ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

90-يىللاردىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى

90-يىللاردىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى

ۋاقتى: 2016-09-30 ئاۋاتلىقى: 825 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئەمەلىيەتتە مەن بىر ناھايىتى "ئىشەنچىسىز" ئادەم، بانكىدا ئىشلەپ باققان، ئاۋىستىرالىيەدە كالا بېقىپ باققان، خىزمەت تېپىش پىلان يېتەكچىسى بولغان، يەنە TVB جۇڭگو كۆرگەزمە ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان، ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناپ باققان... كۆپچىلىك ساراڭلارچە GPA ئويناۋاتقاندا، مەن خىزمەت ئىزدەپ پىراكتىكا قىلىشنى باشلىۋەتكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئىزدەشنى باشلىغاندا مەن GMAT ئويناپ Master (ئۇستاز) بولۇپ كەتكەن، كۆپچىلىك كەينى كەينىدىن خىزمەت قىلىپ بەزىسى ئاسپرانت ئىمتىھان بەرگەندە بولسا مەن ئىگىلىك تىكىلدىم...»
«بەلكىم ۋاقىت، تەجرىبە ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، مەن كۆرگەن دۇنيا ۋە ئادەملەرمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى، كىشىلىك قىممەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرىۋاتقان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇ يولدا مېڭىپ مۇشۇ يولىنى تاللىغىنىم ئۈچۈن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغان، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مېنىڭ كەلگۈسۈم ئۈچۈن باش قاتتۇرىشىنى ياقتۇرمايتتىم، شۇڭلاشقا ئۆزۈمگە تېخىمۇ زور بولغان كۈچ-قۇۋۋەتنى بېرىپ تاللىشىمدا چىڭ تۇردۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئاستا-ئاستا ئىگىلىك تىكلەش دەرۋازىسىغا قەدەم قويدۇم.  O2O (Online To Offline) يەنى تور ئىشخانا شەكلى ۋە ئىككى ئۆلچەملىك رەقەم قوللىنىش مېنىڭ بىرىنچى تاللىشىم بولىدى. بىراق مۇرەككەپ بولغان ئالاقە تور مەھسۇلاتىغا يۈزلەنگەندە، مەن يەنىلا مەيخانا ئۇچۇر مۇلازىمەت تۈرىنى تاللاپ ئۇنى ئىنچىكە ئايرىشنى قارار قىلدىم...»
«بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشكە ئوخشاش، دەسلەپكى قىزغىنلىق، ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقسىزلىق كېيىن كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى... شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇلارنى يېزىپ سىلەرگە سۇندۇم، ھەمدە ئۆزۈمگە بىر ساۋاق بولۇپ قېلىشىنى، ماڭا ئوخشاش قىزغىن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، تېخىمۇ ئۇزاققا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...»
#p#
1. مەقسەت توغرىسىدا
ھەر بىر ئادەمدە بىر خىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن، ھالبۇكى ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە ناھايىتى ساپ بولغان بىر مەقسەت بولىدۇ، بۇ مەقسەت سىزنى قوللاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ. مېنىڭچە ھەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى، ئۆزىگە مەن ئىگىلىك تىكلەپ نېمىگە ئېرىشىمەن؟ دېگەن سوئالنى قويۇشى كېرەك. چۈنكى سىز بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرىش پەقەت بىر مەزگىللىك قىزىقىش ۋە قىزىققانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇسسۇل، بايلىق، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە جاپاغا چىدامچان بولغان بىر خىل روھ. ئەگەر سىز يۇقىرىقى تەييارلىقنى قىلىپ بولغان شۇنداقلا ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز ھەمدە ئىش باشلىسام بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز ئىككىلەنمەي ئىشنى باشلاڭ.
 
2. ئادەم توغرىسىدا
ئىلگىرى مېنىڭ بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق دېگەن: «سەندە ئېنىق بىر نىشان ۋە مەقسەت بولغاندا، قەلبىڭدىن بىر خىل روھ ئۇرغۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ساڭا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسەن.» بۇ راست. ئىگىلىك تىكلەش ئەمدى باش كۆتۈرگەندە، پۇل يوق، بولۇپمۇ ئادەم يوق. مەن ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى قۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە دوستۇمنى تېپىپ، بىرلىكتە ئىش باشلىغان. بىراق كېيىن ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنىمىزدىن مەسىلە چىقىپ، ئىش ئىلگىرى سۈرۈلمەستىن بەلكى كۆپلىگەن ئىش ۋە ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمنى تونۇپ يەتتىم---پەقەت ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئادەم تېپىش. 
ئەمەلىيەتتە ئادەم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئىش يوق، ھەرگىزمۇ قانچە ئورۇن بولسا شۇنچە ئادەم بولىدىغان ئىشمۇ يوق. ھەقىقەتەن مەلۇم جەھەتتە ئادەم كەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن مۇشۇ تەرەپتىن ئېھتىياج بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئادەم بايلىقى ساقلاش تەييارلىقى كۆرسە بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنىدا ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئانچە ياخشى ئەمەس.
#p#
3. شېرىك توغرىسىدا
مەن شېرىكلىرىمگە ناھايىتى كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنى قۇرغان ۋاقىتتا ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، مەن ئۆزىنىڭ ناھايىتى باياشات تۇرمۇشىنى تاشلاپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىققان بىرسىگە ئۇچراپ قالدىم. ئۇ ماڭا: «ئەگەر سەن بەرداشلىق بېرەلىسەڭ، مەن ساڭا ئەگىشىمەن.» دېدى. بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى ھەرگىزمۇ پۇل ياكى ماددى بويۇم ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق بىر ئېغىز سۆز، بىر ئارزۇ. بىز بىر-بىرىنىمىزگە شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك. مېنىڭچە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇچۇر يېڭىلاش ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر  سىز ۋە شېرىكىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بولمىسا، ياكى شېىرىكىڭىزنىڭ ئىقتىدار ھەقىقەتەن سىز ئويلىغاندەك بولمىسا، كېيىن كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا شېرىك ئىزدىگەندە، شېرىك بولغۇچىنىڭ چوقۇم ئېنىق مەقسىتى بولۇشى --- مەبلەغ چىقىرالامدۇ ياكى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشكە قاتنىشامدۇ. ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش شېرىكى بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئىشەنچ ئەڭ ئاساسى شەرت.
 
4. پۇرسەت توغرىسىدا
ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، مەن «پۇرسەت ئادەمنى ساقلىمايدۇ.» دېگەن سۆزنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مەن ئىلگىرى پەقەت بايلىق، ئادەم كۈچى، تەجرىبە بولسا، پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ئىش باشلىسا بولىدۇ دەپ قارايتتىم. مۇشۇنداق خىيال بولغاندا ساقلاپ تۇرۇش بىلەن باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا كۆپلىگەن كىچىك پۇرسەت بار. ھەر بىر باسقۇچتا، ئۇنىڭغا ماس كەلگەن قوشۇن تەلىپى ۋە بازار تەلىپى بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ باسقۇچتا، بىز زېھنىمىزنى مۇشۇ ئېھتىياجغا قاراتماي، مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىساق، ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىمىزنى داۋاملىق يىغىپ زورايتمىساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا چوقۇم مەغلۇب بولىمىز.
#p#
5. ئېھتىياج توغرىسىدا
مۇنداق بىر ھېكايە بار، ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق دېيىلگەن، بىر كىشى ئۈچ ئايالنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى خوتۇنلۇققا تاللىماقچى بولۇپ، مۇنداق بىر سىناق ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ھەر بىر ئايالغا بەش مىڭ يۈەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىپتۇ... ھەر بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، بۇ ئەرنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بىراق ئەر ئاخىرىدا كۆكسى ئەڭ چوڭ بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا تاللاپتۇ. بۇ مەن ناھايىتى ياقتۇرىدىغان ھېكايە. ئەمدىلا ئىش باشلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت قاتتىق ئېھتىياج بولغاندىلا ئاندىن، خېرىدارنى ئورتاق ئۆزىگە تارتىدۇ. 
ئۇنداقتا قاتتىق ئېھتىياج دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئېھتىياج "كۈچلۈك"، "قاتتىق" دېيىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يەنە نېمە ئۈچۈن"ئاجىز"، "يۇمشاق" بولىدۇ؟ بۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە، يۇقىرىقى ھېكايىدىن ئورتاقلىق تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
6. دەسلەپكى ئۈمىد توغرىسىدا
بۇ بەلكىم ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى يولۇققان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئارزۇسىنى قوغلىشىش جەريانىدا ئىزچىل گاڭگىراپ قېلىپ، ئىش ۋە نىشانغا نىسبەتەن بىر خىل قاتماللىق شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە، دەسلەپكى ئۆزىنى ۋە دەسلەپكى ئارزۇسىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى قولىدىن بېرىپ قويىدۇ، چۈنكى ئۇ قوغلاشقىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان. مەن زادى نېمىنى قوغلىشىۋاتىمەن؟ دېگەننى ئۇنتۇپ قالغان.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دائىم تەرەققىيات جەريانىدا ھەر خىل نەرسىلەر بېشىنى قايمۇقتۇرىدۇ، قانداق قىلغاندا كۆپلىگەن قايمۇقتۇرۇشلار ئىچىدە يەنىلا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى نىشانىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئۆزىنىڭىزدىن كۆپرەك سوراپ بېقىڭ، شىركەت نېمە؟ شىركەت نېمە قىلىدۇ؟ سىز شىركەتتە نېمە قىلىسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم چۈشىنىپ يېتىشكە تېگىشلىك بولغىنى ئۆزى.
#p#
7. ئاخىرقى چەك توغرىسىدا
بۇ بىز ئوقۇغۇچى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يولۇقىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە، كۆپلىگەن ئىشنى ئېيتىشنى خالىمايمىز، قاتتىقلىق بىلەن سۆزلەشنى تېخىمۇ خالىمايمىز. ئەمەلىيەتتە، قاتتىقلىق بىلەن سۆزلەش يۈز قارىماسلىقتىن ياخشى. ئەگەر سىز قاتتىقلىق بىلەن سۆزلىمىسىڭىز، سىزنىڭ ئاخىرقى چېكىڭىز نەدە؟ سىزنىڭ پىرىنسىپىڭىز نېمە؟ مېنىڭ ئاخىرقى چېكىم نەدە؟ مېنىڭ پىرىنىسىپىم نېمە؟ مۇشۇنداق قىلىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە يەنىلا بىر بىرىدىن يۈز ئۆرۈش كېلىپ چىقىدۇ.
 
8. ئۆزۈم توغرىسىدا
ئىگىلىك تىكلەش جەريانى مېنىڭ خىيالىمدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. مەن گۇماننى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىككىلىنىپ باققان، بىراق بەختكە يارىشا، مەن ۋاز كەچمىدىم. مەن قولغا كەلتۈرگەن ۋە قولدىن بېرىپ قويغاننى يەكۈنلەشنى ئۆگەندىم، ئىزچىل ئۆگىنىپ، ئۆزۈمدىن ئېشىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلدىم. بىز ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىققا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ، چۈنكى مۇشۇ قىيىنچىلقنىڭ كەينىدە بىز كۆپلىگەن پۇرسەتكە ئېرىشتۇق. مەن يەنىلا O2O ئىنچىكە ئايرىشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئۇزاق مۇساپە بېسىشنى ئۈمىد قىلىمەن.....
 
ئاخىرقى خەت
سىلەرنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولغاچقا مەن تېخىمۇ ئۇزاق ماڭدىم.
ياخشى بولغىنى بىز تېخى ياش، بىزدە ئارزۇ ئۈمىد بار، بىر سىناپ باقساق بولىدۇ، بۇ بىزگە تەجرىبە ساۋاق ئېلىپ كېلىپ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي ئىپادىلىشىمىزگە پۇرسەت ئېلپ كەلدى. ئوتاقلاشقىنىڭلارغا رەھمەت!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى