلىسى. ئەگەر ئادەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ خىزمەت قىلغاندا، گەرچە بىرىنچى قېتىملىق خاتالىق (بىلمەسلىك) تىن ساقلىنالمىسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق (سەۋەنلىك) ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق (قەستەنلىك) خاتالىقتىن ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن. شۇڭا شىركەتلەرنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ خىل پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە بېرىلىش روھى. ئەمما بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا زادى قانچىلىك ئادەم بۇ خىل روھنى ئۆز ۋۇجۇدىدا مۇجەسسەملىيەلىگەن؟ بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا يەنە بىر خىل كەيپىيات بەك ئېغىر. ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمەت نەتىجىسى بىلەن قىلچە ئويلاشماي، ھە دېسىلا شىركەتتىن تەمىنات، يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلىش. شىركەت دېگەنلىكنىڭ ئۆزىمۇ بىر سېغىن كالىغا ئوخشايدۇ. ئاۋۋال بىز بۇ سېغىن كالىغا ئوت-چۆپنى جايىدا بېرىپ، ئۇنىڭ يېتەرلىك سۈت ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن بۇ سېغىن كالا بىزگە سۈت بېرەلەيدۇ. بىز بۇ سېغىن كالىنىڭ ئوت-چۆپىنى جايىدا قىلغاندىلا بىز بۇ كالىنى قانچە ساغساق بۇ سېغىن كالا بىزگە شۇنچە سۈت بېرىدۇ. ئەگەر بىز بۇ كالىنىڭ يېتەرلىك ئوت-چۆپىگىمۇ كاپالەتلىك قىلالماي تۇرۇپ، ھە دېسىلا ئۇنى ساغىمەن دېسەك بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى كالا يېتەرلىك ئوت-چۆپ يېمىگەن بولغاچقا ھەر قانچە قىلساقمۇ بۇ كالىدىن سۈت چىقىشى ناتايىن. شۇڭا بىزنىڭ ياشلىرىمىز بۇ نوقتىنى تۇلۇق چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. (ياسىنجان مەترزى ئىلقۇتتىن، 2010-يىلى)


كېيىنكى كۈنلەردە مەن بىر خىزمەت ئىزدەپ كەلگۈچىدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغىنىمدا ئۇنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدىم. ئىمتىھان جەريانىدا، ئۇ ماڭا ئەگەر مەن ئۇنى قوبۇل قىلسام ئۇ بۇرۇنقى شىركىتىدىكى بىر تۈرلۈك كەشپىياتىنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداق دېدى-يۇ  دېگەن گېپىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى پەملەپ، ئۇ كەشپىياتنى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قىلغانلىقىنى ۋە دىرېكتورنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە باشقا قابىلىيەتلىرىگە قارىماستىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلدىم. سەۋەبى ئۇنىڭدا ئەڭ ئاددى كىشىلىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپى ۋە كەسىپى ئەخلاق‏__سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق يوق ئىدى. ئەگەر مەن ئۇنى قوبۇل قىلسام، كىم ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى «ئشتىن سىرتقى كەشپىيات» قاتارىدا باشقا شىركەتلەرگە سوۋغا قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: بىر ئەخلاقى پەزىلىتى مۇكەممەل بولمىغان ئادەمنىڭ بىر ھەقىقى نەتىجە ياراتقۇچى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
#p#
ھازىر ياشلار ھە دېسىلا، گېزىت-ژۇرنال ، تېلېۋىزورلاردىن كۆپ كۆرۈپ كەتكەن كارخانىلاردا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، ئۆزىچە «ئېقىپ كېتىش»نى ئويلايدىغانلار كۆپ. بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئېڭى بەك تۆۋەن. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئازراق «تەنقىد» قىلسىڭىزلا ئۇلار «ئېقىپ» كەتمەكچى بولۇپ، سىزگە بېسىم كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئويلاندىمۇ يوق؟ ئۆزى ئاشۇ گېزىت-ژورنال ۋە تېلېۋىزورلاردىن كۆرىۋالغان خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشەمدۇ؟ ئۆزى شىركەتنىڭ نەزىرىدە ئىختىساسلىق ھېسابلىنامدۇ؟ شىركەتنىڭ ئىختىساسلىقلار ئۆلچىمىگە چۈشەمدۇ؟ تۈنۈگۈن (2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى) شىركەتكە ئادەم ئىزدەپ ئۇچۇر تورىغا كىرىپ قالدىم. قارىسام بىر خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرىغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ئۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ مۇنۇ قۇرنى كۆرىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم: «مەن ھازىر بىر شىركەتتە ئالاھىدە ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما مۇھىت ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە خىزمەت ئىزدىمەكچى، ئەگەر ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق شىركەتلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېلېفون: XXXXXXXXXXX». مەن بۇ قۇرنى كۆرۈپ ئەسلىدە تېلېفون قىلماقچى بولغان نىيتىمدىن ياندىم، كىم بىلىدۇ. ئەگەر مەن بۇ ئادەمنى شىركەتكە قوبۇل قىلسام، ئۇ بىر مەزگىل بىزنىڭ شىركەتتە «ئالاھىدە ياخشى» ئىشلەپ يەنە «مۇھىت ئالماشتۇرۇغۇسى» كېلىپ قالمايدۇ؟ شۇڭا ياشلار بەزىدە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. يۇقىرىدىكى ياشنىڭ تورغا يازغان ئاشۇ ئۇچۇرىنى كۆرگەن قايسى بىر شىركەت رەھبەرلىكى ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشقا پېتىنالىسۇن؟ بۇنداق «مۇھىت ئالماشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئېقىپ كېتىشنى خىيال قىلغان ياشلىرىمىز ئېقىپ نەگىمۇ بارار؟ شۇڭا ئاۋۋال ئۆز ئىلكىمىزدىكى خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشلەپ بىرەر قىممەت يارىتىشقا تىرىشقاندىلا، شىركەت ئاندىن بىزنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ھە دېسىلا خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلىمەي، ئۆزىمىزچە «ئېقىپ» كېتىشنى خىيال قىلىپ، شىركەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈشتىن ئىلاج بار ساقلانغىنىمىز ئەۋزەل. ئەگەر ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەتنى ئالاھىدە بېرىلىپ ئىشلەپ، خىزمەتتە بەلگىلىك قىممەت ياراتقان بولساقمۇ شىركەت يەنىلا قەدىر-قىممىتىمىزنى قىلمىسا، بۇنداق شىركەتنىڭ كەلگۈسى ھالاك بولۇش بىلەن تاماملىنىدۇ. ئەمما ھەقىقىي يۈكسىلىپ قۇدرەت تېپىشنى نىيەت قىلغان كارخانىچى قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئىلكىدىكى تالانتلىق ئىختىساس ئىگىسىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا پەقەت سىز پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ خىزمەتنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلسىڭىزلا، سىزنىڭ قىممىتىڭىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇ كارخانىچى تەبئىي ھالدا سىزنىڭ تەمىناتىڭىزنى ياخشىلاپ، سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزنى سىز رازى بولغۇدەك دەرىجىدە بېرىپ، سىزنىڭ ئېقىپ كېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز چوقۇم بەلگىلىك قىممەت يارىتىشىڭىز كېرەك. (ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتتىن)

#p#
ئامېرىكىدا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ. ئىلگىرى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەر ۋە بەزى پىروفېسسورلار بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى. سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كېلىشتى، ئەمما خىزمەت تېپىۋالغاندىن كېيىنلا مەكتەپتىن ئايرىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشقا ۋەدە قىلىپ بولغان ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇشتى. مۇنداق كۆۋرۇكتىن ئۆتكىچە تازىم قىلىپ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپلا پۇتقا كەكە چاپىدىغان سەمىمىيەتسىزلىك ئاز بولمىغان بىر قىسىم ئامېرىكا پىروفېسسورلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى مۇنداق سەمىمىيەتسىز جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئاز سانلىق، ئەمما مۇشۇ ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلار جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن پىروفېسسورلار جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇش خەتلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئايان، ئۇ تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى يېزىۋالغان خەتلەر، ئاللىبۇرۇن پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقان. مانا بۇ سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى.

بىزنىڭ شىركەتتە مۇنداق بىر ھادىسە يۈز بەرگەن. مەلۇم بىر ئىشچى شىركەتتە ئىش ھەققى چىقىشتىن بۇرۇن شىركەت مالىيەسىدىن پۇل بېرىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شىركەت ئۇنىڭغا ئىشىنىپ پۇل بەرگەن. ئەمما كېيىن شىركەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭدا ئەسلىدە پۇل بارلىقىنى، پەقەت سەمىمىيەت بىلەن ئىش كۆرمەي، ئۆز قاپچۇقىدىكى پۇلنى قويۇپ قويۇپ، شىركەتتىن پۇل تەلەپ قىلغانلىقىنى بايقاپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، دىرېكتور مالىيەگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاي توشمىغىچە ئالدىن پۇل تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ دەپ ئوقتۇرغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا بىر ئىشچى ئۆي ئىجارە ئېلىش سەۋەبىدىن يېنىدا پۇل تۈگەپ قالغان (ئۇنىڭ يېنىدا ئارانلا 5 يۈەن قالغان، ئەمما مائاش چىقىشقا يەنە 7 كۈن ۋاقىت بار ئىدى) شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشچى مالىيەگە ئەھۋال ئېيتىپ، ئالدىن ئازراق پۇل بېرىپ تۇرۇشنى ئېيتقان، ئەمما مالىيەدىن دىرېكتورنىڭ بەلگىلىمىسى بارلىقىنى، ئالدىن پۇل تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوقتۇرۇپ ئۇ ئىشچىغا پۇل بېرىشنى رەت قىلغان.
#p#
بۇ ئىشچى ئامال قىلالماي، تورغا ئىشتىن سىرتقى ئىش ئىزدەش ھەققىدە ئېلان بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن شىركەت باش دىرېكتورى ئادەم ئىزدەش جەريانىدا بۇ ئېلاننى كۆرۈپ قالغان، ئۇ ئىشچىنى ئەتىسى ئايرىم چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق زېھنىنى چاچىدىغان ئىشنى سادىر قىلماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە نېمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى سورىغان، ھېلىقى ئىشچى بولغان ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، باش دىرېكتور دەرھال مالىيەگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۇ ئىشچىغا يېتەرلىك پۇل بېرىشنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئىشچى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز خىزمىتىگە تېخىمۇ كىرىشىپ كەتكەن. دېمەك باشتىكى بىر ئىشچىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى تۈپەيلى، يەنە بىر ئىشچىنىڭ سەمىمىيتىنى نۆلگە تەڭ قىلىۋېتىش ئەھۋالى سادىر بولۇشقا تاس قالغان. ھەر ھالدا باش دىرېكتور ئىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلغان. ئەگەر باش دىرېكتور ۋاقتىدا بايقىمىغان بولسا، ھەممە ئىشچى ئاشۇنداق ھازىرقى خىزمىتىنى ياخشى قىلماي، ئىشتىن سىرتقى ئىش ئىزدەپ يۈرسە، شىركەتتە قانداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ شۇڭا ياشلارغا دەيدىغىنىمىز، ھەر ۋاقىت سەمىمىيەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىش كۆرۈش ئەڭ ئاقىلانىلىك. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىڭىز باشقىلارنىڭ ئۇۋالىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋالدىن قەتئىي ساقلىنىڭ. (ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتتىن)


مەن مىكروسوفت تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بىر مەسىلىگە يۇلۇققان ئىدىم. بىر پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى ياخشى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى. ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى قايتا تەجرىبە ئىشلەپ چىقارغىلى بولمىدى. كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تاللىۋېلىپ باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى تاشلىۋېتىپتىكەن. مېنىڭچە بۇ ئوقۇغۇچى مەڭگۈ ئىلىم-پەن ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ، ھەتتا بىر لاياقەتلىك تەتقىقاتچىمۇ بولالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم ئۇششاق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر. ئۇلار مەكتەپنىڭ ياكى شىركەتنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ شەخسى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرىدۇ، دائىم تاكسى بېلەتلىرىنى ئاتچوت قىلدۇرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر خىزمەتچىلەرنى باھالاشتا ئاساسلىق ئوقۇش نەتىجىسى ۋە كەسپىگە قاراش كېرەك، ئۇششاق ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇششاق ئىشلار دائىم ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە سەمىمىيلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئۇششاق مەنپەئەتكە ئامراق، باشقىلارنى ئالدىدىم دەپ ئۆزىنى ئالدايدىغان كىشلەر مۇشۇ ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ نەپسانىيەتچى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان خۇنۈك ئوبرازىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ چوڭ ئىشتىن زىيان تارتىدۇ. مېنىڭ مۇنداق كىشىلەر گە دەيدىغىنىم: «تېرىقتەك يامان ئىش بولسىمۇ قىلىپ سالماڭ.» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
#p#
ھازىر شىركەتلەر تىلغا ئېلىنسا، ياشلا ھە دېسىلا شىركەتلەرنىڭ تەمىناتى ياخشى ئەمەس، ئۇنداق تەمىناتى يوق، بۇنداق تەمىناتى يوق دەپ قاقشايدۇ. ئەمما شىركەتتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بەزىبىر تەمىناتلارنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى بىر قىسىم تەمىناتلاردىن بەھرىمان قىلسا، ئۇلار يەنە خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلىماي، ھە دېسىلا شىركەتتىن تېخىمۇ كۆپ تەمىنات تەلەپ قىلىپ، شىركەتكە بېسىم كەلتۈرىدۇ. شەخسەن بىزنىڭ شىركەتتە، دەسلەپ شىركەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغاندا، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا كېلىپ-كېتىش جەريانىدىكى باش ئاغرىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بىردىن قاتناش كارتىسى بىجىرىپ شىركەت مالىيەسىدىن ھەر ئايدا مەلۇم مىقداردا پۇل قاچىلاپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتتىكى شىركەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ قاتناش كارتىسىغا ھەر ئايلىقى 30 يۈەن (مال كىرگۈزگۈچىلەرگە 50 يۈەن)دىن قاچىلاپ بېرىشنى قارار قىلىپ، شۇ بويىچە ئىجرا قىلغان ئىدۇق. ئەمما ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغا قانائەت قىلماي، ئۆزىنىڭ ئىشقا كېلىپ-كېتىشىگە 30 يۈەن ئەمەس بەلكى 60 يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرمۇ بولدى. شىركەتتىن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، بۇ 30 يۈەندىن قاچىلاشنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە چوقۇم ئىلاج بار تولۇق قاچىلاپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇىدىغانلىقىنى ئوقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شىركەتتىن ئاغرىنىدىغانلار كۆرۈلدى. ئەمىلىيەتتە ئىشقا كېلىپ-كېتىش شۇ ئىشچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، چۈنكى شىركەتتىن ئۇنىڭغا مائاش بەرگەن ئىكەن، ئۇ ئىشقا كېلىپ-كېتىشتە شۇ مائاشىنى ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما شىركەت ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، ھەر ئايلىقى 30 يۈەن بولسىمۇ ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار چوقۇم تولۇق ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك دېگەن تەلەپنى قويغىنى قويغان بولدى. يېقىندا، شىركەتنىڭ ئىشلىرى خېلى يۈكسىلىپ قالغان بولغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئايدا 60 يۈەن قاچىلاپ بېرىشنى قارار قىلىۋىدۇق. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەتىگەندە ئاۋۋال شىركەتكە كېلىپ، ئاندىن سېتىش نوقتىسىغا بېرىشى ئۈچۈن بۇ 60 يۈەننىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەلۋەتتە، بۇ 60 يۈەن ھەرگىز يەتمەيدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا بىر قېتىملىقى 1 يۈەن بولغان ئاممىۋى ئابدۇبۇس ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئىشچى ئۈچۈن ئايدا 120 يۈەن كېتىدىغىنى ئېنىق. (ئەتىگەن ئىشقا كېلىش، چۈشتە تاماققا بېرىش ۋە كېلىش، كەچتە ئۆيگە قايتىش بويىچە ھەر قېتىملىقى 1 يۈەندىن ھېسابلىنىدۇ). ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بەزى ئىشلار تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. خۇددى، يازمىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، پەقەت سېغىن كالىغا ئوت-چۆپنى يېتەرلىك بەرگەندىلا، بۇ سېغىن كالىدىن ئاندىن بىزگە يېتەرلىك سۈت چىقىدۇ. بىز كالىغا يېتەرلىك ئوت-چۆپ بەرمەي تۇرۇپ يەنە كالىدىن تېخىمۇ كۆپ سۈت ئالىمەن دېسەك بۇ مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋال بىزنىڭ شىركەتتە كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىم يەنە باشقا شىركەتلەردە بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۈت ئەمەس دەپ ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا ياشلار چوقۇم تەمىنات تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئۆزى بەلگىلىك قىممەت يارىتىشنى بىلىشى كېرەك. بەلگىلىك قىممەت ياراتماي تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەمىنات تەلەپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. (ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتتىن)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى